hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 20:17:03

ياڭاق ھەققىدە (2) (خىيالچى )

بۇ تېما ياڭاق ھەققىدە يوللانغان تېمىنىڭ ئىككىنچىسى ،
ناۋادا ياڭاق تىجارىتى  ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارساڭلار ماۋۇ تېمىغا ئىنكاس يازساڭلار  تازا جايىغا چۈشىدۇ :
ياڭاق ھەققىدە  ( خىيالچى )
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60622&fromuid=4520

      7. ياڭاق كۆچىتنى يىتىشتۈرۈش     
       ئۆلچەملىك ياڭاق كۆچىتى يىتىشتۈرۈپ چىقىش ياڭاقچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى . باغ بەرپا قىلىشتا ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ، شۇنداقلا ئىقتىسادى ئۈنۈمگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق ئامىل . ئادەتتە ياڭاق كۆچىتى پەقەت ئۇرۇق ئارقىلىقلا يىتىشتۈرۈلىدۇ . شۇڭا تۆۋەندىكى باسقۇچلار ناھايىتى مۇھىم .
       ئۇرۇق يىغىش ۋاختى : ياڭاق پىشىش ۋاقتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بالدۇر پىشار ،ئوتتۇرھال پىشار ،كېيىن پشار دەپ 3 تۈرگە بۆلۈنىدۇ . ئۇرۇقلۇق ئۈچۈن ئۇرۇق يىققاندا چۇقۇم ئوتتۇرھال پىشىدىغان ياڭاق تىپلىرىنىڭ مىۋىسى تۇللۇق پىشىپ ئۆزلىگىدىن تۆكۈلۈشكە باشلىغاندا يەنى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان ۋاقىتتا يىغسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ .ئانىلىق سورتى ياخشى بولغان، ساغلام ئۆسكەن ، تۇللۇق پىشقان، كېسەل ھاشارەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىمىغان ئۇرۇق تاللاپ تېرىلىدۇ.


        ئۇرۇقنى ساقلاش: ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، كۈن نۇرى تىك چۈشمەيدىغان ئالا كۈلگەش قۇرغاق يەردە قۇرۇتۇش  كېرەك . ئەگەر كۈچلۈك كۈن نۇرىدا ، قاتتىق سىمىنۇت يەرگە يېيىتىپ قۇرۇتقاندا  ئۇرۇقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا تەسىر يېتىدۇ . ئۇرۇقنى ساقلاشتا تېمپۇراتۇرىسى℃ 5 بولغان، ھاۋا ئالمىشىپ تۇرىدىغان ، چاشقان يوق ئۆيلەردە چىگە تاغارغا قاچىلاپ ساقلاش كېرەك .
       كۆچەتخانا يىرىنى تاللاش ۋە رەتلەپ تۈزلەش : كۆچەتخانا يىرى كۆچەت يىتىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ياكى مەغلۇپ بولىشىنىڭ ئاساسى . بۇنىڭ ئۈچۈن تۇپراق قاتلىمى قېلىن ، مۇنبەت ، تەكشى ، شورمىقتارى% 0.3 تىن تۆۋەن بولغان ، سۇغىرىش ۋە سۇ چىقىرىش شارائىتى ياخشى بولغان قۇمساڭغۇ ئەت تۇپراقنى تاللاش كېرەك .
   كۆچەتخانا يىرىنى تۈزلەش، كۆچەتلەرنىڭ تىمەن ، سۈپەتلىك ئۆسۈشىدىكى مۇھىم ھالقا . ئۇرۇقنى ئەتىيازدا تېرىماقچى بولساق چۇقۇم كۈزدە تېرىماقچى بولغان يەرنىڭ ھەر موسىغا تۇللۇق چىرىگەن مەھەللىۋى  ئۇغۇتتىن 2 ـ 3 توننىغىچە تەكشى چېچىپ ،  چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ ، تەكشى تۈزلەپ  تەييارلاش كېرەك .
      
        ئۇرۇقنى تېرىشتىن بۇرۇن بىر تەرەپ قىلىش :ياڭاق ئۇرۇقىنى كۈزدە تېرىغاندا ئۇرۇقنى بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز ، بىۋاستە تېرىسا بولىدۇ .ئەتىيازدا تېرىماقچى بولغاندا ئۇرۇقنى تاغارغا قاچىلاپ ياكى چوڭ ئىدىشلارغا تۆكۈپ ، سوغاق سۇغا 7 ـ 8 كۈن چىلاش ھەمدە  سۈيىنى كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك . شارائىت  يار بەرسە  ئېقىن سۇغا چىلىسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . شاكىلى ئازراق يېرىلغاندا ئۇرۇقنى سۈزۈپ ئالا كۈلگەش ئۇرۇنغا تەكشى يېيىپ، بىر كۈن ئەتراپىدا قۇرۇتۇپ ، ئاندىن تېرىش  كېرەك .

