bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 14:18:37

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پىروفىسور-رەيھان بەكتۇر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-12 09:22

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پىروفىسور - رەيھان بەكتۇر
ئاپتور: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە

بىز ھاياتىمىزدا قانداق كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپ قانداق ھاياتنى ياشاشنى بىلەلمەيمىز. ئەمما ئېنىقكى، بىز تونۇشۇش نېسىب بولغان كىشىلەر ھاياتىمىزغا ئۇنداق ياكى مۇنداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بەزىلىرى بىردەملىك شادلىق ياكى مالاللىق ئىلىپ كەلسە، يەنە بەزىلىرى بىزگە ئۆمۈرلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشىلەردۇر. مەن ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئېسىل كىشىلەر بىلەن تونۇشتۇم ۋە ئۇلاردىن كۆپ ئىلھام ئالدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىر كۆرسەتكىنمنى ئاساسەن بىلمەيمەن، ئەمما باشقىلارنىڭ ماڭا بولغان تەسىرلىرىنى ئەلۋەتتە ئېنىق بىلىمەن. ئەسلى يېزىشقا تىگىشلىك بولسا، تۇنجى بولۇپ دادام ۋە ئاناملارنى، ئايالىم ۋە قىزىمنى يېزىشىم كېرەك ئىدى. مەن ئۇلار ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئىپى كەلگەندە خاتىرەمگە پۈتۈپ مېڭىۋاتىمەن. ئەمما ماڭا ئالاھىدە زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھېكايىسى باشقىلارغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ دەپ قارىغان شەخىسلەر ھەققىدە يازغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن. مەن رەيھان ھەدەمنىڭ ئۆز-تەرجىمالىنى كۆرۈپ باقمىغان ھەم بۇ ماقالىنى يازىدىغانلىقىمنىمۇ ئۇنىڭغا ئېيتىپ باقمىغاچ بۇ ھەقتە ئۇنىڭدىن سوئال سوراپمۇ باقمىغان. تۆۋەندە ئۇنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن، ئاندىن ھەقىقىي ۋەقەلەر داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

