karakqi520 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 16:40:17

مېڭە يۇيۇش ۋە ئىمۇنىت

مېڭە يۇيۇش

مېڭە يۇيۇش ھازىر جەمىيەتتە ئىنتايىن كۆپ ئۇچىرايدىغان ھادىسە، ھەر بىر ئادەمنىڭ مېڭە يۇيىدىغان ياكى باشقىلار تەرپىدىن مېڭىسى يۇيىلىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، بەزىلەر مېڭە يۇيۇشنىڭ گېپى چىقىشى بىلەنلا بىزار بولىدۇ، يەنە بەزىلەر ھەممە يەردە مەۋجۈت دەپ قارايدۇ، بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنىۋاتقان مېڭە يۇيۇشنىڭ گېپى بولسا غەرەزلىك ھالدا بىر خىل قىممەت قارىشىنى باشقىلارغا سىڭدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
ئەگەر مۇشۇ ماقالە ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ھادىسىلەردىن يۇقۇملىنىشقا ئازىراق پايدىسى تەگىدۇ دەپ قارايمەن، بولۇپمۇ ھازىر

بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىم - مېڭە يۇيۇش ھەرگىز قىسقا مۇددەت ئىچىدە تاماملىنىدىغان جەرىيان ئەمەس، چېتىلىدىغان پەنلەرمۇ بىر قەدەر كۆپ، مەسىلەن : پىسخىلوگىيە، جەمىيەتشۇناسلىق، ئىقتىساد، ئىستىراتىگىيە قاتارلىق بىر قاتار پەنلەرگە چېتىلىدىغان سېتىمىلىق جەرىيان، ھەر بىر ئادەمنىڭ ياشىغان مۇھىتى ئوخشاش بولمىغاچقا دۇنيا قارىشى ۋە قىممەت قارىشىدا نۇرغۇن ئوخشاش بولماسلىقلار مەۋجۇت، شۇنداق بولغانىكەن، بىر ئادەمنىڭ قىممەت قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن قىيىن بىر جەرىيان، شۇڭا مېڭە يۇيۇش بىر قەدەر مۇھىم بولغان بىر قانچە شەرىتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك، ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، ئۇچۇرنىڭ چۇشەندۇرۇش ھۇقۇقىنى مونوپول قىلىش، باشقىچە ياكى ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكىلەرنى تازىلاش ياكى ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرۇپ تاشلاش دېگەندەك.
1.  مىڭە يۇيۇش جەرىيانىدا مېڭە يۇغۇچى ۋە يۇيۇلغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مەۋجۇت بولۇپ، بىر ئادەم كۆپ ئادەمنىڭ مېڭىسىنى يۇيىسىمۇ، ياكى كۆپ ئادەم بىر ئادەمنىڭ مېڭىسىنى يۇيىشىمۇ مۇمكىن، قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر مېڭە يۇغۇچى تۆۋەندىكى شەرىتنى ھازىرلايدۇ، يەنى : ئەخلاق، بىلىم، ئىقتىدار قاتارلىق تەرەپلەردە ئالدى بىلەن نۇپۇز تىكلەپ چىقىدۇ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا نۇرغۇنلىغان مېڭىسى يۇيۇلغانلار تەبىي ھالدا يۇغۇچىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە، ھەر بىر سۆزىگە چۇقۇنىدۇ، شۇنداق ھالەت شەكىللەنگەن ھامانلا ئۇ دەرھال يۇغۇچىنىڭ ياردەمچىسىگە ئايلىنىدۇ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا يۇغۇچىدا ئەسلىدىنلا يۇيۇلغۇچىغا قارىغاندا بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بىلىش دائىرىسى بولىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا ئەگەشكۇچىلىرىنى جەلىپ قىلىدۇ، ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىگە مۇتلەق ئىشىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق يۇغۇچى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئوبرازىنى تىكلەپ چىقىدۇ.
2. يۇغۇچىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن مېڭىسى يۇيۇلغۇچىنى ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىش توغرا كېلىدۇ، ئادەتتە مېڭىسى يۇيۇلغۇچى مەدەنىيەت سەۋييىسى تۆۋەن، بىلىش دائىرىسى چەكلىك كىشىلەردىنلا بولىشى ناتايىن، كۆپ قىسىم ھالدا بىر قەدەر يۇقىرى بىلىش دائىرىسىگە ياكى مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ يېڭى نەزىرىيىلەرگە، يېڭى شەيئىلەرگە بولغان ئىنتىلىشى كۈچلۇك بولغاچقا، مېڭىسىنى يۇيۇشقا تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە مېڭىسى ئاسان يۇيۇلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى - ھەممىسى ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىغا ياكى دۇنيا قارىشىغا گۇمان بىلەن قارايدۇ، ئەمەلىيەتتىكى ئۆزىدىن ياكى ئىجتىمائىيەتتىن ئانچە رازى بولمايدۇ، مانا بۇ ئاجىزلىقنىڭ ئۆزى يۇغۇچىنىڭ كىرىش نۇقتىسى. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كىشىلەر ئاسان باشقىلار تەرپىدىن مېڭىسى يۇيۇلۇشقا ئۇچىرايدۇ، بىرىنچىسى مەنىۋى دۇنياسى ساددا بولغان ياشلار، ئىككىنچىسى، ئىجتىمائى تۇرمۇش جەرىيانىدا زەربە يىگەن، يېقىلىپ ئورنىدىن تۇرالمايۋاتقان، جەمىيەتكە ئانچە رازى بولمايدىغانلار، ئۈچىنچىسى قىممەت قارىشى ئاساسەن كىتابتىن كەلگەن ئىجتىمائى تەجىربىسى ئاز بولغانلار، بۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى قىممەت قارىشىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىدا
3. نەزىرىيە، مېڭە يۇيۇش جەرىيانىدا ئەلۋەتتە ئەڭ ئالدى بىلەن لازىم بولىدىغىنى بىر نەزىرىيىدىن ئىبارەت، مېڭە يۇيۇشنىڭ ئۆزى ئەسلىدىنلا بىر خىل نەزىرىيىنى باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭدۇرۇش جەرىيانى، بۇ خىل نەزىرىيىلەر ئوخشاش بولمىسىمۇ لېكىن بىر قانچە ئورتاق نۇقتىلىرىنى تېپىپ چىقىش مۇمكىن، بۇنىڭ بىرىنچىسى، خاسلىقى، مېڭە يۇيۇش جەرىيانىدا ئىشلىتىدىغان نەزىرىيىلەر ئادەتتە ئورتاق ھالدا بىر قانچە ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان نەزىرىيىلەرنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان قىسىملىرىنى ئىشلىتىدۇ، شۇنداق بولغاندا تەسىر قىلىش كۈچى ئاشىدۇ، ئۆزى ئېتراپ قىلىدىغان نەزىرىيىلەر ئارقىلىق باشقا نەزىرىيىلەرنى چەتكە قاقىدۇ، ئىككىنچىسى ئەسلى نۇقتىسى، يەنى مېڭە يۇيۇش جەرىيانىدا ئىشلىتدىغان نەزىرىيە ھامان ئاسان قۇبۇل قىلىشقا بولىدىغان، ھەممە توغرا دەپ كېلىۋاتقان بىر نۇقتىنى مەركەز قىلىدۇ، بۇ ماتىماتىكىدىكى ئاكسىئومىغا ئوخشاش بولۇپ، ئاغدۇرۋېتىشكە بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ئەسلى نۇقتا زەربىگە ئۇچىرىسا قانداق قىلىدۇ؟ ئۇنداقتا توختىماي قايتا قايتا تەكرارلاش ۋە نۇپۇزىدىن پايدىلىنىپ زەربە بەرگەنلەرگە زەربە بېرىش ئېلىپ بارىدۇ.
