matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 13:17:33

سانلاردىكى قانۇنىيەتلەر (1)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   matimatika تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-13 13:29  

بارلىق رەقىمى 3 تىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلار كۇۋادېراتىنىڭ قانۇنىيىتى

     بارلىق رەقىمى 3 تىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلار كۇۋادېراتىنىڭ ئۆزگىچە قانۇنىيىتى بار بولۇپ ، بۇ قانۇنىيەتنى پۇختا ئىگىلىۋالساق ، مۇناسىۋەتلىك ھېسابلاشلارنى ھەم تېز ھەم توغرا ئورۇنداپ كىتەلەيمىز. تۆۋەندە بۇ قانۇنىيەت بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
   ئالدى بىلەن بىر ئەمەلىي مىسال كۆرۇپ ئۆتەيلى:

  1089=2^33
110889=2^333
11108889=2^3333
1111088889=2^33333
.............................
89...1088....11=2^...33

ئەسكەرتىش:
2^33 بولسا 33نىڭ 2-دەرىجىسىنى (كۇۋادېراتىنى) بىلدۇرىدۇ، باشقىلىرىدىمۇ مۇناسىپ ساننىڭ كۇۋادېراتىنى بىلدۇرىدۇ.

يۇقارقى مىساللار ئارقىلىق بارلىق رەقىمى 3 تىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق سانلار كۇۋادېراتىنىڭ قانۇنىيىتىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ.
      بارلىق رەقىمى 3 تىن تۈزۈلگەن كۆپ خانىلىق ساننى n خانىلىق سان ( 2 دىن كىچىك بولمىغان) دېسەك ، ئۇ ھالدا بۇ سانلارنىڭ كۇۋادېراتى 2n  خانىلىق سان بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىرلەر خانىسىدە چوقۇم 9 بولىدۇ، ئونلەر خانىسىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 9 بىلەن 0 نىڭ ئارىسىغا n-1 خانە قوشىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ رەقەملىرى 8 بولىدۇ، يەنە 0 نىڭ ئالدىغا ( سول تەرىپىگە )  n-1 خانەقوشىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ رەقەملىرى 1 بولىدۇ.

http://www.blogbus.com/matimatik-logs/38994249.html
بەت: [1]
: سانلاردىكى قانۇنىيەتلەر (1)