دوكتور رەيھان بەكتۇر ئاقسۇدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاقسۇدا تاماملىغاندىن كېيىن ئەلا نەتىجە بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى ئېلېكتىر ئېنژىنىرلىقى فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنغان. تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىىسىدە ماگىسىتىر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپلا ئامېرىكا كىلەمسېن ئۇنىۋېرستېتى (Clemson University) ئېلىكتىر ئېنژىنىرلىقى كەسپىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتورلۇققا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ 2005-يىلى دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتى كومپىيۇتىر ۋە ئېلېكتىر ئېنژىنىرلىقى فاكۇلتېتىنىڭ مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىش سىستىمىسى بويىچە ياردەمچى پىروفىسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان ۋە تەبئىي پەنلەر ساھەسىدەئامېرىكا تەتقىقات ئۇنىۋېرستېتلىرىدىكى بۇ خىل ئۇسۇلدا پىروفىسورلۇق خىزمىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالغان. ئۇ قىسقىغىنە ئون نەچچە يىللىق تەتقىقات ھاياتىدا ئامېرىكىدىكى نوپوزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ۋە ئۆز ساھەسىدىكى ئامېرىكا ئىلمىي جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۈچۈن كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان. ئالاھىدە دېققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغىنى، ئۇ ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئۇيغۇر دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارنى يېتشىتۈرگەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر ئۇيغۇر پىروفىسور بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى تۇرسۇنجان ياسىن (ھازىر دوكتور تۇرسۇنجان ياسىن، ئوخشاشلا چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتى مەكتەپدىشى) پىروفىسور رەيھان بەكتۇرنىڭ تەجىرىبخانىسىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا كۆپ قېتىم ئېرىشىش ئىنتايىن تەس بولغان تەتقىقات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. ئۇ خىزمەتكە چۈشكەندىن باشلاپلا ئاسپىرانتلارنى يېتەكلەش ۋە تەتقىقات فوندىغا ئېرىشىشكە تەڭ كۈچەپ ھەر ئىككىلى جەھەتتە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن. دوكتور رەيھان بەكتۇر ئامېرىكىدىكى ئايال تەتقىقاتچىلار ئىچىدە نەتىجىسى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، 2009-يىلى ۋە 2011-يىلى ئىككى نۆۋەت «ئاياللار تېخنىكا مۇكاپاتى» نىڭ ئاخىرقى 16 نامزاتى تىزىملىكىگە كىرگەن. ئۇ 2011-يىلى «يىللىق مۇنەۋۋەر پىروفىسور مۇكاپاتى» ۋە «مۇنەۋۋەر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. دوكتور رەيھان بەكتۇر ئېرىشكەن كاتتا مۇكاپاتلار ئىچىدە، ئۇ 2013-يىلى ئېرىشكەن «دون دۇدلىي مائارىپ مۇكاپاتى» ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامېرىكا تەتقىقات ئۇنىۋېرستېتلىرىدىكى مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىش سىستىمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ 6 يىل ياردەمچى پىروفىسورلۇق خىزمىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەردىن پىشقەدەم پىروفىسورلار ۋە ئۇنىۋېرستېتنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ، يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتىنىڭ رەسمىي «مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىنغان پىروفىسورى» بولۇپ قالغان ۋە ئورۇنباسار پىروفىسورلۇق ئۇنۋانىغا كۆتۈرۈلگەن. بۇ ئامېرىكىدا ھەقىقەتەن كىچىك ئىش ئەمەس. دوكتور رەيھان بەكتۇرنىڭ تەتقىقاتلىرى يۇقىرى تېخنكىلىق ئانتېنا ياساشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ھازىر ئۇ ئۆز ساھەسىدە ئامېرىكىدىكى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئەمدى دوكتور رەيھان بەكتۇرنىڭ مەن بىلىدىغان ھېكايىلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