          ئۇرۇق تېرىش ۋاختى : ياڭاق ئۇرىقى ئادەتتە كۈز ۋە ئەتىياز پەسلى تېرىلىدۇ . كۈزدە تېرىشتا چۇقۇم تېمپۇراتۇرا شارائىتىغا قاراپ يەر توڭلاشتىن بۇرۇن (10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 11-ئاينىڭ باشلىرىغىچە )تېرىلىپ بولىشى كېرەك . بەك بۇرۇن بولۇپ كەتسە تۇپراق تېمپۇراتۇرىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن ئاسان سېسىپ كېتىدۇ، بەك كېيىن قالسا يەر توڭلاپ كېتىپ تېرىشقا قولايسىز بۇلۇپ قالىدۇ . ئەتىيازدا تېرىشتا تېمپۇراتۇرا ئۆرلەپ يەرلەر ئىرىپ تاۋلاشقاندا (4-ئاينڭ باش ئوتتۇرلىرىدا ) تېرىسا كۆچەت تەكشى ، ساغلام ئۆسۈپ چىقالايدۇ .
           ياڭاق ئۇرىقىنى تېرىش : ئادەتتە تۈز يەرگە تېرىش ۋە  قاش چىقىرىپ، قاش ئۈستىگە تېرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا  تېرىلىدۇ .
       بىرىنچى،  يەر ئاستى سۇ ئورنى 2 مېتىردىن تۆۋەن بولسا تۈز يەرگە تېرىش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ، تېرىغان ۋاقىتتا بىر مېتىر كەڭلىكتە  2 قۇر تېرىش ، قۇر ئارلىقى ㎝30 دىن㎝ 40 غىچە ، تۈپ ئارىلىقى㎝ 10 دىن㎝15 غىچە  بولۇش .
ئىككىنچى، يەر ئاستى سۈيى يۇقىرى بولسا قىر چىقىرىپ تېرىش . بۇ خىل ئۇسۇلدا تېرىغاندا قىر ئىگىزلىگى ㎝20 دىن ㎝30 غىچە، قىرنىڭ ئۈستى كەڭلىگى ㎝30 دىن ㎝35 غىچە، قىر ئارىلىقى ㎝50،قىر ئۇزۇنلىقى 10مىتىربۇلىدۇ.

   ياڭاق ئۇرىقىنىڭ قۇيۇش ھالىتى

  

       بۇ خىل ئۇسۇلنى سۇغۇرۇش قولايلىق ، تۇپراق ئوڭاي قېتىپ كەتمەيدىغان ، يۇرۇقلۇق ۋە شامال ئۆتۈشۈش شارائىتى ياخشى يەرلەرگە قوللۇنۇش ، تېرىغان ۋاقىتتا قىر ئۈستىگە 2 قۇر تېرىش ، قۇر ئارىلىقى㎝ 20 ، تۈپ ئارىلىقى ㎝ 10 دىن㎝15غىچە بۇلۇش . چوڭقۇرلىقى ㎝6-㎝8 قىلىپ تۈشۈك ئېچىش ياكى ئېرىقچە ئېچىش كېرەك .
   ئالدىن بىخلاندۇرۇپ تەييارلىۋالغان ئۇرۇقنى تەكشى قۇيۇپ (ۋىرتىگال ھالەتتە )، ئۈستىنى نەم تۇپا بىلەن كاۋاكچە قويماي تەكشى كۆمۈپ چىڭداش كېرەك . ئەگەر شارائىت يار بەرسە ئۈستىگە سۇلياۋ يۇپۇق ياپسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا تۇپراق تېمپۇراتۇرسى ۋە نەملىگىنى ساخلاپ ئۇرۇقنىڭ تۇللۇق ئۈنىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق تېرىغاندا ھەر مو يەرگە تەخمىنەن㎏120-㎏130 غىچە  ئۇرۇق كېتىدۇ .

