Yatmix يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 17:13:19

كومپيۇتېر ساھەسىدە بازار ئېچىش توغرۇسىدا يول كۆرسەتسەڭلار


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر-دوسىتلار!   

مەن بىر قېرىندىشىم بىلەن تەڭ مەبلەغ چىقىرىپ پايدا-زىيانغا تەڭ شىرىك بولىدىغان قىلىپ يېڭىدىن بىر ئېلان- بېزەكچىلىك دوكىنى،ياكى مەخسۇس كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېرئۈسكۈنىلىرى سېتىش، باغاق بېسش،ئىسىم كارتىسى ئىشلەش،توردىن مال ئېلىش،ئېمتىھانغا پۇل تۆلەش.....قاتارلىق ئىشلاردا ئازراق پۇل تاپاي دېگەن .بولسا مۇشۇ سودىنى قىلىۋاتقان ياكى خەۋەرىرى بار قېرىنداشلارنىڭ قايسى ساھەگە
كىرسەم سودىنى يۈرۈشتۈرگىلى بۇلىدىغانلىقىنى،خېرىدارنى قانداق تېپىش ۋە باشقا ئىشلاردا مەسلىھەت بەرسەڭلار؟
دۇكاننى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ ئاچساق ھەر ھالدابۇ بازاردىن رىسقىمىزنى تېپىپ يەرمىز، دەيمەن. شۇنداقتىمۇبۇ بازارنى قانداقئېچىش توغىرىسىداتەجرىبىلىك دوسلىرىمىزنىڭئەقىلىگە، يول كۆرسىتىشىگە، پىلانىغائېھتىياجلىق بوپ تۇرۇپتىمىز. ‹‹يول بەرگىن يول ئىزدىگەنلەرگە››دىگەن ئەقىدە بۇيىچەھەر قايسى دوسىتلىرىمىزنىڭ مۇشۇ ئېلان-بىزەكچىلىك دوكىنىنىڭ بازىرىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئېچىشتوغرىسىدا بىر-ئىككى ئېغىزپاراڭ قىلىپ بېرىشىنى ئۆتىنىمىز.

قېنى، ئەمىسە سىلەرگە قاراپ قالدۇق.مەرھەممەت!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 19:49:17

باغاق بېسىش دېگەن ئىشقا كۆپەيتىش، رەسىمگە تارتىپ يۇيۇپ چىقىرىپ بېرىشنىمۇ قوشۇۋالماي..

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-14 22:10:09

       جاپاغا چىداپ سەۋرچان بولسڭىز پايدا يۇپۇرۇلۇپ كىلىدۇ ، بوش تۇرغانغا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ ، سەل خاسلىققا ئىگە قىلسىڭىز ياخشى ، تۈرلەر بەك كۆپ بولسا يىتىشەلمەي خېىردار قاچۇرۇپ قۇيىسىز ،،،،
   مەنغۇ بۇ ئىشلارنى 5-6 يىل قىلغان ، ھازىر چىكىنىپ چىقتىم ، كومپىيوتېرنىڭ ئالدىغا كەلسەملا بېشىم ئاغرىيدىغان بۇلۇپ قالغان .....
    مەن دەسلەپتە يانفۇنغا پۇل قاچىلاشتىن تارتىپ يانفۇن سېتىش ، توك سايمانلىرى ، كومپيىيوتېر ئۈسكۈنىلىرى ، ، رەسىمگە تارتىش ، باغاق بېسىش ، خەت ئۇرۇش ، تەرجىمە قىلمايدىغان ئىشىم يوق ئىدى .....
ئۆزەمنىڭ مۇقىم خىزمەت ئورنۇم بولغاچقا ، دۇكانغا باشقىلار قارايتتى ، ئەمما ئىشلارنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئۆزەم بىجىرىدىغان بولغاچقا ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلرىمدا بەك ھېرىپ كىتەتتىم ....
ياناۇن بازىرى ، كومپىيوتېر بازىرى ، خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ، ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى پىپاسى ۋە بىزەكچىلىك شىركىتى ئارىسىدا قاتراپ ھالىم قالمايتتى .....
      ھازىر دۇكاننى ئۆتكۈزىۋېتىپ ، بىكار بولسام باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن ، كاللام جىق ئارام تېپىپ قالدى...
    لىكىن جاپاغا چىدىسا ئايادا 4-5 مىڭغا ئىشلەشتە گەپ يوق ....