(1) رەيھان ھەدەم بىلەن تونۇشۇش - ئوقۇش ۋە تەتقىقات ھاياتىمدىكى ماياك

2009-يىلى ئامېرىكىغا يېڭى كەلگىنىمدە دوكتورلۇقتا ئوقۇش بېسىمىنىڭ زىيادە ئېغىرلىقى، يالغۇزلۇق ۋە زېرىكىشنىڭ يامانلىقىدىنيۇرتقا قايتىپ كېتىپ سېڭگەن نېنىمنى يېيىشنى نەچچە رەت ئويلاشقانمەن. شۇنداق ۋاقىتلاردا مېنى توسۇپ قالغان ئامىللارنىڭ بىرى دەل بۈگۈنكى ھېكايەمنىڭ باش قەھرىمانى - دوكتور رەيھان بەكتۇر. مەن ئامېرىكىغا بېرىشتىن بۇرۇن رەيھان بەكتۇر دەيدىغان بىرىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن، ئەمما ئامېرىكىغا كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن ئوقۇۋاتقان ۋايومىڭ شىتاتىغا خوشنا يۇتاھ شىتاتىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرىستېتلارنىڭ بىرى بولغان يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتىدا بىر ئۇيغۇر ئايال پىروفىسورنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشىنەلمەي قالغان ئىدىم. بۇ دېگىنىم ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى ياكى ئايال بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىدا پىروفىسور بولۇشنىڭ نەقەدەر قېيىن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قالغانلىقىمدىن ئىدى. ئامېرىكىدا ماڭا دەرس بېرىۋاتقان شۇ پىروفىسورلۇرۇمنىڭ بىلىمىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىدىن ھەيران قالاتتىم، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ شۇنچىۋالا بىلىملىك بوپ كەتكىنىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيتتىم، پەقەت قانداق قىلسا ئىمتىھان سوئاللىرىنى شۇنچىلىك تەس قىلىپ چىقارغىلى بولىدىغاندۇ دېگەنلەرنى ئويلاپلا، ئۇلارنىڭ بوش ئادەملەردىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلاتتىم. نەق شۇ پىروفىسورلۇرۇمنىڭ بىلىمى مېنى ھەۋەسلەندۈرەتتى، ئۇلار بىلىملىك بولۇپلا قالماي بەكمۇ ئەقىللىق بولۇپ ماڭا تۇنجى قېتىم مەندىن ئەقىللىق ئادەملەرنىڭمۇ بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ ماڭا مەنمەنچىلىكنى ئۈزۈل-كېسىل تاشلاشنى ئۆگەتكەن ئىدى (شۇنداق، مېنىڭ ئۆزۈمنى ئاجايىپ كاتتا چاغلىغان ۋاقىتلىرىم بولغان، شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام ھازىر يۈزۈم قىزىرىدۇ). ئۇلارنىڭ ھەممىگە شۇنچىلىك قاتتىق تەلەپ قويۇشلىرى بىر تەرەپتىن ئۆچلۈكۈمنى كەلتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن بەلكىم مۇشۇنداق ئۇلارغىمۇ مۇشۇنداق تەلەپلەر قويۇلغاچ شۇنچىلىك كاتتا بىلىم ئىگىلىرىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن مەن ئىشىنىشنى خالىمايدىغان ئازاپلىق خىيالغا كەلتۈرۈپ ئىلگىرىكى «كاتتا تىرىشچانمەن» دەيدىغان ئىددىيەمنى چۆرۈپ تاشلاتقۇزغان ۋە تىرىشچانلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلىشىمغا تۈرتكە بولغان ئىدى. بۇنچىۋالا كۆپ كاتتا پىروفىسورلار ۋە تالانتلىقلار قوشۇنى بۇ دۆلەتنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىدى. قىسقىسى، ماڭا ئوخشاش تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يۇرتتا ئۆسۈپ يېتىلىپ ناھايىتى ياش تۇرۇپلا ئامېرىكا تەتقىقات ئۇنىۋېرستېتلىرىدىكى تەبئىي پەنلەر بويىچە تۇنجى مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىش سىستىمىسى بويىچە پىروفىسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى بىلىش ماڭا قامچا بولۇپ تەگدى.

شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىم بويىچە، ماڭا ئوخشاش تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر قىزى يالغۇز ئامېرىكىغا كىلىپ فىزىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ، بىر توپ ماڭا «ساراڭلىق دەرىجىسىدىكى بىلىملىك» بولۇپ تۇيۇلىدىغان ئامېرىكا پىروفىسورلىرى قوشۇنىغا كىرەلىگەن يەردە مەن بىر يىلغا چىدىماي كېتىپ قالسام بەكمۇ نومۇسلۇق ئىش بولاتتى. شۇنداق، مەن كۆرۈشمەي تۇرۇپلا ئىچىمدە ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ بولغان ئىدىم. شۇنداق، ئالدىمىزدا بىز بېسىش ئالدىدا تۇرغان يولنى بېسىپ بولغانلارنىڭ بولۇشى بىزگە ھەم ئىلھام بېغىشلايدۇ ھەم ئۆگىنىشكە بولىدىغان تەجىرىبە ساۋاقلاردىن دېرەك بېرىدۇ. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دەپ 2011-يىلى ئۈمۈت ئېيىدا (ئاپېرىلدا) ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئاخىرى نېسىپ بولدى. ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن بىز فېيىسبۇك (چەتئەللەردە ئىشلىتىلىدىغان ئالاقە تورى) ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرغان ئىدۇق. مەن ئۆتكەن بەش يىلدا مەيلى دوكتورلۇق ئوقۇش جەريانىدا بولسۇن، مەيلى تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەردە بولسۇن، ۋە ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكىدا خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا بولسۇن ئۇنىڭ ناھايىتى ئەمەلىيەتچىل ۋە كېرەكلىك ساۋاقلارنى بېرىشى، ئۆز تەجىرىبىلىرىنى سۆزلەپ بېرىشى بىلەن نۇرغۇن قەدەملەرنى ئوڭۇشلۇق باسالىدىم ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىي ياردەملىرىگە ئېرىشىپ كەلدىم. مەن ئۇنىڭدىن باشقىلارغا قانداق ياردەم قىلىشنى ئۆگەندىم.
(1) رەيھان ھەدەم بىلەن تونۇشۇش - ئوقۇش ۋە تەتقىقات ھاياتىمدىكى ماياك (داۋامى)