4. مۇھىت - باشتا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك مېڭە يۇيۇش جەرىيانىدا چۇقۇم ئۇچۇر يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش ۋە چۈشەندۇرۇش ھۇقۇقىنى مونوپول قىلىش كېرەك ( بىزدە ھازىر ئۇچۇر يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ لازىمى يوق، چۈنكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ بىلىش يوللىرىنى ئىنتايىن تار، چۈشەندۇرۇش ھۇقۇقىنى مونوپول قىلىسلا ئىش پۈتىدۇ) بىزدە چۈشەندۇرۇش ھۇقۇقىنى مونوپول قىلىشمۇ ئانچە تەس ئەمەس، بىلىش دائىرىسى ئىنتايىن تار بىر جامائەتكە نىسبەتەن بىر قاتار ئىزىم ياكى مەشھۇرلارنىڭ كىتابلىرىدىن ئۈزۈندىلەرنى تىلغا ئېلىشىنىڭ ئۆزى يىتىپ ئاشىدۇ، ئاندىن ئۆزى سىڭدۇرمەكچى بولغان ئىدىيىنىڭ ئارىسىغا مۇشۇلاردىن لازىم بولغانلىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، توختىماي تەكرارلاشنىڭ ئۆزىلا يىتىپ ئاشىدۇ، بىر تەرەپتىن شۇ كىشىنىڭ بىلىم دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىگە سىموۋول بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ سىڭدۇرمەكچى بولغان ئىديىنىڭ توغرىلىقى توغرىسىدىكى ئاساس كۈچىيىدۇ، ئاستا ئاستا يۇغۇچىنىڭ نۇپۇزى يۇقىرى كۆتىرىلىدۇ، چۇقۇنغۇچىلىرى تېخىمۇ كۆپۇيىدۇ، ئارقىدىن ئىككىلەمچى يۇقۇملاندۇرغۇچىلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم يۇقۇملىنىدۇ، بەلكىم شۇ مېڭە يۇغۇچى ئەسلى بىر يۇقۇملانغۇچى بولۇپ، ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئاساستا باشقىلارنى يۇقۇملاندۇرغۇچى بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن.
ئومۇملاشتۇرغاندا مەلۇم نۇپۇز ۋە مەلۇم قاراشقا مۇتلەق چۇقۇنۇشنىڭ ئۆزى كىشىنى ئاسانلا باشقىلار تەرپىدىن يۇقۇملاندۇرىدۇ، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك بېكىنمە مۇھىت ئىچىدە ناھايىتى ئاسان ھالدا باشقىلار تەرپىدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇچۇر يەنە ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى مۇكەممەللەشتۇرىدىغان ئۇچۇر يوللىرىغا دىققەت قىلىش، ھەر خىل ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇش، ئىگەللەپ تۇرۇش كېرەك، ئەگەر بىر كىم ئۆزىنىڭ قارىشىنى مۇتلەق توغرا دەپ تەرغىپ قىلىۋاتقان ۋە جەمىيەتتە مۇئەييەن ئىجتىمائى تەسىر قوزغىغان بولسا، ئىمۇنىت ھالەتتە تۇرۇش، دەرھال ئۇنىڭ قارىشىغا ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇرلارنى ئىگەللەش ۋە مېڭىسىنىڭ نۇپۇزغا چۇقۇنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەر بىر ئىشقا مۇتلەق مۇشۇ توغرا دەپ ھۆكۈم چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەر خىل تەرەپتىن قاراشقا ئەھمىيەت بېرىش، گۇمان قىلىش لازىم. مۇتلەق توغرا دېيىلىۋاتقان نەرسىلەر ھامان خاتا چىقىپ تۇرىدۇ، ھەر ئىشتا ئوتتۇرىھال يول تۇتۇش، ھەممە ئادەم توغرا دەپ ئەگىشۋاتقان بولسۇن، مەيلى شۇ قاراشنى تەرغىپ قىلغۇچى قانچە يۇقىرى ئەخلاق پەزىلەتكە ياكى نۇپۇزغا ئىگە بولسۇن مۇتلەق توغرا دېيىشتىن ساقلىنىش لازىم.
ئاخىرىدا قۇشۇپ قويىدىغىنىم : نۇپۇز ۋە بىلىمىدىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پايدىلىنىشنىڭ ئۆزى شەكسىز ئەخلاقسىزلىق ۋە كەچۇرگۈسىز جىنايەت، ئىدىيىگە ھۇجۇم قىلىپ ئارىدىن پايدا ئۈندۇرۇشنى مەقسەت قىلغۇچى جىنايەتچىدۇر

