pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 14:35:58

رەھمەت ساڭا، ۋېنگىرىيە

ۋاققاس مەمېدىنوۋ.

قېرىنداشلىق رىشتىلىرى  ھەرقانداق خەلقنىڭكىگە ئوخشاش، ۋېنگىر خەلقىنىڭمۇ ئېتنىكىلىق كېلىپ چىقىشى ۋە مەنبەسى يەنىمۇ خېلى تەتقىقاتلارنى تەلەپ قىلىدىغىنى ئېنىق. مەلۇمكى، ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ خەلقى، مىللىتى، ۋەتىنى توغرىلىق بىلگۈسى، ئەجدادلىرىنىڭ ھاياتى ۋە تارىخى ھەققىدە مەلۇماتلارنى توپلىغۇسى كېلىدۇ. تەكىتلەش لازىمكى، ۋېنگىر خەلقىنىڭ ئېتنىكىلىق كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئىزدەش مۇرەككەپ جەريان ھەم ئۇ ۋېنگىرلارنىڭ ئەپسانىلىرى ھەم رىۋايەتلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىق. ئەينى شۇنداق رىۋايەتلەرنىڭ بىرىگە مۇۋاپىق، نىمرود ئىسىملىك ئۇلۇغ ئۆۋچىنىڭ ئوغلى خامنىڭ قوش گېزەك ئوغۇللىرى بولغان ئىكەن. بىر كۈنى ھېلىقى ئىككى يىگىت «ئاجايىپ ئولېنىسانى» كۆرۈپ قالىدۇ-دە، ئۇنى ئازوۋ دېڭىزىغىچە قوغلاپ كېلىدۇ. مۇشۇ يەردە ئۇنىڭ ئىزىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بىراق يىگىتلەر بۇ يەردە باشقا چىرايلىق قىزلارنى ئۇچرىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھۇنار ۋە ماگور ئۆز خەلقلىرىنىڭ، يەنى ھونلار بىلەن ماجارلارنىڭ ئاتىسى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ھونلاردىن كېيىن ياۋروپاغا كەلگەن تۈركىي خەلقلەر ئۇ يەردىكى ئاھالىگە كۆپ تەسىر قىلغان. تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىي تەسىرلىرى ۋېنگېرلارنىڭ ھاياتىدا، تىلىغا ئۆز ئەكسىنى تاپقان. مەسىلەن، ۋېنگىر تىلىدا 500گە يېقىن سۆز قەدىمىي تۈرك تىلىدىن كىرگەن ئىكەن. تەكىتلەش لازىمكى، بولۇپمۇ مادىيارلارغا دون دەرياسىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ھەم كاسپىي ۋە قارا دېڭىزلىرىنىڭ ئارىلىقىدا ھۆكۈم سۈرگەن ئونئوغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ («ئون ئۇيغۇر») تەسىرى كۆپ بولغان. ياۋروپانىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشقان، 1000 يىلغا يېقىن تارىخى بار ۋېنگىرىيە دۆلىتىنى كۆچمەن خەلقلەر ئىچىدە غەربىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئەڭ كۆپ سىڭدۈرگەن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

مەلۇمكى، ۋېنگىر قەبىلىلىرىنىڭ تارىخى ئۇلارنىڭ ياۋروپا يېرىدە دۆلىتىگە ئېگە بولۇشىدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى باشلىنىدۇ. يەنى ئۇلارنىڭ تارىخى شەرقتە، ئېنىقراقى، مەركىزىي ئاسىيا تېررىتورىيىسىنىڭ شەرقىدە باشلانغان. ۋېنگىرلار ئېتنوگېرېيىسىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئالتاي ئۆلكىسىنىڭ، زامانىۋى قازاقىستاننىڭ ھەم مەلۇم دەرىجىدە ئۆزبېكىستاننىڭ تېررىتورىيىسىدە باشلىنىدۇ. بۇ جەريانلارغا، كۆپ جەھەتتىن تارىم ئويمانلىقىدا ياشىغان خەلقلەرنىڭمۇ تەسىر قىلغانلىقى مەلۇم. شۇڭلاشقا ۋېنگىرىيە دائىم تۈرك دۇنياسىغا يېقىن بولغان ھەم ھەر يىلى مۇشۇ ماۋزۇغا بېغىشلانغان ئېتنوفېستىۋال)مىللىي بايرام( ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ يىلمۇ 5 — 15-ئاۋغۇست كۈنلىرى ۋېنگىرىيەنىڭ بۇگاچ شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا «ھۇن ۋە تۈرك خەلقلىرىنىڭ  قەبىلىلەر يىغىنى، قەدىمىي ئەنئەنىلەرنى ساقلاش بايرىمى —4 قۇرۇلتىيى» ئۆتتى. چارە-تەدبىرلەر، ئاساسەن، كىشكۇنشاگ مىللىي مەيداندا ئۇيۇشتۇرۇلدى.