رەيھان ھەدەمنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى تاماملاش جەريانىدا قىلغان ياردەملىرى ناھايىتى كۆپ. بەزىدە ياشىنىپ قالغان پىروفىسورۇمدىن تېرىكىپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۇ ماڭا بىر پىروفىسورنىڭ قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ ئويلايدىغانلىقىنى زېرىكمەي-تېرىكمەي تەپسىلىي چۈشەندۈرەتتى. ھەر قېتىم ئۇنىڭغا ھال ئېيتقىنىمدا ئۇ پىروفىسورۇمنى بىر قوساق ئەيىپلىشىپ بەرمەي ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىنتايىن تەلەپچان ۋە مۇنەۋۋەر بىر پىروفىسور ئىكەنلىكىنى، بۇنداق پىروفىسورلارنى ئۇچرىتىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ماڭا تەسەللىي بەرگەچ ئۇنىڭدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتەتتى. دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدىكى مۇھىم ئۆتكەللەرگە يۈزلەنگىنىمدە بولسا ئۇ مېنى قاتتىق ئىلھاملاندۇرۇپ بىردەمدە مەن قورققان ئىشنىڭ كىچىككىنە ئىشلىقىغا قايىل قىلاتتى ۋە ئىشەنچىمنى ئاشۇراتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىشلار راستىنلا كىچىك ئىشلاردىن ئەمەس ئىدى. ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇش بەزىدە كىشىگە ئۇچى يوق قاراڭغۇ تونىلدەك بىلىنىدۇ چۈنكى بىر قېيىن ئۆتكەلدىن ئۆتسىڭىز يەنە بىر ئىش سىزگە جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرغىنى تۇرغان. شۇنچە جاپالىق ئىشلەپ تەجىرىبە نەتىجىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغىنىدا، رەيھان ھەدەم گەرچە باشقا كەسىپتە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىشكە ئامراق ئىدى چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم سۆزلەشسەم روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ "مەغلۇپ بولۇشنىڭ سېنىقىدىن ئۆتمىگەن ئادەم دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا لايىق كەلمەيدۇ، ئەگەر مەغلۇپ بولمىغان بولسىڭىز ھەيران قالاتتىم" دەيتتى ۋە دوكتورلۇقنى پۈتتۈرۋالسام ئىشلارنىڭ ئاسان بولۇپ كېتىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ ماڭا يېڭىچە ئۈمىد بېغىشلايتتى. مەن ئۇنىڭدىن تەجىرىبىلىك دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

