oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:16:38

ئىزدىنىشتە توكچى ئۇستاملار بارمۇ

ھازىرقى بىنا ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك 配电箱(توك تەقسىملەش ساندۇقى)دەيدىغان بىر نەرسە ئورنىتىغلىق. بۇنىڭ ئىچىدە 过欠压保护器(بۇنى نېمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلمىدىم)دەيدىغان بىر نەرسە بار ئىكەن . مېنىڭ بايقىشىمچە بۇ نەرسە ئۆيدىكى ئىشلەتكەن توك بېسىمى 270كلوۋولتتىن ئېشىپ كەتسە ياكى بولمىسا ئۆيگە كىرگەن توك بېسىمى160كلوۋوتتىن تۆۋەن بولسا  قىزىل چىرىغى يېنىۋېلىپ تامدىكى ئۈز چاتلارغا توك تەمىنلىمەيدىكەن. ئەمما ھېچقانداق بىر ئۈزچات سەكرەپ كەتمىگەن.(ئاپتۇماتىك ئۈزۈلۈپ كەتمىگەن دېمەكچى)(چىراغلار نورمال يېنىۋېرىدۇ) رەسىمدىكى قىزىل قوش رامكىغا ئېلىنغان نەرسە شۇ

گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك مېنىڭ ئۆيۈمدە بۇرۇن يۇقىرىدا تەسۋىرلىگەن ئەھۋال بىر نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن . ھازىر كۈندە نەچچە قېتىم بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. بايقىغان ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچىدىن :ئەتىگەندە نورمال ھالەتتە ئىشقا كېتىمەن . كەچتە كەلسەم چىراغ نورمال يانىدۇ ئەمما تامدا توك يوق. توڭلاتقۇنى توكتىن ئۈزۈۋېتىپ، ئاندىن ئۈز باش ئۈز چاتنى بىر ئۈزۈپ ئۇلىسام نورماللىشىدۇ.ھەممە ئائىلىلەردە توك ئىشلىتىش دولقۇنى يۇقىرى ۋاقىتتا توڭلاتقۇنى ئۇلىسام يەنە شۇنداق تامدىكى توك يوقاپ كېتىدۇ.ئەمما يېرىم كېچىدە توڭلاتقۇنى ئۇلاپ قويسام نورمال
ئىككىنچىدىن: يەنە بەزى كۈنلىرى ھەممە ئەھۋال نورمال، كەچلىكىمۇ نورمال، ئەمما توك مۇنچىسىنى چاتسام يەنە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.ئاندىن توك مۇنچىسى ۋە توڭلاتقۇنى ئۈزۈۋېتىپ ئاندىن باش ئۈز چاتنى ئۈزۈپ ئۇلىسام نورماللىشىدۇ.نورماللاشقاندىن كېيىن توڭلاتقۇ ياكى توك مۇنچىنى ئۇلىسام يەنە شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.ئەمما بۇنداق چاغلاردا باشتىن ئاخىر چىراغلار نورمال يانىدۇ. شۇنداقلا توك تەقسىملەش ساندۇقىدىكى ھېچقانداق بىر ئۈز-چات سەكرەپ كەتمىگەن ھالەتتە بىرىنچى خىل ئەھۋالدىمۇ شۇنداق.
ئۈچىنچىدىن: شۇ نداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە بايقىدىمكى شۇنداق ئەھۋال يۈزبەرگەندە تامدىكى ئۈز چاتلارغا توك ئۆلچەش قەلىمىنى تىقىپ تەكشۈرسەم ئوت سىم ۋە نۆل سىم ئىككىلىسىدە توك بار ھالەتتە، نورماللاشقاندىن كېيىن بۇنداق ئەمەس
تۆتىنچىدىن: ھېلىقى 过欠压保护器دېگەن نەرسە ئەسلى نورمال ھالەتتە يېشىل چىرىغى، بىنورمال ھالەتتە قىزىل چىرىغى ياناتتىكەن. ھازىر بولسا ھەر ۋاقىت قىزىل يېشىل چىرىغى ئىككىلىسى تەڭ يېنىپ، بىر خىل سېرىق چىراغ يېنىۋالغان ھالەتتە كۆرۈنىدۇ.
