bibaris يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 11:06:26

يۆتەلنىڭ دورىسى بارمۇ؟؟؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bibaris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-29 14:53

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار
مۇنداق ئىشتىدادام بۇيىل 60يېقىنلاشى ,تۆت يىل بۇرۇن   ‫ئۆپكە تۇبېركۇليوزى بولۇپ قېلىپ،بىرمەزگىل داۋالاتقاندىن كىيىن تەكشۈرۈتسەكدۇختۇر ساقىيىپتۇ دىگەن    ،لىكىن ئىككى ئۈچ يىل بولدى مۇشۇ قىشكۈنلىرى يۆتەل قوزغىلىۋالىدۇ يەنە نەچچە كۈن بولدى، يۆتىلىپ تۇختىمايدۇختۇرغا ئاپارساقچىگويەنكەن دەپ دىئاگىنوز قۇيۇپ ،بالنىستا يېتىپ داۋالىنىشقا بۇيرىدى ،ھازىر بالنىستا يېتىپ ئاسما ئوكۇل قويدۇرۋاتىدۇ، لىكىن ئۇنۈمى تازا ياخشى بولمىدى،ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىدىنھۆتەل شەۋىتى ،زۇپا جەۋھىرى دىگەنلەرنىمۇ سىناپ باقتۇق ،لىكىن دادامنىڭ يۆتىلى توختىمايۋاتىدۇ ،ئىزدىنىشتىكى ھەكىملەرنىڭ بىرەر ئامالى بارمىدۇ دەپبۇتىمىنى يوللىدىم ،ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر ،

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 11:38:52


كۆكنۇر شىركىتىنىڭ شىپايى يۆتەلنىڭ بۇيرۇلىشى
1.ئادەتتىكى يۆتەلگە بېرىلىدۇ.
2.بەلغەم يوق،كېچىلىرى ئۇيقىدىن كىيىن ئېغىرلىشىپ قالىدىغان،باش ۋە چىكىلىرى ئاغرىپ قىزىشىدىغان يۆتەلگە دەسلەپ ئىككى كۇن سازقان ئۇچۇرىۋېتىپ ئاندىن شىپايى يۆتەل بىلەن تەرياقى زۇكام بېرىلىدۇ.
3.يۆتەل بىلەن شىلىمشىق بەلغەم چىقىدىغان كۆكرەكتە خىرقىراش ،نەپەس قىسىلىش بار يۆتەلگە شىپايى يۆتەل شىپايى نەپەس بىلەن بىللە بېرىلىدۇ.ئۇچ كۇن بۇرۇن ئۇدايەل كەسكە بىلەن ئىچىپ ئاندىن بۇ دورىلارنى باشلىساتېخىمۇ ياخشى بولىدۇ
4.كۆك يۆتەلگە شىپايى يۆتەل شىپايى زەمزەم بىلەن بىللە بېرىلىدۇ.ۋە خام سامساقتىن بىر چىشنى يۇمشاق سوقۇپ ئىككى ۋاق بىللە ئېچىدۇ.،
5.زۇكام بىلەن بىللە كىلگەن يۆتەلگە شىپايى يۆتەل بىلەن تەرياقى زۇكام بىللە بېرىلىدۇ.
6.چوڭقۇر يەردىن كېلىۋاتقان كالتە يۆتەلگە شىپايى يۆتەل ئۆتدان بىلەن بىللە بېرىلىدۇ.بۇ ھالدا بەلدە تېلىش ياكى ئاغرىق بولسا كارتتا مېغىز قوشىلىدۇ.
7.تېيىزلا يەردىن چىقىۋاتقان كالتا يۆتەلگە شىپايى يۆتەل كالتسىي ئامپۇل،قان بېسىم تابلىتى ياكى شىپايى زەمزەم .كاتتا مېغىز قوشۇپ بېرىلىدۇ


taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 11:40:33

شىپاىي نەپەسنىڭ بۇيرىلىشى


زىققا خارەكتېرلىق كاناي تارىيىۋىلىشنى ياللۇغ كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
زىققىسى بار كىشىلەرنىڭ كانىيى نورمال كىشىلەردىن قېلىن بولىدۇ.
تومۇرلارغا قان تولىۋالىدۇ.
زىققىنى داۋالاشتىكى تۆت يېڭىلىش
بىرىنچى يېڭىلىش بىلىنىشسىمۇ ئۆتۇپ كەتسىلا كارى بولماسلىق.كاناي ياللۇغى،زىققا كۆپ قوزغىلىدىغان ساقسىزلىق .ئادەتتە ياش 20-50 كىچە بولغان كىشىلەرنىڭ تەبىىتى ئۇرغۇپ تۇرغاچقا بۇلارنىڭ قوزغىلىشى قورىققىدەك بولۇپ كەتمەيدۇ-دە ئۇلارنىڭ بۇ كىسەلگە بولغان دىققىتى تۆۋەن بولىدۇ.ئەلۋەتە بۇ زىققىنى ۋاقتىدا داۋالىۋىتىشقا پايدىسىز بولىدۇ.
ئىككىنچى يېڭىلىش يۆتەل بىلەن كەلگەن كۆكرەك بىئارامسىزلىغىنى زىققا بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراش.يۆتەل بولۇپمۇ كىچىسى قوزغىلىدىغان قۇرۇق كالتە يۆتەل زىققا بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۇچۇنچى يېڭىلىش ھۆرمون ئىشلىتىپ دەرھال ياخشىلانسىلا رازى بولۇپ كىتىش ئادەتتە غەرىپ تېبابىتىدە زىققىغا بۆرەك ئۇستى بېزى ھورمونىدىن ياسالغان ئالبۇتېرول،برېتايرى دىگەندەك دورىلار ئىشلىتىلىدۇ 1-5مىنۇتقىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھالبۇكى بۇ دورىلار كۆپ ئىشلىتىلگەندە يۇرەك سېلىش ،يۇرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىش،نېرۋا قالايمىقانلىغى پەيدا قىلىدۇ.كىچىدە تۇتىدىغان زىققىغا ئىشلىتىدىغان چاي ئىشقارى شۇكلۇكنى پەيدا قىلىدۇ.
تۆتىنچى يېڭىلىش زىققىغا بولغان تونۇش يىتەرسىز بولۇش.كۆپ ھاللاردا زىققىسى بارلار زىققا قوزغالغاندا داۋاغا چۇشۇپ باشقا چاغدا خىيالىدا يوق يۇرۇيدۇ.قوزغىلىشنى كۆنتۇرول قىلىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ ماسلاشتۇرۇپ تەڭشەش فۇنكىتسىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە سەل قارايدۇ.
ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
غىزا جەھەتتە سوغۇق ۋە ھۆل پەسىل باشلىنىشى بىلەن تەبىىتى ئىسسىق تاماق بىلەن ئوزۇقلىنىشى لازىم .بۇنىڭدا ئۇچار قاناتلار گۆشىگە قارىمۇچ،زەنجىبىل،دارچىن قاتارلىق تەبىىتى ئىسسىق ۋە خۇشپۇراق دورىلارنى سېلىپ يىسە پايدىلىق.ئىپار،زەپەر قاتارلىق ئۆتكۇر دورىلارنى بىۋاستە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى ھەزىمگە ئېغىر كىلىدىغان كاۋاپ،مانتا،ھالۋا دىگەندەك تاماقلاردىن يىراق تۇرماق كېرەك.
ئومۇمەن سوغۇقتىن بولىدىغاچقا زىققىدا ئالدى بىلەن 10-15 كۇن يەل كەسكە بېرىۋىتىش ئەۋزەل.
1. زىققىنىڭ قوزغىلىشى ھەرىكەت بىلەنرەك بولسا،شىپايى نەپەس زەمزەم بىلەن بېرىلىدۇ.
2. يەللىك ،ھۆللۇك نەرسىلەرنى يىيىش بىلەن قوزغالسا كالتسىي تابلىت بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ.شۇنداقلا كالىتسىي تابلىت خېلى ئۇزۇنغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.بەدەن بوشاپ كەتكەن بىمارلارغا كالتسىي تابلىتنى تېخىمۇ ئۇزۇن ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
3. زۇكام بولغاندەك بولۇپ ،باشتىن نەزلە تۆكۇلۇپ قوزغالسا نەپەس زۇكام بىلەن بىللە بېرىلىدۇ.
4. ئاقسىل كەملىك،ئوزۇقلۇق كەملىك بىلەن رەئىس ئەزالارنىڭ چۇشكۇنلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كالتسىي ئامپۇل بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ
5. كۆپىنچە قۇرساق تويغاندىراق قوزغاللسا نەپەسنى كالتسىي دەملىمە بىلەن بىللە بېرىمىز.
6.            گال قۇرۇپ تۇرىدىغان ھۆللۇك نەرسىلەرنى يىسە،مونچىغا كىرسە ياخشى بولۇپ قالىدىغان قۇرۇقلىقتىن بولىدىغان دەم سىقىشى بارلارغا نەپەس ئەمەس سازقان بېرىلسە مۇۋاپىقراق بولىدۇ.