رەيھان ھەدەم كەسىپىي جەھەتلەردە مەن ھۆرمەتلەيدىغان بىر ياخشى يېتەكچىم بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيان ئۇ تۇرمۇشۇمدا بىر ئىشەنچلىك دوستقا ئايلاندى. چەتئەللەردە بىر مەزگىل ياشاپ باققانلارغا مەلۇمكى، بىز يات بىر ئەلگە قەدەم باسقان دەسلەپكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنى تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە سېغىنىمىز. يۇرت، قېرىنداشلىقنىڭ قەدرى ئۆتۈلۈشكە باشلايدۇ ۋە تەبىئيلا ئەتراپىمىزدىن بىزگە ئوخشاش تىلدا سۆزلەيدىغان كىشىلەرنى ئىزدەشكە باشلايمىز. بولۇپمۇ ھېيت-ئايەم كۈنلەردە يالغۇزلۇق تېخىمۇ بىلىنىدۇ. چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېغىر ئۆگىنىش بېسىمىغا قوشۇلۇپ كەلگەن يالغۇزلۇق خىلى زور روھىي بېسىم ئىلىپ كىلىدۇ. 2012-يىلى 8-ئايدا كەلگەن روزا ھېيىت مەن ئامېرىكىدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ خۇشال بىر ھېيت، دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن. بۇ قېتىم مەن ئامېرىكىغا كىلىپ تونۇشقان يېقىن دوستلىرىم بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن ئايداھو شىتاتىغا بارغان ئىدىم. رەيھان ھەدەم يۇتاھ شىتاتىدىن 2 سائەت ماشىنا ھەيدەپ ئائىلسىدىكىلەر بىلەن كەلدى. شۇنداق قىلىپ چوڭى نەۋرە كۆرگەنلەردىن تارتىپ كىچىكى ئەمدى تۇغۇلغان بوۋاقلارغىچە بولغان كىشىلەردىن تەركىب تاپقان4-5 ئائىلە ئەزالىرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بىر يەرگە جەم بولۇپ روزا ھېيتنى ناھايىتى خۇشال ئۆتكۈزدۇق.

بۇ مېنىڭ رەيھان ھەدەم ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن 2-قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشۈم بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگىمۇ بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇردۇق ۋە بۇ جەرياندا ئۇنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇ يەردە ئالدى بىلەن ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان بەكتۇر ئائىلىسىدىكىلەرنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمەن. دوكتور رەيھان بەكتۇرنىڭ تولۇق ئىسمى رەيھان گايىت بەكتۇر بولۇپ، دادىسى گايىت ئاكا ئاقسۇدىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزدا ئىككى مۇنەۋۋەر قىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقان پىشقەدەملەر بىلەن ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزۈپ يات ئەلدە خۇددى ئائىلىمىزدىكىلەر جەم بولغاندەك ھېسسىياتتا بولدۇق. مەن رەيھان ھەدەمنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن تەپسىلىي ئەسرارلاشقاندىن كېين ئۇنىڭ ياپياش تۇرۇپ ئامېرىكىدىكى بىر داڭلىق تەتقىقات ئۇنىۋېرستېتىدا مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىنغان پىروفىسور بولۇپ ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىدىكى بەزى مۇھىم سەۋەبلەرىنى تاپقان بولدۇم. قارىشىمچە، رەيھان ھەدەمنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشىدا، ئۇنىڭ باشقا نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرىغا قوشۇلۇپ، ئۇ ئېرىشكەن ياخشى ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىدا قىلچە شەك يوق. دوكتور رەيھان بەكتۇرنى ھەدەم دەپ چاقىرىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قائىدە بويىچە گايىت دادا ۋە ئامىنە ئاپا دەپ چاقىرىمەن. گايىت دادام بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ مول تارىخ بىلىمى ۋە كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھېكىمەتلىك كۆز قاراشلىرىدىن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قايىل بولدۇم. بۇنچىۋالا كۆپ تارىخنى بىلىدىغان ۋە ئېيتسا ھېكايىلىرى تۈگىمەيدىغان مويسىپىت بىلەن پاراڭلاشسىڭىز ھەرگىز زېرىكىپ قالمايدىكەنسىز. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ راۋان ئېنگىلىزتىلىدا ئامېرىكىلىقلار بىلەن سۆزلەشكىنىدە بولسا تاڭ قېتىپلا قالدىم. گايىت دادام 90-يىللاردىلا ئۆزلۈكىدىن ئېنگىلىزتىلى ئۆگەنگەن بولۇپ ئېنگىلىزچە كىتابلارنى بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىدىغان بىر ئىستىداتلىق تەرجىمان ئىكەن. مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ يېشىدىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ كۆز ئالدىمدا ئېنگىلىزتىلىنى شۇنچە راۋان سۆزلىگىنىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا بەكلا ھەيران قالدىم ۋە ئۇنىڭغا ئىچىمدە ئاپىرىن ئوقۇدۇم.