گۇمانىم تۆۋەندىكىچە
بىرىنچى: توڭلاتقۇ ياكى توك مۇنچا ئىككىسىنىڭ چاتىغى چىققان بولسا ئىشلەتكەن چاغدىكى بېسىمى ئېشىپ كېتىپ شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەن.ئەمما بۇ خىل ئەۋەل دائىم ئەمەس بەزىدە نورمال.شۇڭا بۇ گۇماندىن يەنە گۇمانلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىككىنچى: مەن ئولتۇرۇۋاتقان بىنا قاتارلىق بىر نەچچە بىنا باشقا بىنالارغا ئوخشاش ئېلىكتىر تورىدىن كەلگەن توكقا بىۋاستە ئۇلانماستىن، خوجىلىق شېركىتىنىڭ ئاھالىلەردىن خوجىلىق ھەققىنى ۋاقتىدا يىغىىشى ئۈچۈن ئورنىتىلغان ئايرىم توك سائىتىگە ئۇلانغان بولۇپ(بۇ بىنادىكىلەرنىڭ توك كارتىسىنى ئېلىكتىر شىركىتى تونۇمايدۇ. بىز پەقەت خوجىلىق شىركىتىدىنلا توك سېتىۋالالايمىز)، بۇ توك سائىتىدىن چىققان توكنىڭ بېسىمى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن 欠压بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ گۇماننىڭمۇ گۇمانلىق يېرى شۇكى باشقا ئائىلىلەردە بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ.
ئۈچىنچى: 过欠压保护器نىڭ ئۆزىدىن چاتاق چىققان بولۇشى مۇمكىن.(بۇنى مەن ئەڭ ئارزۇ قىلىمەن،چۈنكى ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا شۇ نەرسىنى ئالماشتۇرسىلا ئىش تۈگەيدۇ)
تۆتىنچىدىن: تامدىكى نۆل سىم ياكى ئوت سىملار توك يولىنى رەتلەش تامدىكى ئۈز-چاتلارنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن(مەن ئەڭ قورقىۋاتقان ئەھۋال مۇشۇ شۇ ئەگەر مۇشۇنداق بولۇپ قالسا بۇنى ئوڭشاش بەك ئاۋارىچىلىق)ئەمما بۇ گۇماننىڭ گۇمانلىق يېرى شۇكى بۇخىل ئەھۋال دائىم يۈز بەرمەيدۇ
مۇشۇ سەۋەبتىن : ئېلان چىقىرىپ قويغان بىرنەچچە ئاتالمىش توكچى ئۇستاملارنى ئەكەلگەن بولساممۇ، نەق توكچى كەلگەندە بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرمىگەچكە مېنىڭ چۈشەندۈرگەنلىرىمنى توكچىلار چۈشەنمىگەچكە توكچىلار ئوڭشىيالمىدى ۋە بىر نېمە دېيەلمىدى
شۇڭا ئىزدىنىشتە مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ باققانلار ياكى توكچىلىقتىن خەۋىرى بار ئۇستاملار بار بولۇپ قالسا دەپ بۇ تېمىنى يوللىدىم. ياردەم قىلىشىڭىزلەرنى ياكى مەسلىھەت كۆرسىتىشىڭىزلەرنى ئۈمۈد قىلىمەن

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:47:20

1. 保护器 سەزگۈرلىكىنى يوقاتقان بولۇشى مۇمكىن. يېڭىسىدىن بىرنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بېقىڭ.
2. سىملارنىڭ ئۇلانغان، چېتىلغان يەرلىرىدە بوشاپ قالغان، كۆيۈپ قارىداپ قالغان يەرلەرنىڭ بار_يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:51:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 12:52  