ئۈنۈپ چىققان مايسىلارنى پەرۋىش قىلىپ باشقۇرۇش : مايسا تۇللۇق ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن (ياڭاق ئۇرۇقى ئادەتتە 20 كۈندىن 40 كۈنگىچە تۇللۇق ئۈنۈپ تەكشىلىنىدۇ ) مايسىنىڭ قۇيۇق شالاڭلىق ئەھۋالىغا قاراپ ، قۇيۇق ئۈنۈپ قالغان يەرلەردىكى مايسىلارنى تاخلاپ كۆچۈرۈش ياكى زاپاس ئۇرۇقنى تېرىش ئارقىلىق تۇللۇقلاش ئېلىپ بېرىپ ، بىرلىك كۆلەمدىكى مايسىنىڭ سانىغا  كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . مايسا تۇللۇق ئۈنۈپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال سۇغۇرۇش . 5 – ئايدىن 7-ئايغىچە كۆچەتنىڭ تېز ئۆسۇش مەزگىلى ، ئۇغۇتلاش بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ھەر 20 كۈندە بىر قېتىم سۇغۇرۇش،  ھەر مو يەرگە نىياۋسۇدىن㎏ 5 ـ㎏10 غىچە ، ئەرئەندىن㎏10ـ㎏15 غىچە بېرىش .

      7 -، 8- ئايلاردا قوشۇمچە ئۇغۇتلاپ فوسفۇرلۇق  ئۇغۇتتىن  ھەر  مو  يەرگە ㎏ 15 ـ ㎏ 20  غىچە  بىرىش ، بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ سۇغۇرۇش ، ئوتىنى ئوتاش ، تۇپراقنى يۇمشىتىش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى بىردەك ئېلىپ بېرىش كېرەك ، 8 –ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى سۇغۇرۇش ۋە ئۇغۇتلاشنى توختىتىپ، كۆچەت نوتىسىنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈش ، كېسەل ھاشارەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يوقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك . 11-ئايدا توڭ سۈيىنى قويۇپ ، قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈش تەدبىرىنى قوللۇنۇش كېرەك .

   

sehrayi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 00:47:30

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
ئۇرۇقلۇق قىلىدىغان ياڭاق مىۋىسىنى ئۇلانمىغان ياڭاق دەرىخىدىن ئېلىش لازىم ،دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم
بۇ گەپلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 06:33:57

خىيالچىكا بىر ئىش بار راس

مۇشۇ ياڭاق كۆچىتىنى ئۇلىسا ئۇلىغاندىن تارتىپ ياخشى مىۋە بېرىپ كۆچەت قېرىغاندا كۆپ مىۋە بىرەلمەيدۇ . ئۇلىمىغان ياڭاق كۆچىتى دەسلەپ كۆپ مىۋە بىرەلمىگەندەك قىلغان بىلەن كىيىنچە كۆچەت قېرىغانسىرى بەك مىۋە بېرىدۇ دەيدىغان قاراش باركەن . خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن مۇشۇ گەپنى ئاڭلىدىم .
بۇ گەپلەر ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 07:29:25

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 06:33 static/image/common/back.gif
خىيالچىكا بىر ئىش بار راس

مۇشۇ ياڭاق كۆچىتىنى ئۇلىسا  ...

    بەزى ئۇلانمىغان كۆچەتلەر بىر ئىككى يىلدىلا بۇلۇق مىۋە بەرگەننى كۆردۈم ، بەزى كۆچەتلەر ئۇلانمىسا ئون يىللار ئۈتۈپ دەرەخ بۇلۇپ كەتسىمۇ شالاڭ مىۋىلەيدىكەن .
      ئۇلىماسلىقنىڭ يەنە بىر كەمچىلىكى بىز ئۆزىمىز خالىغان سورتقا ئېرىشەلمەيمىز ، شۇڭا ئۇلاش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ...

qedem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 08:02:04

مۇنبەت تۇپراق تا كۆرسىتىلىشچە چوقۇم ئۇلاش كېرەك ئىكەن ، قانچەيىل كېيىن ئۇلانسا زىيان شۇنچە  چوڭ بولدىكەن ،  ئۇ ھەتتا ئۇلانغان كۆچەتنى تىكىش دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى ،  بىلشىمچە باغۋەنلەر بۇ يىل كۈزدە قويۇلغان ياڭاق كۆچەتلىرىنى  كىلەر يىلىلا ئۇلاپ بولىدۇ …