ئۆزى شۇنچە يىللار بۇرۇن ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگەنگەن گايىت ئاكىنىڭ بىر قىزى جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرستېت بولغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەڭ داڭلىق فاكۇلتېتى بولغان ئېلىكتېر ئېنژىنىرلىقى فاكۇلتىتىدا ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرۇسنى ئوقۇپ، ئىلغار نەتىجىسى بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسىدە ماگىستر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپلا، ئامېرىكىدا تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن كىلەمسېن ئۇنىۋېرستېتىدەك داڭلىق بىر ئۇنىۋېرستېتنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا ئۇنىۋېرستېتلىرىدىكى مەڭگۈلۈككە تەكلىپ قىلىش سىستىمىسى بويىچە تەكلىپ قىلىنغان تۇنجى ئۇيغۇر پىروفىسورغا ئايلىنىدۇ. يەنە بىر پەرزەنتى رەنا بەكتۇر بولسا بېيجىڭ سانائەت-تەبئىي پەنلەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىئولوگىيە فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرۈپ ئاچىسى ئىشلەۋاتقان يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىئو-ئېنژىنىرلىقى كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان GE ساغلاملىق (GE Healthcare) شىركىتىدە خىزمەتكە چۈشتى ۋە يېقىندا دەرىجىسى ئۆسۈپ ئالىملىق سالاھىيەت بىلەن خىزمەت قىلماقتا. بەكتۇر دېگەن سۆز «بەك تۇر، يەنە چىڭ تۇر، مۇستەھكەم تۇر، كۈچلۈك بول» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ يىراقنى كۆرەر گايىت ئاكا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئېتىقادى، ئىشەنچىدە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇ فامىلىنى قوللانغان ئىكەن. رەيھان ھەدەم فامىلىسىگە يارىشا ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا كۈچلۈك ئىشەنگەن ۋە شۇ يولدا چىڭ تۇرغان. رەيھان ھەدەم ئىنتايىن تۈز كۆڭۈل ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ ياسالمىلىقتىن پۈتۈنلەي خالىي سەمىمىىيلىكى، ئاددى-ساددا ۋە كىچىك پىئىللىقى تىزلا كىشىنى ئۆزىگە يېقىن ھېس قىلدۇرىدىكەن. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ تولىمۇ غەمسىز كۆرۈنىدىغان، كۈلۈپلا تۇرىدىغان چىرايى، ئاددىي ۋە قىزىقارلىق چاقچاقلىرىدىن ئۇنىڭ دوستانە مىجەزىگە بىردەمدىلا ئىچەكىشىپ قالىدىكەنسىز. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىكەن. بىز شۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھېچبولمىسا ھەپتىدە بىر دېگۈدەك ئالاقىلىشىپ تۇرىمىز. مەيلى كەسپىي جەھەتتىكى غەملىرىم بولسۇن ياكى تۇرمۇشتىكى تىلغا ئىلىشقا ئەرزىگۈدەك ئىشلار بولسۇن، ئۇنىڭغا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىمەن چۈنكى ئۇ ھەر ۋاقىت ياخشى ئاماللارنى كۆرسىتىپ ئادەمنى غەمدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. قولىدىن كەلسىلا سورىمىسىڭىزمۇ ياردىمىنى ئايىمايدۇ، ئەڭ بولمىغاندا ئۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم پاراڭلاشقاندا بىر قېتىم پۇخادىن چىققۇچە كۈلۈۋالىمەن. مەن ھەممە ئادەمنىڭ مۇشۇنداق كىشىلەردىن دوستىلىرى بولۇشىنى تىلەيمەن.

ئەسكەرتىش: ئۈستىدىكى رەسىم دوكتور رەيھان بەكتۇرنىڭ يېقىنقى ئەسىرى.


داۋامى بار.....