    دۇكان ئورنى بەك مۇھىم ، ، قىممەت بولسىمۇ ياخشى ئۇرۇننى تاللاڭ ، يانفۇن ساھەسىگە قىزىقماڭ ، پايدىسى ئاز ، غەلۋىسى جىق ، سىز بىر سىتىپ بۇلۇپلا ئىگە بولمايدىغىنى بولسىڭىز ساتسىڭىز زىيان تارتمايسىز .....

ئىجادىيەت ئىقتىدارىڭىز ياخشى بولسا ئېلان بىزەكچىلىك مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان كەسپ ، ئاندىن باغاق بېسىش ، كىنىشكا رەسىملىرىنى چىقىرىش ، يۇمشاق دىتال قاتارلىقلارنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ .......كومپيوتېرىنىڭ قاتتىق دىتال ۋە يۇمشاق دىتال كاشلىلىرى ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفۇنلارنىڭ كاشىلىرى ، تور تارتىش ، كامىرا ئورنىتىش ، تالۇن ، ئىسم كارتۇچكىسى ياساش ....دىگەندەك ئىشلارنى قىلسىڭىز بۇلىدۇ ، ئىشلارنى تەشۋىقاتنى كۆپ قىلىپ ۋاقتىڭىز چىقسا دۇكانلارغا بېرىپ خېرىدارلارنىڭ سىزگە ئىھتىياجلىق بولغان تۈرنى تېپىپ چىقىپ قىزىقتۇرسڭىز بۇلىدۇ ...ھازىر تۇنۇشتۇرۇپ سېتىش بەك مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ .....

   ئاندىن سالامەتلىگىڭىزنى ئاسراڭ ، ئاخشىمى بالدۇر ئۇخلاپ ، ئەتىسى سەھەر تۇرۇڭ ، كومپىيوتېر ساھەسى ئىبادەت ئىشلىرىغا بەك دەخلىسى بار ، بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىڭ ، ئاللاھ سىزگە ئەجىر بەرسۇن ، تەۋەككۈل قىلىپ قىلىڭ ...

Pirkat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 02:47:00

بەك جىق گەپ قىلاي دىگەن ، ۋاقىت قىس ، مۇھىم نۇقتىللىرىنىلا دەپ بىرەي .
ئېلانچىلىقنىڭ جىنى لايىھە دىسەك ، رەڭ تۇيغۇسى ئۇنىڭ قىنى ، ئۇنىڭدىن قالسا سۈپەت بىلەن ۋاقىت .
گەپ سۆزلىرىڭىزدىن قارىسام ئېلانچىلىقنى چۇشەنمەيدىكەنسىز . ياخشىسى ئەڭ ئاۋال چوڭراق ئېلان شىركەتتە شاگىرت بولۇپ 3 يىل ئىشلەڭ . ئاندىن بۇ كىچىككە كىرىڭ ،

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 08:23:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-15 08:25

كومپىيۇتېر ساھەسى ئالدىنقى يىللاردىن خېلى جىمىپ قالدى. ئېھتىمال ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلفون ، پەد قاتارلىقلار تەسىر كۆرسەتكەن بولسا كېرەك.ئەمما چىداملىق بولۇپ ،ئاخىرغىچە قىلمىسڭىز خەق زىيانغا ئۇچراپ قالىدۇ. 3 يىل كاپالەت دەپ سېتىپ 3 - يىلىغا بارغاندا چېكىنىپ چىقسىڭىز بولمايدۇ(چاقچاق):lolماللارنى خىل يېڭى ،تولۇق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ ،ئالاھىدە خاسلىقنى ساقلاشقا تىرىشىڭ.
بەت: [1]
: كومپيۇتېر ساھەسىدە بازار ئېچىش توغرۇسىدا يول كۆرسەتسەڭلار