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:00:17

خىيالچى بۇرادەر ماڭا ئامدان سورتلىق، ئۇلانغان كۆچەتتىن 4 تۈپ ئەۋەتسەڭلا بولىتتى، ئەتىيازلىققا كۆچەت قويىدىغان ۋاقىتقا ئۈلگۈرتۈپ. ئومدان رازى قىلىتتىم مەن.:) 150كىۋادىرات مىتىر ئەتراپىدا باغچىقىم بار ئىدى. 4 تۈپتىن 2 تۈپى بولسىمۇ تۇتۇپ مېۋە بىرەلىسە دەپ ئويلىدىم. بىرەر تۈپ ئەنجۈر، بىر-ئىككى تۈپ گىلاس، ئىككى تۈپ ئۈرۈك، بىرەر تۈپ قوتۇر ئامۇت. بىرەر تۈپ ئالما دېگەندەك مېۋىلەرنى قويۇپ يېتىشتۈرگۈم بار.
باغچاقنىڭ ئوتتۇرسىدىن ماڭىدىغان پەكالىق(مۇشۇ گەپ ئۇيغۇرچىمۇ بىلمىدىم) يولىمىز بار. شۇنىڭ ئەتراپىغا دادام ئۈزۈم قويىمىز دەيدۇ، مەن مەن جىق ئورۇن ئىگەللەپ كېتىپ باغچاقنىڭ سەنئەتلىك بولىشى دەخلىسى بولامدىكىن دەپ تازا قويغۇم يوق شۇ ئۈزۈمنى. 100 نەچچە كىۋادىرات مىتىر يەرگە پىلانلىغان مېۋىلەر بەك جىق بولاپ كەتتى ھىلىمۇ. لىكىن ياڭاقنى ھەممىدىن ئاۋۋال قويىمىز، ئىنشائاللا.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:43:36

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 10:00 static/image/common/back.gif
خىيالچى بۇرادەر ماڭا ئامدان سورتلىق، ئۇلانغان كۆچەتتى ...

خۇدايىم بۇيرىسا تەلەپلىرىنى ئۇرۇندايمىز .....
يا تۇمۇرۇمنى تۇتقۇزغاچ بېرىپ ئۆزەم ئاپىرىپ بىرىمەن ...

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:47:56

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 10:43 static/image/common/back.gif
خۇدايىم بۇيرىسا تەلەپلىرىنى ئۇرۇندايمىز .....
يا تۇمۇر ...

ما گەپ قۇلاققا خوشياقتى :lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:49:07

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 10:43 static/image/common/back.gif
خۇدايىم بۇيرىسا تەلەپلىرىنى ئۇرۇندايمىز .....
يا تۇمۇر ...

ئۇيۇقچان بۇلۇپ قاپلىما تەقسىر:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:52:21

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 10:49 static/image/common/back.gif
ئۇيۇقچان بۇلۇپ قاپلىما تەقسىر

يا شۇ زادى ئۇيقۇم كەلمەي ....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:07:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 11:18  

       8.    ياڭاقلىق باغ بەرپا قىلىش
     ياڭاقلىق باغ بەرپا قىلىش ياڭاقنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاپ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇپ ، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم ھالقىسى بولغاشقا باغ يىرىنى تاللاپ بىكىتىش ناھايىتىمۇ مۇھىم .
      (1)باغ يىرىنى تاللاپ بىكىتىش : باغ يىرىنى بىكىتىشتە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان  تەسەۋۇرى  بويىچە  تۇپراق  قاتلىمى چوڭقۇر ، يەر ئاستى سۇ ئورنىm 1.5 دىن تۆۋەن ،   شور مىقتارى %0.3 تىن تۆۋەن ، سۇغۇرۇش ۋە زەي چىقىرىش شارائىتى ياخشى بولغان ، قاتنىشى قولايلىق ، يەر تۈزۈلىشى تەكشى بولغان قۇمساڭغۇ ئەت تۇپراق يەرلەرنى تاللاش كېرەك . باغ يىرى بىكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن چۇقۇم ئەڭ ئاۋال باغ ئەتراپىغا مۇداپىئە ئورمىنى سېلىش كېرەك .