ھازىر مەزكۇر قۇرۇلتاي ۋېنگىرىيەدە ئەنئەنىلەرنى ساقلاش بويىچە ئەڭ چوڭ بايرام ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلتايغا، شۇنداقلا تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن مۇناسىۋەتلىرى زىچ بولغان قېرىنداش خەلقلەرمۇ تەكلىپ قىلىنىدۇ.

قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش تەنتەنىسىدە مىللىي كىيىملەرنى كىيگەن، قوراللانغان ۋېنگىرلار مېھمانلار ئالدىدىن سەپ تۈزەپ ئۆتتى. ئەمدى مەخسۇس پاراتتا بولسا، چەۋەندازلار ئۆز ماھارىتىنى ۋە كۆكپارنى نامايىش قىلدى. بۇ كۈنى شۇنداقلا ئۇلۇغ تەڭرىگە سىغىنىشنىڭ رەمزلىك ئەنئەنىسى كۆرسىتىلدى. ئاساسىي چارە-تەدبىرلەر ئۆتكەن جايدا ھەربىر خەلقىنىڭ مىللىي ئۆيلىرى بەرپا قىلىنىپ، ئۇ يەردە ھەرخىل مىللەت ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنى، مەدەنىيىتىنى، تۇرمۇش-تىرىكچىلىگىنى نامايىش قىلىش پۇرسىتىگە ئېگە بولدى.

تەكىتلەش لازىمكى، مەزكۇر قۇرۇلتاي بۇيىل تۆتىنچى قېتىم ئۆتۈۋاتىدۇ ھەم ئۇنى ئۆتكۈزۈشنىڭ تەشەببۇسكارى ۋېنگىر تەبىئەت مىراسگاھى ئانتروپولوگىيە بۆلۈمىنىڭ ئىلمىي خادىمى، ئالىم ئاندراش ژولتا بىرو بولدى.

بۇ يىل قۇرۇلتايغا 25 دۆلەتتىن 170 مىڭغا يېقىن ۋەكىل كەلدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە قازاقىستان ۋەكىلى ئەڭ كۆپ تەركىبتە بولدى. دوستمىز ئاندراش بىرونىڭ تەكلىپى بىلەن مېنىڭ رەھبەرلىكىمدە ئۇيغۇر ۋەكىلىمۇ قۇرۇلتاي ئىشىغا پائال قاتناشتۇق. بىزنىڭ ۋەكىللەر تەركىبىدە چېلەك يېزىسىدىن سازەندە ئابدۇسەمەت ۋاسىلوۋ، رەسسام ھەم سازەندە ئابلىمىت سېيىتوۋ، ئاتاقلىق رەسسام ھاشىمجان قۇربانوۋ، تايىر باراتوۋ رەھبەرلىكىدىكى «تۈركاز» ئۇسسۇل توپى، ستۇدېنتلار ئابباس مەمېدىنوۋ ۋە خۇشيار ھوسمانوۋ بولدى. بۇداپېشتتا ئۆتكەن چوڭ قۇرۇلتاي پەيتىدە بىز شۇنداقلا چەت ئەللەردىن كەلگەن رەھىمە ماخمۇت (لوندون)، قەيسەر ئوزغۇن (سىتوكھولم)، گۈلنىسا تېيىپوۋا (ئەنگلىيە) ۋە تۈركىيەدىن، گېرمانىيدىن، فىرانسىيەدىن، فىنلاندىيەدىن، تاتارىستاندىن، بېرىتانىيەدىن، ئەزەربەيجاندىن كەلگەن قانداشلىرىمىز بىلەن تونۇشتۇق.