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 14:28:55

«نوچى» دېگەن گەپنى ئىشلىتىپسىزدە :) ھەممىمىز ئىشلىتىپ يېڭى مودا قىلىۋېتەمدۇق نېمە؟
كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئائىلىرىمىزدىكىلەر رەيھان ھەدەمنىڭ ئائىلىسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى، تاغامنىڭ رەيھان ھەدەمنىڭ دادىسى گايىت ئاكا بىلەن جانجىگەر دوستلاردىن بولغانلىقى سەۋەبلىك، رەيھان ھەدەمنى كۆرۈپ، ۋە مەكتەپتە قانداق ئوقۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. «رەيھان ھەدىڭىزگە قاراڭە....» دېگەن گەپ ئاتا-ئانامنىڭ تىلىغا رام ئىدى. بۇرۇنلاردا رەيھان ھەدەم بىلەن كىچىك ئاپام، ئەركىن سىدىق ئاكىمىز بىر ماقالىسىدە تىلغا ئالغان ئاينۇر ئابدۇررازاق داۋاملىق يوقلىشاتتى ۋە ئۇلار سەۋەبلىك مەنمۇ ئامېرىكىدىكى ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم، ھەر ئاڭلىسام تېخىمۇ قايىل بولۇپ كېتەتتىم. ھازىرغۇ فېيسبۇكتىنلا ھەممە ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان بولدۇق، ئىشقىلىپ قەلبىمدە ھۆرمىتىم چەكسىز. ئاللاھتىن ھەممە ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىپ تۇرىمەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 14:33:10

mastura يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 14:28 static/image/common/back.gif
«نوچى» دېگەن گەپنى ئىشلىتىپسىزدەھەممىمىز ئىشلىتىپ...

:lolتېخىمۇ ياخشىراق سۆز تاپالماي قالدىم. ئۇنىڭغا تېخىمۇ نوچى سۆز يارىشاتتى ئەسلى :)

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 15:11:21

رەيھان ھەدىمىزنىڭ تۇرمۇشىغاخاتىرجەملىك تىلەيمەن.تېمىنىڭ داۋامىنى ساقلايمىز....

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 15:14:07

چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ، خىزمەت قىلىۋاتقان ، بىزگە شەرەپ كەلتۈرىۋاتىقانئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزئاساسەن   فىزىكا ، خىمىيە ، تىببى پەنلەر ساھەسىدىلەر ئوخشايدۇ .
    باشقا ساھەدە ئوقۇۋاتقان ، نەتىجە قازانغانقىرىنداشلىرىمىز ئازمۇ ؟نىمە ئۈچۈن باشقا كەسىپلەردە ئوقۇيدىغانلار ئاز

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 15:23:17

رەيھان ئاچىمىزئەنۋەر بەكتۇرنىڭ قىزىمۇ ؟
   ئىزدىنىشقاتەكلىپ كىلسىڭىز ۋاقتى بولسا مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولسابولاتتى

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 15:52:19

رەيھان ھەدىمىز جېك بىلوگىنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى ئىدى، جېك بلوگى تاقىلىپ ھەدىمىزنىڭ يازمىلىرىنىمۇ كۆرەلمىدۇق....كۆز تەگمىسۇن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 16:02:53

مېنىڭ بىلىشىمچە چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەممىلا كەسىپتە دېگۈدەك بار، ئۆز كەسپىدە يۇقىرى ئورۇنغا چىققانلار ھەم خېلى كۆپ.
رەيھان ھەدىمىزنىڭ دادىسى گايىت بەكتۇر بولىدۇ.

shemsi19 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 16:51:59

چەتئەلدە ئابدۇلئەزىز رەھمىتۇللاھ ، ئەسەت سۇلايمان ، نەبىجان تۇسۇن قاتارلىق نۇرغۇن قىممەتلىك ئالىملىرىمىزمۇ بار .

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:03:13

تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد. نۇرمۇھەممەت ئەمەس!