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 11:44:27

{:112:}{:112:}

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 11:45:01

چامغۇر كۆپ يەپ بەرسۇن

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 12:25:40

ئۆپكە تۇبىركۇليۇز كىسىلى بوپ قالغانلارنىداۋالاش ھەقىقەتەن تەس، ساقىيىش نىسبىتىمۇ تۆۋەن.

مىنىڭبىر ياغاچچى ئاغىنەم 8 يىل بۇرۇن شۇنداق كىسەل بوپ قاپتى، ھازىرمۇ كىسەل ئاسارىتى ئازراق بار، بەزىدە ھاسىراپ قالىدۇ.

خۇدايىم ساقلىسۇن ھەممىمىزنى،

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 13:04:57

كۆڭلىڭىزگە كەلمىسە ئېشەك سۈتى ئەڭ يامان داۋاسى بۇ نىڭ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 13:10:28

ئۆپكە سىلىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدەداۋالاش
http://www.4tadu.com/?p=488

ئەسقاتىدىغان مەخپى نۇسخىلار
http://www.4tadu.com/?p=557

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 13:11:00

ئاق چامغۇر 2500 گرام،ياغ ۋە سۆڭەكلىرىدىن ئايرىلغان قارا پاقلان گۆشى 2500گرام ، كۈنجۈت 125گرام، سىيادان،بەدىيان،لاچىندانە،دارچىن 80گرامدىن؛ بۇلاردىن چامغۇرنى ئۇششاق توغراپ يېرىم چىلەك ئەتراپىدىكى سۇدا ئىزىلگىچە قاينىتىلىدۇ،ئاندىن داكىدا سىقىپ سۈيىنى سۈزۈپ ئېلىپ قازانغا قۇيۇلىدۇ؛ گۆشنى ئۇششاق چاناپ ئىككى قەۋەت داكىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ، ئۈستىدىن يىلمان سۇ قۇيۇپ تۇرۇپ گۆش تەمى پۈتۈنلەي تۈگىگىچە مىجىپ شىرىسى ئېلىنىدۇ ۋە ئۇ شىرە قازاندىكى چامغۇر شىرىسىغا قوشۇلىدۇ. قالغان دورىلارنى چالىراق سوقۇپ خالتىغا ئېلىپ گۆش ۋە چامغۇر سۇلىرى بىلەن دورا تەمى چىققۇچە قاينىتىلىدۇ. ئاندىن دورا تىرىپىنى سۈزۈۋېتىپ دورا سۈيىنى ساقلاپ قويۇپ كۈندە ئىككى ۋاق 3-4 قوشۇقتىن ئىسسىق پېتى ئىچىلىدۇ.
بۇ دورا يۈرەك ،ئۆپكە ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ قان كۆپەيتىپ مغدۇر پەيدا قىلىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 13:11:52

يۆتەل توختاتقۇچى بىر نەچچە نۇسخا
http://www.4tadu.com/?p=103

arkan2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 14:18:12

ئۆپكە سىلى كېسىلى ساقايتىش تەس بولغان جاھىل كېسەللىك بولۇپ، دەماللىققا ساقايغان بىلەن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، بىمار شامالداپ قالسا قايتا قوزغىلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، دادىڭىز 60 ياشتىن ئېشىپتۇ دېمەك ئىممۇنىت كۈچى تۆۋەن بولۇپ قايتا قوزغىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى شۇڭا قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلسۇن، ئۇنىڭدىن باشقا قېلىن كىيىنىپ سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلانسۇن!
ھازىر دوختۇرلار كاناي ياللۇغى دىئاگنوزى قويغان بولسا ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك بولمىسا ياللۇغ كېڭىيىپ ئۆپكە يۇقۇملىنىپ سىل كېسەللىك ئوچىقى قايتىدىن پەيدا بولىشى مۇمكىن، شۇڭا سەل قارىماڭ!
يۆتەل ئېغىر بولسا يۇقاردا تادۇ بەگ تەۋسىيە قىلغان ئۇسسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ ئۇنىڭدىن سىرت، داۋاملىق شاتۇت كەمپىتى شۈمۈپ بەرسۇن، بۇنىڭمۇ يۆتەل پەسەيتىشكە ئۈنۈمى ياخشى سىناقتىن ئۆتكەن!