بۇداپېشتقا بولغان سەپىرىمىز داۋامىدا ۋېنگىرىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ يەردە بىز پارلامېنت رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى شاندور لېژاك، ۋېنگىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېشكېنى ئېرنو بىلەن دىدارلاشتۇق. ئۇچرىشىشتا سۆز ئالغان پارلامېنت رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى شاندور لېژاك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە ئۆز تەشەككۈرىنى ئىزھار قىلدى. ئۇيغۇر ۋەكىللىرىگە بولغان مۇراجىىتىدە بىزنىڭ تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى قېلىپلاشقان جىددىي ئەھۋال ھەققىدە بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، خەلقىمىزگە ئۇتۇق تىلىدى. بىز بۇ مۇراجىئەتنى ناھايىتى چوڭ ھېس-تۇيغۇلار ئىلىكىدە قوبۇل قىلدۇق.

نۆۋەتتىكى يىغىندا ئاندروش بىرو قەدىمىي تۈرك خەلقلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان مىللەت ۋەكىلى سۈپىتىدە ماڭا بىرىنچى سۆز بەردى. بىز، قازاقىستان ۋەكىلى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىللىرى، قازاق خەلقىگە مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى تەكىتلىدۇق. بۈگۈنكى تاڭدا قازاقىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان بارلىق مىللەتلەرگە، شۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ تەرەققىي ئەتكۈزۈش ئۈچۈن بارلىق شارائىتلار يارىتىلغان. ھازىر، يەنى دۇنيادىكى جىددىي ئەھۋالغا قارىماي، مەزكۇر قۇرۇلتاي دۇنيا خەلقلىرىنى تارىخىي ۋە مەدەنىي قەدرىيەتلەر ئاساسىدا بىرلىشىشكە چاقىرىدۇ. مېنىڭ پىكرىمچە، قەدىمدىن كېلىۋاتقان ئەنئەنىلەر بىر-بىرىگە ماسلىشىپ كەتكەن. بۇ يەردە غەرب بىلەن شەرق مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئۈلگىلىرى ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا. سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلتاينى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا ئۆز تەشەككۈرۈمنى ئىزھار قىلىپ، شاندور لېژاكقا ئۇيغۇرلارنىڭ تەمبۈرىنى تەقدىم قىلدىم.

قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي چارە-تەدبىرلىرى ئۆتكەن جايدا ئۇيۇشتۇرغۇچىلار كۆچمەنلەرنىڭ مەھەللىسىنى بەرپا قىپتۇ. بۇ يەردە چەۋەندازلارنىڭ پاراتى ئۆتتى. قەدىمىي ھونلارنىڭ، ماجارلارنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەن، قورال-ياراغلىرىنى ئېسىۋالغان 200دىن ئوشۇق چەۋەنداز ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى. ئەتىسى مۇشۇ جايدا »ئاتتىلا» كىگىز ئۆيىنى رەسمىي ئېچىش تەنتەنىسى ئۆتتى. مەزكۇر كىگىز ئۆيى كۆلىمى جەھەتتىن ناھايىتى يوغان بولۇپ، يىغىلغانلارنىڭ زور قىزىقىشىنى ھاسىل قىلدى. مەيدان ئوتتۇرىسىغا ئېگىزلىكى 7 مېتىر «ھايات دەرىخى» تىكىلىپ، بۇ يەردە ماجارلارنىڭ تۈرك خەلقلىرى بىلەن يېقىنلىغىنى كۆرسىتىدىغان بايراقلار ئىلىندى.  مۇشۇ مەيداندا بىزمۇ «ئۇيغۇر ئۆيىنى» ياسىدۇق. بۇ يەردە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىدىن دېرەك بېرىدىغان چوڭ سۈرەتنى ئىلىپ قويدۇق. «ئۇيغۇر ئۆيىدە» رەسساملار ھ.قۇربانوۋنىڭ، ئا.سېيىتوۋنىڭ، ر.يۈسۈپوۋنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ، كىتابلارنىڭ، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ، مىللىي ساز-ئەسۋاپلارنىڭ كۆرگەزمىسىنى ئۇيۇشتۇردۇق.  تەكىتلەش لازىمكى، بىزنىڭ ۋەكىللىرىمىزنى كىتابلار ۋە باشقىمۇ ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشتە «ئىنايەت» ئۇيۇشمىسى كۆپ ياردەم قىلدى. ئەمدى «ئۇيغۇر ئۆيىنى» بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى رەسسام گۈزەل مەمېدىنوۋا كۆتۈرگەن ئىدى. رەسسام كۈرەش زۇلپىقاروۋ ئۇنى ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۈچ كۈن داۋامىدا «ئۇيغۇر ئۆيىدە» ساناي، كاناي، نەي ئاۋازى ياڭراپ تۇردى. ياش ئۇسسۇلچىلىرىمىزنىڭ كەسپىي ماھارىتىمۇ ھەممىنى قايىل قىلدى.

قۇرۇلتاي ئۆتكەن ئون كۈن داۋامىدا بىز ئۆزبېكىستاندىن، تۈركىيەدىن، قىرغىزىستاندىن، تاتارىستاندىن كەلگەن ۋەكىللەر  بىلەن تونۇشۇپ، ھەمسۆھبەتتە بولدۇق. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا، مەدەنىيىتىگە، تارىخىي ۋەتىنىمىزدىكى ئەھۋاللارغا بولغان قىزىقىشى، بىزنى قوللاپ-قۇۋەتلىشى ناھايىتى خۇشال قىلدى. شۇنداقلا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئىللىق مۇناسىۋىتىمۇ قەلبىمىزدە ياخشى تەسىرات قالدۇردى. مۇشۇ يەردە بىز بىلەن قۇرۇلتايدا بىللە بولغان ئىسلام ئارزىېۋنىڭ ۋېنگىرىيە تېلېۋىزىيىسىگە بەرگەن سۆھبىتىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى كەلتۈرۈشنى توغرا كۆرۈۋاتىمەن:

مۇشۇ قۇرۇلتايدا مەن چەتئەللىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان ھۆرمىتىنى، قىزىقىشىنى ھەم ھېسداشلىقىنى تولۇق ھېس قىلدىم. ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغىنىمغا مەغرۇرلىنىمەن»، دېدى ئىسلام.

ماقالەمنىڭ ئاخىرىدا بىزنى دوستانە كۈتۈۋالغان مېھماندوست ۋېنگىرىيەگە، قۇرۇلتاينى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا ئۆز تەشەككۈرۈمنى ئىزھار قىلماقچىمەن. مۇشۇ كۈنلەر داۋامىدا بىز ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداش تۈرك خەلقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى، تارىخى ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلارغا ئېگە بولدۇق.  بۇنى قۇرۇلتاي ئىشىنىڭ ئاساسىي نەتىجىسى دەپ بىلىمەن.

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 16:04:09

ۋېىنگىريە خەلقىگە رەھمەت ،قاراقىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار شۇنداقلا ئۆزىمىزنى تەبىرىكلەيمەن.تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 16:23:41

باشقىلار ھۇنگىرىيە دېسە بىزلا ۋېنگىرىيە دەيدىكەنمىز.