Alif يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:03:31

تەھرىرلەندى

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:52:20

بەكتۇر تورىنى مۇشۇ بەكتۇر خانىم قۇرغانمۇ ؟ www.bektur.com

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 17:57:33

ئېسىل تىما،داۋامىغا تەشنامەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:26:41

ئاۋال ئەلانى بېسىپ داۋامىنى ساقلايلى قېنى...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:42:55

Alif يوللىغان ۋاقتى2015-02-18 17:03:13 static/image/common/back.gif
تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد. نۇرمۇھەممەت ئەمەس!
بىر گەپ قىلغىلى،تېمىنىڭ داۋامىنى يوللىغىلى قويۇڭلا
ئىسىمنى ئۇيغۇرچە يېزىپسەن،ئەرەپچە يازساڭ بولاتتى دەپ تۇرۇۋالماي،نۇرمۇھەممەت دىگەنمۇ خاتا ئەمەس،ناھايىتى ئۆلچەملىك يېزىلىشى
تېخى نۇرمەمەت دىگىنى ئەڭ كۆپ ئاتىلىشى ۋە يېزىلىشى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:16:25

ئەسئەت سۇلايمان ھازىر چەتئەلدىما ، شىۋىتسىيەدىن قايتىپ كىلىپ يەنە ئوقۇشقا چىكەتكەنما ؟ نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئەمما تەرجىمالىنى ئوقمايدىكەنمەن

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 21:57:03

Alif يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 17:03 static/image/common/back.gif
تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەد. نۇرمۇھەممەت ئەمەس!

قاراڭ، مەن ئىسمىمنىڭ توغرا يېزىلىشىنى ئۆگىنىپ بولالمىدىم. ئەقلىم سەل كەمرەك بولسا كېرەك.... دادامنىڭ ئىسمىنى نۇرمەمەت دەپ قويۇپتىكەن، شۇڭا بۇندىن كېيىن شۇ بويىچە يېزىشنى قارار قىلدىم. تەلەپكە چۈشمىسە باشقىلار قانداق يازسا مەيلى، مەن بۇنىڭدىن كېيىن نۇرمەمەت بويىچە يازىمەن. ماڭا ئۈندەش بەلگىسى ئىشلىتىپ گەپ قىلىشتىن ساقلىنىڭ، تەربىيەگە مۇھتاج ۋاقىتتا سىزنى ئۆزۈم تاپىمەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 23:00:54

ilter يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 15:14 static/image/common/back.gif
چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ، خىزمەت قىلىۋاتقان ، بىزگە شەرەپ...

چەتئەللەردە ھەر ساھەلەردە نەتىجە قازىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار چىقىۋاتىدۇ، ئەمما دېگىنىڭىزنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار. سىز تىلغا ئالغان تەبئىي پەنلەردە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش پۇرسەتلىرى بىر قەدەر كۆپ كەسىپلەر بولۇپ، فىزىكا، خېمىيە بىئولوگىيە قاتارلىق كەسىپلەردە ئامېرىكىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇيالايدۇ. بۇ ئەھۋال مەلۇم نىسبەتتە مۇشۇ ساھەلەردە كۆپلەپ ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 23:05:35

ilter يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 15:14 static/image/common/back.gif
چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ، خىزمەت قىلىۋاتقان ، بىزگە شەرەپ...

ئۇمۇن باغۇ:lol

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 00:06:01

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 21:57 static/image/common/back.gif
قاراڭ، مەن ئىسمىمنىڭ توغرا يېزىلىشىنى ئۆگىنىپ بولالم ...

بىلگەجان قېرىندىشىم، ئىسمىڭىزنى يازغىنىڭىز توپتوغرا. ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئىملا قائىدىسى بويىچە پەقەتلا خاتاسى يوق. مەن ھازىرقى (يەنى 2009-يىلىدىكى ئىملا بويىچە سىزنىڭ يازغىنىڭىزنىڭ توغرىلىقىنى قوللايمەن)
بەت: [1] 2 3
: ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پىروفىسور-رەيھان بەكتۇر