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 19:44:07

مىڭىسى يۇيۇلغۇچى مەڭگۈ يۇغۇچىنىڭ تەپەككۇرىدىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 19:55:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   meyxor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-10 20:54  

روھلاندۇرۇش خاراكتىرىدىكى ئۇچۇرلانى تارقىتىشنىڭ ئەڭ توغرا مەقسىتى ئۇچۇر قوبۇل قىلغۇچى بىر توپ كىشىلەرنى يىڭلىق يارىتىشقا يىتەكلەش بولۇشى كېرەك.ئەمما مىڭىنىڭ يۇيۇلۇشىنىڭ ئۆزىلا ئىنساننى يىڭىلىق يارىتىشتىن مەھرۇم قىلىدۇ.شۇڭا يىڭى ئۇچۇرنى تارقىتىشتا چوقۇم قوللانغان ئۇسۇل ۋە مەقسەت توغرا بولۇشى كىرەك.ئۇنداق بولمىغاندا خۇددى بىر توپ ئەمۋايچى ياشلار ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئىسراپ قىلىشتىن باشقا ھىچقانداق ئىش قىلالمىغاندەك ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 20:01:30

مېنىڭچە ئىستودىنىت ياشلارنىڭ ياشاش موھىتى بىر قەدەر مۇقىم.جەمئىيەت ۋە تۇرمۇش بىلىملىرى يىتەرسىز.ئىش ھەرىكەتلىرى قىزغىنلىق ۋە ھاياجاننى مەنبە قىلىدۇ.كەلگۈسى تۇرمۇش ۋە ئىستىقبالىنى يارىتىش پىلانلىرى تىخى ھىچقانداق زەربىگە ئۇچرىمىغان.شۇڭا ئۇلارنىڭ ئورتاق قىزغىنلىقىنى توغرا خاتانى ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى قىلغىلى بولمايدۇ.

tomoki يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 21:00:39

ئاخىرىدا قۇشۇپ قويىدىغىنىم : نۇپۇز ۋە بىلىمىدىن پايدىلىنىپ باشقىلاردىن پايدىلىنىشنىڭ ئۆزى شەكسىز ئەخلاقسىزلىق ۋە كەچۇرگۈسىز جىنايەت، ئىدىيىگە ھۇجۇم قىلىپ ئارىدىن پايدا ئۈندۇرۇشنى مەقسەت قىلغۇچى جىنايەتچىدۇر

ماۋۇ گەپ ئەڭ جىنى  بار گەپ بوپتۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 21:25:07

شۇڭا مەن ھەر قانداق شەخسكە چوقۇنمايمەن،ھەر قانچە ئۇلۇغ ئېدىيە بولسىمۇ تەلتۆكۈس مۇرىتى بولمايمەن

Alisher يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 21:37:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Alisher تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-10 21:50  