نەق گەپنى قىلسام  : 1 ئاي بۇرۇن مىنىڭ ئۆيۆمدىمۇ شۇنداق ئەھۋال كۆرۆلدى.
30كويغا يىڭىنى سىتىۋىلىپ كىلىپلا ئالماشتۇرۋەتتىم. ئىش پۈتتى. ئاۋارچىلىق تۈگىدى. خەقكە ما ئىشنى قىپ بەسە دىگەنگە ئوخشاش گەپلەر بولۇنمىدى.

بۇنداق ئىشتا باشقىلارغا مەسلىھەت سىلىپ يۈرمەي، يىڭىدىن بىرنى سىتىۋىلىپلا ئالماشتۇرۋىتىڭ.

ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى؛  ئۈسكىىنىڭ ئۈستى ياكى ئاستى تەرىپىدە، ماتۇنىڭ ئۇچى تەرىپىدە ئىلىپ تارتقىلى بولىدىغان يىرى بار،  شۇ يەرنى تارتىپ تۇرۇپلا، بوش سىرتقا تارتسىڭىز بىسىم تۇراقلاشتۇرغۇچ چىقىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن يىىڭىسىغا ئالماشتۇرۋىتىڭ. ئىش پۈتتى دىگەن گەپ.

يىڭىدىن سىتىۋىلىش باھاسى :  35 يۈەن بىلەن 30 يۈەن  ئەتراپىداا،

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:55:13

مەن كونىسىنى چۇۋۇپ كۆرۆپ باقسام، ئاساسەن ئىچىدىكى توك يول تاختىسىسى كۆيۆپ كىتىپتىكەن.

ئىچىدىن: بىر ئۇرام سىم ساندۇقى بىلەن كىچىككىنە توك يول تاختىسى بار ئىكەن شۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 10:57:37

ئۆيىڭىزنىڭ توك يولى كونترول ساندۇقىدىكى سىملارنىڭ ئۇلىنىش رىتى نىمانچە قالايمىقان.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:02:48

.ھەممە ئائىلىلەردە توك ئىشلىتىش دولقۇنى يۇقىرى ۋاقىتتا توڭلاتقۇنى ئۇلىسام يەنە شۇنداق تامدىكى توك يوقاپ كېتىدۇ.

توك ئىدارسىغا ئىنكاس قىلىڭ، توك كۈچى يىتىشمەسلىكتىن بولغان ئىشكەن.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:05:19

ئەيساكا بىلەن ۋاپادىرىم قىنە

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:15:31

ئۆيۈمنى بىزەشكە ياغاچچى تەكلىپ قىلغاندا توك بېسمى يەتمىدى، توك ئىدارىسغا بېرىپ ئىنكاس قىلىڭ دېدى..
شۇنىڭ بىلەن توك بېسىمى يەتمىدى دەيدۇ ياغاچچى ئۇستام دېسەم ، كارتا قېنى دېدى، كارتىنى بەرسەم كەمپۇتارغا چېتىپ توك بېسىمنى ئاشۇرۇپ بەردىم دېدى،،،...شۇنىڭ بلەن ئۆيگە كېلىپ توك سائىتىگە كېلىپ توك كارتسىنى بىرنى سۆكەپ بولۇپ ياغاچچى ئۇستامغا ئەمدى سىناپ باقسا دىسەم ، يوش ياخشى ياخشى دېدى...

kapitan2 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:19:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kapitan2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 11:20  

بۇ توك بېسىمى بىلەن ئەمەس توك ئېقىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئۆيىڭىزدىكى ئىلىكتىر ئۈسكىنىلىرگە سەرىپ بولغان توكنىڭ ئېقىمى(电流 )يۇقىرى كەپقالغان گەپ.توك ئېقىمى يۇقىرىراق ۋىكىليۇچاتىلدىن بىرنى ئالماشتۇرسىڭىزلا ئوڭشىلىدۇ.  