(2) مۇداپىئە ئۆرەك ، كارىز ۋە كۆچەتنىڭ كۆمۈلۈش ئۆلچىمى : كۆچەت تىكىشتىن بۇرۇن ياكى ئالدىنقى يىلى كۈزدە باغ يىرى مۇقۇملىنىپ ، پىلانلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ئاۋال مۇداپىئە ئۆرىگى چىقىرىش كېرەك،  مۇبادا پىلانلانغان يەر بۇغداي ئېتىزى بولۇپ قالسا ئاۋال كارىزنى كولاپ، مۇداپىئە ئۆرىكىنى كېيىن چىقارسىمۇ بولىدۇ .  مۇداپىئە ئۆرىكىنىڭ ئۆلچىمى : ئۆرەك ئىچىنىڭ ئۈستى كەڭلىگىm 1.2 ، ئاستى كەڭلىگى㎝ 80، ئىگىزلىگى㎝ 30 ، ئىككى تەرەپتىكى قىرنىڭ ئۈستى كەڭلىگى㎝ 20 دىن كەم بولماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ .

قۇشۇمچە : شەخسەن تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا مۇداپىئە ئۆرىگىنى چىقارمىغان ياخشى

كارىزنىڭ كولۇنۇش ۋە كۈمۈلۈش ئۆلچىمى: «88323 ›› ئۆلچىمى بويىچە يەنى㎝ 80 كەڭلىك ،㎝ 80 چوڭقۇرلۇقتا كارىز كولۇنۇپ ( كارىز كولىغاندا چۇقۇم 30 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى مۇنبەت تۇپىنى بىرياققا، ئاستىدىكى ئۈنۈمسىز تۇپىنى بىر ياققا تاشلاش كېرەك ) ، ئاستىنقى 30سانتىمىتىرغا تۇللۇق چىرىگەن مەھەللىۋى ئۇغۇت ، ئۇنىڭ ئۈستىگە㎝ 20 قېلىنلىقتا يۇمشاق تۇپا ، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى㎝ 30 غا كۆچەت قويۇپ ، كۆچەتنى كۆمگەندە يەر يۈزىدىن ئېلىۋەتكەن مۇنبەت تۇپا بىلەن كۆمۈش تەلەپ قىلىنىدۇ . كۆچەتنى كۆمۈپ بولۇپ چوقۇم 《 ئىككى دەسسەپ، بىر تارتىش 》كېرەك ، بۇنىڭدا يىلتىز تەكشى تارقىلىدۇ ھەم تۇپراق زىچ بولىدۇ  .

  قىغ قاتلىمىغا توپا بىلەن قىغنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسە توغرا بۇلىدۇ .

(3) كۆچەت ئۆلچىمى ، تىكىش ئۆلچىمى ۋە ۋاقتى: ياڭاقلىق باغ بەرپا قىلىشتا شارائىت يار بەرسە ئەڭ مۇھىمى كۆچەتخانىدا ئۇلاپ ئۆزگەرتىلگەن ،  ئەلا سۈپەتلىك ، مەھسۇلاتى يۇقىرى، سورتى ئىشەنچىلىك بولغان ئۇلاق كۆچەت تىكىلسە ناھايىتى ياخشى بولىدۇ  ،ناۋادا  ئۇلاق  كۆچەت يېتەرلىك بولمىسا ئاۋال ئۇلاقسىز كۆچەتلەرنى تىكىپ تۇتقۇزىۋالغاندىن كېيىن ، كېيىنكى يىلى ئۇلاپ ئۆزگەرتىلىدۇ . كۆچەتنى تىكىشتىن بۇرۇن  كۆچەتنىڭ سۈپىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك . يىلتىزى تەرەققى قىلغان، يان يىلتىزى تۇللۇق ، كېسەل ـ ھاشارەت زىيىنىغا ئۇچرىمىغان ، غول ئىگىزلىگى㎝ 50 دىن، يىلتىز بۇغۇز دىيامىتىرى㎝ 1.2دىن چوڭ بولغان كۆچەتنى تاللاپ تىكسە تۇتۇش ئۈنىمى يۇقىرى بولىدۇ . كۆچەتنىڭ تىكىلىش زىچلىغى باغ بەرپا قىلىش پىلانى بويىچە قۇر ئارىلىقى 5 مېتىر ، تۈپ ئارىلىقى 3 مېتىر قىلىپ تىكىلىدۇ .

تىكىش زىچلىقى سورتىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ .

      كۆچەت تىكىشتىن بۇرۇن چۇقۇم كۆچەت يىلتىزىنى، يىلتىز  ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنىغا 2 -3 سائەت  چىلاپ سېلىش  كېرەك . ياڭاق كۆچىتى كۆپ ھاللاردا ئەتىياز پەسلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 4-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان ۋاقىتتا تىكىلىدۇ ھەم دەرھال سۇغۇرىلىدۇ .ئەگەر كۈز ۋاقتىدا تىكىشكە توغرا كەلسە يەر توڭلاشتىن بۇرۇن (10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 11-ئاينىڭ بېشىغىچە ) تىكىلسە مۇۋاپىق بولىدۇ،  بۇنداق بولغاندا كۆچەت مەلۇم دەرىجىدە تۇپراققا ماسلىشىدىغان بولغاشقا ئەتىياز پەسلى بالدۇر بىخ سۈرۈپ تىمەن ئۆسەلەيدۇ ، لېكىن كۈزدە تىكىلگەن كۆچەتلەرگە قىشتىن ئۆتكۈزۈش تەدبىرىنى تۇللۇق ئىشلەش قاتتىق تەلەپ قىلىنىدۇ . بولمىسا كۆچەت ئۈششۈپ قالىدۇ ، كۈزدە تىكىلگەندىمۇ ئوخشاشلا تىكىپ بولۇپلا توڭ سۈيى قويۇلىدۇ .

        (4) كۆچەت تىكىپ بولغاندىن كېيىنكى پەرۋىش : كۆچەتنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن دەل ۋاختىدا سۇغۇرۇش ھەمدە 1.45 مېتىر كەڭلىگىدىكى سۇلياۋ يۇپۇقنى قىر ۋە ئۆرەكنىڭ ھەممە يىرىگە يېپىش كېرەك ، بۇنىڭدا تۇپراق نەملىگى ساقلىنىدۇ . دەل ۋاختىدا سۇ قويالمايدىغان مەيدانلارغا قارىتا 3 كۈن ئىچىدە سۇ تۇشۇپ سۇغۇرۇش ئېلىپ بېرىش ، ھەر بىر تۈپ كۆچەتكە بىر چىلەك سۇ قۇيۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
   ئەتىياز پەسلىدە بىخلىنىپ يۇپۇرماق چىقارغاندىن كېيىن كۆچەت كەملىك ئەھۋالى كۆرۈلسە دەل ۋاختىدا كۆچەت تۇللۇقلاپ تىكىش كېرەك .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:08:30

6ـ ئاينىڭ ئوتتۇرا ئاخىرلىرى سۇلياۋ يۇپۇقنى ئېلىۋېتىپ سۇغۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ئازۇتلۇق ئۇغۇت بىلەن ئۇغۇتلاش، ھەمدە كۆچەت تۈۋىنى چاناپ، ئوتىنى ئوتاش كېرەك . 8 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى سۇنى كونتىرول قىلىپ ئۇچىنى ئۈزۈش، بۇ ئارقىلىق كېيىنكى يىللىق ئۇلاققا چىقىش نىسبىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، يەر توڭلاشتىن بۇرۇن توڭ سۈيىنى قويۇش ، قىشتىن بىخەتەر ئۆتۇشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆمۈش كېرەك .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:15:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 11:16  