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 17:23:56

بەكلا قۇتلۇق ئىش بوپتۇ. مىللىتىمىزنىڭ ياخشى ئىشلىرى دىيارىمىزدىلا ئەمەس  خەلقئارادىمۇ  تېخىمۇ كۆپرەك تارالسۇن.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 17:29:05

ھەممە مىللەت، دۆلەتتىتن بارغانلار جەڭچىلەردەك كىينىپ ئات، قىلىچ ئوقيالار بىلەن نومۇر كۆرسەتسە  ئۇيغۇرلار ئارتىسلاردەك رەڭدار كىيىملىرىنى كىيشىپ، راۋاپ دۇتتارلار بىلەن نەغمە قىلىپ ئۇلارغا ئويۇن قويدىكەنمىز. بىز ئات مەنمەمدۇق؟ دۇتتار تەمبۇرغا كۆنگەن قوللار ئوقيا قىلىچلارنى تۇتالماس بولۇپ قالدىمۇ؟ ھەر قىتىم مۇشۇ قۇرۇلتاينىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرسەم ئىچىم بىر خىل بولۇپ قالىدۇ.  ۋەتەندىنغۇ بارغىنى قويمىسۇن، قازاقىستان، قىرغىزىستان تەۋەسىدىنمۇ بىر ئات مىنىپ  قىلىچ پالتا ئوينىتىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى سىماسىنى ئازراق بولسىمۇ ئەسلىتىدىغان 10 يىگىت چىقمامدۇ دەيمەن. {:97:}

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 18:16:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uchkur1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-20 18:18  

تەپەككۇرچىغا  ،ياق بىز  قانمىدۇ، قىسقىسى بىز دولانلىقلار قانمىدۇق (دولانلىقلار )دىگەن ئەسەردىن ئ‍ېلىندى ، ئ‍ۇنداق دىسىڭىز ناخشا مۇزىكا بىلەن مىللەتنى دۇنياغا تونىتمىز دەپ جار سالىدۇ،
يا مۇزىكىدا فىرانسىيەللىكتىن ئ‍اشالمىدۇق
يا ئ‍ېتقاتتا ئ‍افىغانلاردەك بولالمىدۇق
پەقەت پەن تېخنىكا ساھاسىدە بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك كىشلىرىمىز ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ۈمۈت شامىنى ياندۇرۇپ تۇرۇپتۇ ،شۇنداق بىز باشقا تاھىپىلەرنى يارتمايمىزيۇ ئ‍ۇلار ئ‍ۆز ئ‍ېتقادىدا تەۋرەنمەي تۇرالىدى بىز ھېسياتمىز ئ‍ەقىلنىڭ ئۈستىگە مىنىۋالغان كاللىمىز بىلەن مەن مۇسۇلمان دەيمىزيۇ ھاراق ھارام تۇرسا ئ‍ىستىمال قىلىمىز
قىز ئ‍اياللارنى ھۆرلەردەك تۇتڭلار دىگەن ئەمەلگە
ئ‍ەمەل قىلماي ،قەدىمىقى ئ‍ۇسۇلچى چاكارلاردەك
باشقىلارنىڭ ئ‍ىش پۇشقى ئ‍ۈچۈن ئ‍ۇسۇلغا سىلىپ
ھۇزۇرلىنىپ بوپ مەن مۇسۇلمان دەپ تۇرۋالمىز
شۇنداق  بىزدە بىر ھاياجان ھېسيات باركى ئ‍ۇ ھەرزامان ئ‍ەقىلنى بىسىۋالىدۇ ،شۇنداق بولغاچقا
ھاراقنى ئ‍ىستمال قىلالايمىز قىزلىرمىزنى قۇل دىدەكتەك يات مىللەتكە ئ‍ۇسۇلغا سەپ بىرىپ
پەخىرلىنە لەيمىز  ،بىزدە شۇندائ ئ‍ئ‍ىككى ئاجىزلىق
بارلىقىنى ھېس قىلدىم
بىرنچىسى ئ‍ېتقاتتا چىڭ تۇرالماسلىق  (دىنى ئ‍ئ‍ىتقاتنىلام ئۆز ئىچىگە ئ‍المايدۇ  بارلىق بىز توغرا دەپ قارىغان كۆزقاراشلارمۇ ھەم (
ئ‍ئ‍ىكىنچىسى ھېسيات  ئەقىلنىڭ ئۈستىگە مېنىۋالغان
مۇشۇ ئىككى ئىشنى تۈزەتسەك ئاساسى جەھەتتە چوڭ مەسەلە يوق

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 18:23:47

  بۇ بىر مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش فېستىۋالى ئىكەن ، كاللا دىسە پاقالچەك دەپ ...