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:31:52

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 10:57 static/image/common/back.gif
ئۆيىڭىزنىڭ توك يولى كونترول ساندۇقىدىكى سىملارنىڭ ئۇل ...

بۇ مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئەمەس، توردىن تاپقان رەسىم ئۇ. مېنىڭكىگە ئوخشايدىكەن

self يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:38:31

ھەممىدىن مىنىڭ ئەھۋالىم چاتاق ، توڭلاتقۇ ھەر بىر قېتىم توڭ قىلىپ قوزغالسا مائۇس بىر قىتىم كونتىروللىقىنى يوقىتىدۇ ، بەزىدە كومپىيۇتېردىن توك ئۇزۇلۇپ قالىدۇ

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:46:05

ھەقىقەتەن بۇ نەرسىنىڭ ھەر خىلى بار ئىكەن. قوغداش چىرىغىنىڭ يېنىش سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغىنىمۇ بار . ئۆلچىمى ئوخشاش بولسىلا ئاشۇنىڭدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئالماشتۇرۇپ سىناپ باقاي

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:51:53

مەنغۇ ئۈيۈمنىڭ توك يولىنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تارتقان ، ئەمما توك سىمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ بوممىسا

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 11:55:28

self يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 11:38 static/image/common/back.gif
ھەممىدىن مىنىڭ ئەھۋالىم چاتاق ، توڭلاتقۇ ھەر بىر قېتىم ...

سىز  ئاۋۋال چاتقۇچنى ياخشىراققا ئالماشۇرۇپ بېقىڭ!يەنە توك چاتقۇچتىن باش ئاپراتقا ئۇلىندىغان سىمنى قۇشۇپ يەڭگۈشلەڭ!
ئەگەر يەنە ئۇخشاش بولسا ،باش ئاپراتتىكى توك تەمىنلىگۈچتە چاتاق بولىشى مۇمكىن.(لىكىن ئاۋۋال ئالماشتۇرىمەن دىمەڭ!)
توك بەك تۇراقسىز بولسا ,توك موقىملاشتۇرغۇچ بار (稳压器)  باھاسى 80-100 يۈنلىكىچە بىرنى ئېلىپ قۇيسىڭىز بۇلىدۇ.
http://s.taobao.com/search?initiative_id=staobaoz_20141022&tab=all&q=%CE%C8%D1%B9%C6%F7+%BC%D2%D3%C3+%B5%E7%C4%D4&suggest=0_1&stats_click=search_radio_all%253A1&source=suggest&sort=total-asc

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 13:25:37

8.8 كىلوۋاتتىن بىرنى ئالماشتۇرۇڭ، بىزدىكى باھاسى 35 سوم، دېلىشىنىڭ 65 سوم، جېڭتەينىڭ 85 سوم. قۇراشتۇرۇش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ :funk:

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:08:00

باش ئۈزچاتىنى ئالماشتۇرۇڭ،  بۇرۇن مىنىڭ ئۆيۈمدىمۇ شۇنداق ئەھۋال بولغان    ،  .ئۈزچات ئالماشتۇرغاندىن كىيىن ئۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمىدې

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 14:21:01

ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىسى ۋاپادارىم توك ئىدارىسىدە ئىشلەيتتى،لىكىن ما تىمىغا كىرىپ گەپ قىلغۇدەك ۋاختى چىقمىغان ئوخشايدۇ.

fatihdin يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 16:41:48

مىنىڭچە توكنىڭ يەر سىمى يەرگە چېتىلمىغان بۇلۇشى مۇمكىن
توك مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتكەن

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-22 19:03:23

«نورمىسىز بېسىمدىن قوغدىغۇچ» دەيلى ئاۋۇ گەپنى...{:87:}
بەت: [1] 2
: ئىزدىنىشتە توكچى ئۇستاملار بارمۇ