      9. ياڭاقلىق باغلارنى پەرۋىش قىلىش

  1) تۇپراق پەرۋىشى : تۇپراقنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش بولسا ياڭاقلىق باغلارنى باشقۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر . چوڭقۇر ئاغدۇرۇش مىۋە يىغىۋالغاندىن تارتىپ يۇپۇرماق چۈشكىچە بولغان ۋاقىتقىچە ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ . بۇنىڭدا تۇپراقنىڭ قۇرۇلمىسى ياخشىلىنىپ ، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى كۈچلىنىدۇ .  ئاغدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ مەھەللىۋى ئۇغۇت بېرىش ، ھەمدە ئوت ـ چۆپلەرنى تازىلاپ، كېسەل ھاشارەتلەرنى يوقۇتۇش كېرەك .
   2) سۇ پەرۋىشى : ياڭاقلىق باغلارنى سۇغۇرۇشنى دەرەخ يېشى ،تۇپراق نەملىگى ، كىلىمات ئەھۋالى ، ھەر قايسى ئۆسۈش ۋە مىۋە بېرىش باسقۇچلىرىدىكى سۇغا بولغان تەلىۋىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ .ياش دەرەخلەرنىڭ سۇغا بولغان تەلىپى يۇقىرى بولىدۇ ، بىر يىلدا 6 ـ 8 قېتىمغىچە سۇغۇرۇلىدۇ . مىۋىگە كىرگەندىن كېيىن 4 ـ 5 قېتىم سۇغۇرىلىدۇ يەنى ئەتىيازدا بىخ سۈرۈشتىن بۇرۇن ۋە چېچىگى تۆكۈلگەندىن كېيىن بىر قېتىمدىن  سۇغۇرىلىدۇ ، 6 – 7 –ئايلاردا تۇپراقنىڭ نەملىك ئەھۋالىغا ئاساسەن 15ـ 20 كۈندە بىر قېتىم سۇغۇرىلىدۇ ، 8 –ئايدا مېغىزنىڭ تۇللۇق بولۇش ۋە چىچەك بىخلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىر قېتىم سۇغۇرىلىدۇ .
    9 – ئايدا ئاساسى ئۇغۇت بىرىشكە بىرلەشتۈرۈپ بىر قېتىم سۇغۇرىلىدۇ ، يۇپۇرماق تاشلىغاندىن كېيىن يەر توڭلىغىچە بولغان ئارلىقتا بىر قېتىم توڭ سۈيى قويۇلىدۇ.
سۇغۇرۇش : تۇپراق نەملىكىنى ساقلىيالىسا يىلدا 5-6 قېتىم ، نەملىكىنى ساقلىيالمىسا 7-8 قېتىم سۇغۇرۇلىدۇ .
     3) ئۇغۇت پەرۋىشى : ياڭاق ئادەتتە مىۋىسى يىغىۋېلىنىپ يۇپۇرماق چۈشكىچە بولغان ئارلىقتا مەھەللىۋى ئۇغۇت بىلەن ئۇغۇتلىنىدۇ.ئۈسۈش مەزگىلىدە ( 1 يىلدىن 6 يىلغىچە بولغان دەرەخلەرگە) ھەر تۈپىگە  ㎏30 ـ ㎏60 ، مىۋىگە كىرگەن دەرەخلەرگە ㎏60 ـ ㎏ 120 غىچە ، بۇلۇق مىۋىلەش مەزگىلىدە㎏ 100 ـ㎏  200 غىچە تۇللۇق چىرىگەن مەھەللىۋى ئۇغۇت بېرىلسە مۇۋاپىق بولىدۇ . بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆسۈش مەزگىلىدە  قوشۇمچە ئۇغۇت بېرىلىدۇ ، ئۇغۇتلاشتا ئېرىق ئېچپ غولىنى ئايلاندۇرۇپ ئۇغۇتلاش  ۋە ئۆرەك كولاپ ئۇغۇتلاش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىدۇ ...
     بىر يىلدا 2 – 3 قېتىمغىچە قوشۇمچە ئۇغۇت بېرىلىدۇ . ئۆسۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئازۇتلۇق ئۇغۇت بەرسەك دەرەخنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق (3 ـ 6 ئايغىچە) 6 ـ ئايدىن كېيىن كالىي، فوسفۇرلۇق ئۇغۇت بېرىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىق مىقتاردا يۇپۇرماق ئۇغۇتىنى (لىڭ سۈەن ئەرچىڭجىيا )  تەڭشەپ شارائىتقا قاراپ يۇپۇرماقتىن چېچىپ بىرىش كېرەك .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:19:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 11:23  

ئاساسى ئۇغۇت بىرىش ئۇسۇلى

      

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:35:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 11:45  

ئازۇتنىڭ رولى : ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ مىۋە سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ .
   فوسفۇرنىڭ رولى : مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۈپ ، چىچەك بىخنىڭ بۆلۈنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ، ئۇرۇقنىڭ پىشىشىنى تېزلىتىدۇ ، يىلتىزنىڭ ئۇزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتىرىپ دەرەخنىڭ سوغاققا قارشى تۇرۇشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ ، فوسفۇر كەم بولسا يۇپۇرماقنىڭ يېشىل ھالىتى يوقاپ كېتىدۇ .

   كالىينىڭ رولى : مىۋىنى چوڭايتىپ ، مىۋە تەركىۋىدىكى قەنىت مىقتارىنىڭ يىغىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . كالىي كەم بولسا دەرەخنىڭ فۇتۇسىنتىز رولى ئاجىزلىشىپ ، مىۋە ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ .
   كالتسىينىڭ رولى : دەرەخنىڭ نورمال ئۆسىشىگە پايدىلىق .
   ماگىنىينىڭ رولى : مىۋىنىڭ چوڭىيىشىغا پايدىلىق .
   تۈمۈرنىڭ رولى : فۇتۇسىنتىز رولىغا ئىگە .