بىر توپ ئادەملەرگە مىڭە يۇيۇش بىر شەخىسنىڭ قۇلىدىن كەلمەيدۇ،  بەزى كىشىلەرنىڭ باشقىلارنى  خاتا يۇلغا مىڭىپ قالارمۇ ،ئۆزىنى يۇقتىۋەتەرمۇ  دىگەندەك غەم قىلىشى ،باشقىلارغا  كۆڭۈل بۈلۈشى مىنى بەك تەسىرلەندۈرۋەتتى (ئۆزۈمنى تۇتىۋالمىسام تەسىرلىنىپ ئىقىپ كىتىدىغان چىراي).ئۇلار باشقلارنى بەك ئەقىلسىز،كالىسىنى ئىشلەتمەيدۇ ،مەن ئۇيلىغانى ئويلىيالمايدۇ دەپ غەم يەمدىكىن .ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ۋاقىتا سەل سەخسىتەتچىل بۇلىشىنى ،باشقىلارغا ئىچ ئاغىرىتماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن .                           كىمنىڭ قانداق پىكىر قىلىشى ياراتقۇچى بەرگەن ئەركىنلىك تۇرۇپ بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنسانىڭ پىكىر قىلىشغا ئارلىشۋىلىش بەك بىمەنىلىك .بىركىملەرنى يەنە بىر كىملەرگە يۇل كۆرسىتىشكە ،ئىدىيە تىڭىشقا  ھۆددىگە بەرمىگەندىكىدىن ،ھەم ئادەمنىڭ تاللىشى بۇلىدۇ .مۇشۇ مۇنبەردە بولسىمۇ  كەركىنلىك بەرسەك.

Alisher يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 22:04:16

كىمنىڭ ئەڭ قالتىس مىڭە يۇغۇچى ئىكەنلىكى ھەممىگە .ايان.كۈچى يەتمىگەنگە ئازىراقمۇ ئىمونىت ياسسىيالماي،كۈچى يەتكەنى ئۇدۇل كەلگەنى بولدى دىگۈچە بولدى ياسساش ،نامەرتلەرنىڭ ئىشى .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 09:36:19

مىڭە يۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ نوچىسى ……بىلەن ئەمۋاي شىركىتى

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 14:36:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 14:51  