arkan2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 14:18:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkan2011 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-29 14:20

ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر چامغۇر يېغى چىقىپتۇ، شۇنىڭدا كاناينى ياغلاپ بەرسە ياكى شۇ ياغنى قايناقسۇ ياكى چايغا بىر نەچچە تېمىتىپ تېمىتىپ ئىچىپ بەرسىمۇ پايدا قىلىدىكەن!

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 14:26:36

يەرلىك كۆك ئامۇتنىڭ ئىچىگە ناۋات سېلىپ ئۇنى ئوتتا قىزىتىپ ئىچىدىكى ناۋات ئرىگەندىن كېيىن يىسە بەك مەنپەت قىلدۇ.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 14:29:13

سامساقنى نېپىز توغراپ سۈت بىلەن سۈس ئوتتا ئۇزاق قاينىتىپ ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلسا يۆتەلگە بەلەن مەنپەئەت قىلىدىكەن. كىچىك بالىنىڭ كۆك يۆتىلىگە ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن.
ئەكىس تەسىرى :ئىچىنى سۈرۈش

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 14:46:03

مەجۇنى بەرشىشا
ئالامەت پايدا قىلىدۇ،سىناقتىن ئۆتكەن

bibaris يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 14:52:34

دوسىتلارغا رەھمەت

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 17:42:31

مەن ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ « مۇرەككەپ زۇپا شەربىتى» دېگەن سۇيۇقلۇقىنى ئىچىۋاتىمەن نەچچە كۈن بولدى، خىلى مەنپەئەت بېرىۋاتىدۇ.
ئالدىنقى ھەپتە زۇكام بولغان باھانە بىلەن دورا ئىچسەم زۇكام ساقايغاندەك قىلدى-يۇ، ئەمما بىر يۆتەل پەيدا بولۇۋىلىپ بەك ئارامىمنى قويمىدى، كارنىيىم قىمىلداپ بىر باشلىۋالسام بىرنەچچە مېنۇت يۆتىلىمەن...

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 18:13:14

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 18:26:28

بەرشىشا راستلا بولىدۇ
مەن بەش ئالتە يىل ئەتىياز ۋە كۈز قىشتا يۆتەلدىم،كېچىسى ئىككى ئۈچلەردە يۆتىلىپ قوپۇپ كېتىپ بىرەر سائەت يۆتىلەتتىم،قۇسۇپ توختايتتىم،تۇبېركىليۇز ئەمەس كاناي،شاخچە كاناي ياللۇغى ئىدىم
بەرشىشانىڭ جىڭ ئەپيۇن چۈشكەن نۇسخىسىدىن بىر سەر يەپ بەش ئالتە يىل يۆتەل سۇ قۇيغاندەك توختىتىدى،ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق قاتتىق يۆتىلىپباقمىدىم،ساقايدىم دىسەممۇ بولىدۇ

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 19:36:25

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
بۇ كىسەلگە ئادەتتە كۈچلۇك يەپ بىرىش كىرەككەن.چوڭ دادام رەھمەتلىك ئۇزۇن يىل مۇشۇ كىسەل بىلەن ئاغرىدى،خۇدانىڭ كۇنى كۇندە بىر ۋاق شورپا بىرەتتۇق.ھەپتىدە نەچچەقىتىم كاۋاپ.پولومۇ جىق ئىتىلەتتى ئۆيدە.
قىش كۇنىسى سەل قوزغايدىكەن،枇杷膏دەپ قارا بىر دورا بارتى سۇيۇق ،شاڭگاڭنىڭ ،شۇنى ئىچەتتى يوتەلگە،پايدا قىلغان.
بۇ كىسەلگە قارىتا دوختۇردا بەك داۋالىۋەتسە سەل دىققەت قىلمىسىلا يۇرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدىكەن،چوڭ دادام رەھمەتلىك ئۇزۇن يىل مۇشۇ كىسەل ئاغرىپ يۇرەك كىسىلى بىلەن كەتتى.
بەت: [1] 2
: يۆتەلنىڭ دورىسى بارمۇ؟؟؟