بۇ ئىنكاستا بىر قىسىم ئېلمىنتلارنىڭ رولى يۈزەكى بايان قىلىنغان بۇلۇپ ، ئەمەلىي پايدىلىنىشقا بولسىمۇ ئىلمىي پايدىلىنىش تەس ، شۇڭا ئىلمىي پايدىلىنىدىغانلار مۇنۇ مەنبەدىن خەنزۇچىسىنى كۈرۈۋالساڭلار بۈلىدۇ :
http://baike.baidu.com/subview/3687/12096149.htm

بۇنىڭدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ خىمىيىلىك تەركىۋى دىگەننى ئەسلىگەندە ئاندىن بىر قىسىم ئىلمىنتلارنىڭ رولىنى ھەقىقى چۈشەنگىلى بۇلىدۇ .

(1)细胞中常见的化学元素
  细胞中常见的化学元素有20多种,分析人体细胞的元素组成可发现有如下规律:
  组成人体细胞的主要元素
  (占细胞鲜重的百分比)
  O 65%
  C 18%
  H 10%
  N 3%
  P 1.4%
  S 0.3%
  其他元素 少于3%
  (占细胞干重的百分比)
  C 55.99%
  O 14.62%
  N 9.33%
  H 7.46%
  Ca 4.67%
  S 0.78%
  P 3.11%
  K 1.09%
  Mg 0.16%
  ①组成细胞的最基本的元素是C。在人体细胞干重中C的含量达到55.99% (鲜重中C的含量达18%)
  ②组成细胞的基本元素有4种:C、H、O、N。在细胞中这四种元素的含量,占组成细胞元素总量的90%左右。
  ③组成细胞的主要元素有6种:C、H、O、N、P、S。这6种元素占细胞总量的97%。
(2)大量元素和微量元素
  在组成生命的元素中,根据其含量的多少分为大量元素和微量元素。
  ①大量元素:是指含量占生物体总质量万分之一以上的元素,有C、H、O、N、P、S、K、Ca、Mg等。
  ②微量元素:通常指生物生活所必需,但是需要量却很少的一些元素。有Fe、Mn、Zn、Cu、B、Cl、Mo等。
(3)组成生物体的化学元素的重要作用
  ①是组成原生质的成分,如C、H、O、N、P、S等,约占原生质总量的97%以上。
  ②是多种化合物的组成成分,如蛋白质、糖类、核酸、脂肪等。
  ③也有一些元素能影响生物体的生命活动。如Mg是叶绿素的组成元素之一;Zn是某些酶的组成成分,也是酶的活化中心;B能促进花粉的萌发和花粉管的伸长,因此B与植物的生殖过程有密切的关系。缺B常导致植物“花而不实”
编辑本段组成细胞的化合物
  细胞中常见的化学元素有20多种,这些组成生物体的化学元素虽然在生物体体内有一定的生理作用,但是单一的某种元素不可能表现出相应的生理功能。这些元素在生物体特定的结构基础上,有机的结合成各种化合物,这些化合物与其他的物质相互作用才能体现出相应的生理功能。组成细胞的化合物大体可以分为无机化合物和有机化合物。无机化合物包括水和无机盐;有机化合物包括蛋白质、核酸、糖类和脂质。水、无机盐、蛋白质、核酸、糖类、脂质等有机的结合在一起才能体现出生物体的生命活动。现将这些化合物总结如下:
  水:占80%--90%
  无机化合 无机盐:占1%--1.5%
  组成细胞的化合物
  蛋白质:占7%--10%
  有机化合物 脂质:占1%--2%
  糖类和核酸:占1%--1.5%
  在组成的化合物中含量最多的是水,但是在细胞的干重中,含量最多的化合物是蛋白质,占干重的50%以上。

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:58:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 12:07  

ھۈجەيرە ھەققىدە ئۇيغۇرچە تېما بارمىدۇ ؟

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:49:21

قالتىس، قالتىس، يەنە چالا قالغان يەرلىرى بولسا باغۋەن ئۇستاملار قاراپ تۇرمىغايسىزلەر.... زادى ياڭاق ھەققىدە ھېقانداق ماتېرىيالغا ئىھتىياج چۈشمىگۈدەكلا قىلۋەتكەيسىلە {:112:}
بەت: [1]
: ياڭاق ھەققىدە (2) (خىيالچى )