مېڭە يۇيۇلۇش پەلسەپىسىنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلار ھەممە نەزەرىيە ياكى ھەممە پىكىرنى مېڭە يۇيغۇچى سەپسەتىلەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىشنى ئويلامدىكىن تاڭ، مۇشۇنداق تېمىلار بوپقالسىلا، ئاڭلىغۇچى ياكى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ بىلىش دائىرىسىنى نۆلگە تەڭ قىلىۋىتىدىكەن، بەزىلەر مېڭەم يۇيۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن دەپ ئۆزىگە ئۆزى خۇدا بوپقالىدىكەن. بۇلارنىڭ ئويلايدىغىنى نېمىكىن، بىلىپ بولمايدۇ.
مېڭە يۇيغۇچى دەپ قارالغانلارنىڭ ئاڭلىتىۋاتقان سۆزلىرىنىڭ مەزمۇنى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر مەزمۇننى ھەقىقەت ۋە ئازغۇن پىكىر دەپ ھۆكۈم قىلىشتا چوقۇم بىر پېرىنسىپ ۋە ئۆلچەم بولىدۇ. ئالدى بىلەن مۇشۇ ئۆلچەمنى تېپىش شۇنچىلىك مۇھىم. بەزىلەر كىتابنى تاللاپ ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بەزى كىتابلارنى ئوقۇساق مېڭىمىز يۇيۇلۇپ كېتىدۇ دەپ ئەنسىرەيدۇ، لېكىن مېنىڭچە بولغاندا، بۇ ئۇنچىۋالا قورقۇنچلۇق ئىشمۇ ئەمەس. يەنى ئالدى بىلەن كىتاب ئوقۇش ۋە ئىزدىنىش مەڭگۈ توختاپ قالماسلىقى كېرەك، بولمىسا باشتا قوبۇل قىلىنغىنىنى توغرا دەپ قاراش  (先入为主) ئېھتىماللىقى تولىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۆزىگە يەتكەن پىكىرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتتا خاتاغا چىقىپ قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنىمۇ نەزەردە تۇتۇشى زۆرۈر بولىدۇ. ئۇندىن قالسا، ئىنسان توختىماي پىكىر يۈرگۈزۈشى، ئويلىنىشى، ھەر ئىشنى ھەقىقەت تارازىسىدا دەڭسەپ، تەپەككۇرىدىن ئەستايىدىل ئۆتكۈزۈشى لازىم. شۇنداق بولغاندا، قارىقويۇق قوبۇل قىلىش ۋە ۋاقىتلىق ھاياجاننىڭ تەسىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ناۋادا، ئۆزىنى كەمتەر تۇتقان بىر ئۆگەنگۈچى ئۆزى مېڭىسىنىڭ يۇيۇلۇپ كېتىشىدىن قورقسا، مۇشۇ ئىككى نۇقتىدىن مەڭگۈ ئېسىدە تۇتۇشى لازىم دەپ قارايمەن. مەشھۇر مۇتەپەككۇر كۇڭزى «ئۆگىنىپ ئويلانمىسا گاڭگىراپ قالۇر، ئويلىنىپ ئۆگەنمىسە زاۋالى بولۇر» (学而不思则罔,思而不学则殆) دېگەنىكەن. «قۇرئان كەرىم»دىمۇ ئۆگىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشنىڭ ئوخشاش ھالدا تەكىتلەنگەنلىكى، ھەتتا بەزىدە ئۆگەنگەننىلا قوبۇل قىلىپ، ئىزدەنمەيدىغان ۋە ئويلانمايدىغانلارنى تەنقىد قىلغانلىقى بىز مۇسۇلمانلارغا قاراڭغۇ ئەمەس. پەيغەمبەر تارىخىدىمۇ ھەق دىن يەتمەي تۇرۇپ، ھەقىقەت توغرىلىق ئويلىنىپ، ئۆز قەۋمىنىڭ دىنلىرىدىن چىقىپ، ياراتقۇچىغا بويسۇنۇشنى لايىق كۆرگەن كىشىلەرنىڭ شەرەپلىك تەرىپلىرىنى ئۇچرىتىمىز.
قىسقىسى، بىر ئىنسانغا نىسبەتەن ئۆگنىش ياكى قوبۇل قىلىش بىلەن ئويلىنىش (تەپەككۇر يۈرگۈزۈش) تەڭ نىسبەتتە كۆرۈلۈشى ۋە بىر ئۆمۈر داۋام ئېتىلىشى زۆرۈردۇر. بۇنداق بولمىسا، ياكى بىرەرسى كەم قالسا، ئۇنىڭ تەقدىرى پەقەت تەلىيى بويىچە بولىدۇ.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 09:52:59

زامانىمىزدىمۇ مىڭىلەر قاتتىق يۇيۇلماقتا.مىڭىسى يۇيۇلۇۋاتقانلارمۇ سەزمەستىنلا ،تەبئىيلا قوبۇل قىلماقتىلەر...:(:L

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 10:40:03

بۈگۈن ئىزدىنىش يۇيۇلۇپ كېتىپتۇ{:112:}

kosan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-12 10:48:24

مېڭىلەر تولا يۇيۇلۇۋېرىپ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتمىسىلا بولاتتى-دە!{:101:}

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 06:55:53

@Berqi قېرىندىشىمىز باشچىلىقىدا مېڭە يۇيۇش، دەپ بىر كىتاب تەرجىمە قىلىنغان،سابىق بەرقىي مۇنبىرىدە. كىتاب زاۋۇتتا بېسىلىپ بولدى، دەپ ئاڭلىغىلىمۇ نەۋاخ. ھېچ چىرايىنى كۆرسەتمىدى ئۇ كىتاب. ياكى مۇنبەرگە يوللانمىدى. سەۋەبى نېمىكى؟

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 10:34:02

ئادەمنى خېلى ئويلاندۇرغىدەك يازما ئىكەن.
بەت: [1]
: مېڭە يۇيۇش ۋە ئىمۇنىت