باشقىلاردىن ۋايسىماي ئۆزىمىز دىككىدە چىقىپلا  قىلىۋەتمەمدۇق ئارزۇ قىلغىنىمىزنى ...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 18:26:14

ۋاڭ دۇراك سىلىمۇ ھېلىقى خىيدايى لىرى بىلەن موما خەيلىرىنى كىيىپ چىققان ئوخشىماملا

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 18:28:28

دۇراك ئ‍ەپەندى مەدىنىيەت دىگەن ناخشا ئ‍ۇسۇل دېگەن گەپ دەپ خوتەن قەشقەرگە ناخشا ئ‍ۇسۇل سارىي سەپ بەگەنلىگە ئوخشاش گەپ قىلماي مەدىنىيەت دىگەن ئ‍ۇقۇمنى بىر ئ‍ورتاقلاشمايلىمۇ  نىمە زادى مەدىنىيەت دىگەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 19:33:16

قۇتلۇق ئىش بوپتۇ

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 20:28:39

ئاساسىي مەزمۇن زادى نىمە؟  چۈشەنمىدىم

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 21:14:10

170 مىڭ ئادەم قاتناشقان بولسا بەك ھەيۋەت ئۆتكۈزۈلگەن ئوخشىمامدۇ بۇ قۇرۇلتاي؟

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 21:17:30

ياخشى ئىش بوپتۇ،مەمنۇن بولدۇق.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yasineli يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 23:29:51

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 16:23 static/image/common/back.gif
باشقىلار ھۇنگىرىيە دېسە بىزلا ۋېنگىرىيە دەيدىكەنمىز.

  باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بەك مۇھىم ئەمەسمىكىن، ئىنگىلىزلارمۇ   中国   China 北京 Peking ...... دەپ ئاتاپ ئىشلىتىدىكەن.

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 23:44:25

yasineli يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 23:29 static/image/common/back.gif
باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشى بەك مۇھىم ئەمەسمىكىن، ئىنگى ...

توغرا، باشقىلارنىڭ قانداق ئاتىشى مۇھىم ئەمەس، ئەمما، قانداق ئاتىسا توغرا بولۇش مەسىلىسى مۇھىم
ھۇنگىرىيە -سۆز تۇمۇرى ھۇن،  ھۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.   مېنىڭچە ئالىپ ئەپەندى مۇشۇنى كۆزدە تۇتقان گەپ

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 14:24:39

     ۋېنگىرىيە دىگەن ئاتالغۇ بىزگە رۇسلاردىن بۇزۇلۇپ كىرگەن ، ئەسلى ئۇنگارىيە - ئون ئۇگۇرىيە .

ئۈستىدىكى تورداشلار سىلەرنىڭ بۇ جەھەتتە پەقەت ئىلمىڭلار يوق بىلجىرلايدىكەنسىلەر ، بۇ جەھەتتە مانا مەن دىگەن تۇلخوتۇنلارمۇ سىلەرگە قول بەرگىدەك دەرىجىدە بوپتۇ ، لېكىن مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي :

  1983-يىللىرى مابەينىدە جوڭگو  مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دۇياشوڭ ئەفەندى ۋېنگىرىيەگە شۇ يەرنىڭ يەرلىك كۈيلىرىنى ئۈگەنگىلى بارغان ، دۇياشوڭ ئەفەندى ئەسلى غەربى- شىمال مىللەتلىرى خەلق كۈيلىرى تەتقىقاتچىسى بولۇپ ، شۇ يەردە ۋېنگىرىيە خەلق ئاھاڭلىرى بىلەن ئېلىمىزنىڭ گەنسۇدا ياشايدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار - يۈگۇرلارنىڭكىگە ( ئۆزلىرىنى « يوگۇر - ئوگۇرلار » دەپ ئاتايدۇ ) بەك ئوخشايدىغانلىقى ئۇنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرغان ، مانا مۇشۇ ۋەقە ئۇيغۇرلار بىلەن ئونگىرلارنىڭ ئەسلى بىر تۇققان ئىكەنلىگىنى ۋە بۇ ئىككى مىللەت سېلىشتۇرما تەتقىقاتچىلىقىنىڭ پەيدا بولىشىغا يول ئاچقان ، شۇڭا ئونگىرىيەلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر كۈيلىرىگە ھېرىسمەن بولىشى تەبىى ، ئۇلار سېنى ناخشا- كۈيلىرىمىز توغرۇلۇق مەدىنىيەت ئالماشتۇرايلى دەپ چاقىرسا سەن قوپۇپ مەن رېتسار ، ئات مىنەتتىم ئوقيا ئاتاتتىم دەپ تۇرىۋالساڭ خەلقارا ئەدەپ -ئەخلاققا قانداقمۇ ئۇيغۇن كەلسۇن ؟!
...

مانا بۇ تۆۋەندىكىسى مەنبە ، ئېغىر - بېسىق ھالدا ئوقۇغايسىلەر :

裕固族西部民歌和匈牙利民歌相似的原因

  【摘要】:正 今年四月初,匈牙利《人民自由报》记者班萘迪·伊斯特万·高堡(B.I.Gabor)采访了中国音乐学院音乐学系讲师杜亚雄。当杜亚雄把他搜集的裕固族西部民歌录音放给高堡听时,高堡不但听懂了其中个别词句,而且能够说出这是一首什么歌。这不仅使在场的同志感到惊奇,连高堡自己也深为不解。为什么裕固族西部民歌和匈牙利民歌竟会如此相似呢?据历史学家研究,生活在我国河西走廊中部的西部裕固人是古代回鹘一支的后裔。①回鹘又称回纥,
...

http://www.cnki.com.cn/Article/CJFDTotal-ZGMU198503013.htm

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 14:33:29

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا توردا بىر سىننى تاساددىپى كۆرۈپ قالدىم. چېركاۋدا 2 ئۇيغۇرنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. يىگىت ئۇيغۇرچە سۆزلىدى. تەرجىمان ئۆرۈپ بەردى. مەزمۇنى: «بىز ئايرىلىپ ياشاۋاتىمىز، ئەمما يىلتىزىمىز بىر...»كىيىن ئاق تەنلىكلەر قۇچاقلاپ كۆرۈشتى. ھەممە بەك ھاياجانلانغان ئىدى...
ئەپسۇس، چۈشۈرۋالماپتىمەن.

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 14:54:16

ھونگىريە  {:112:}{:112:}

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 15:22:00

دۇراك ئ‍ەپەندى بىز بۇيەردە مەن بەك بىلىملىك ئ‍ۇنداق بۇنداق دىگەن گەپ قىلىمقدۇق پەقەت ئ‍ۆزىمىزنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلى بويىچە تەپەككۇر قىلدۇق  ،ھەم سىزنىمۇ بىزدەك تەپەككۇر قىل دەپ مەجبۇرلىمىدۇق ،سىزمۇ توردىكى مەلۇم بىر چاپلىمىنى پوككىدە چاپلاپ مۇنداق ئ‍ىسپات دىسڭىز
سەل ھەيران قالدىم ،ئ‍ۇككىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر،
مەن شەرقىي ئ‍اسىيالىقلارنىڭ ئ‍ىسپات تارىخلىرغا ئ‍انچە قىزىقمايمەن ،مەن ئۈچۈن بەرىبىر ، مەن ئىسپاتلاپ بىرەي دىسەم ئۇنداق يازمىلاردىن نەتچە يۈز پارچىنى كەلتۈرۋىتىشىم مۇمكىن ئۇنىمۇ دمەيلى
ت. ئ‍الماسنىڭ ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخىي دىگە ن كىتابىنى كۆرۈپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ ، سىز دىگەن
بەت: [1] 2
: رەھمەت ساڭا، ۋېنگىرىيە