jan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 02:40:58

خەلق، مىللەت، پۇقرا -دېگەن سۆزلەرنىڭ قىسقىچە مەناسىى توغرىسىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-20 02:43  

خەلق، مىللەت، پۇقرا -دېگەن سۆزلەرنىڭ قىسقىچە  مەناسىى توغرىسىدا

خەلق، مىللەت، پۇقرا - دېگەن سۆزلەرنىڭ  مەناسىنى توغرا تونۇپ يەتمىگەندە، ئاسانلا ئۇقۇم خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ.

خەلق - مەلۇم بىر دۆلەتتە، مەلۇم بىر رايوندا ياشايدىغان، شۇ دۆلەتنىڭ، شۇ رايوننىڭ قانۇن، نىزاملىرىغا رىئايە قىلىپ، دۆلەتكە، ئاممىغا، يەككە ئادەملەرگە ھېچقانداق زىيان- زەخمەت يەتكۈزمىگەن كىشىلەرنىلا بىلدۈرگەنلىكتىن ، ئۇ  تار مەناغا ئىگىدۇر. لېكىن ئوخشاشمىغان مىللەت، قەۋم، قەبىيلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىىقىغا نىسبەتەن كەڭ ئوبيېكتىقا ئىگىدۇر. دۆلەتكە زىيان سالىدىغان، كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىىلىدىغان تۈرلۈك شەكىلدىكى بۇزغۇنچى، جىيانەتچى ، جۈملىدىن زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار خەلق دۈشمەنلىرى - دەپ، ئاتىلىدۇ. خەلقنى سۆيۈش دېگەنلىك - خەلق دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇش، خەلق دۈشمەنلىرىنى چەتكە قېقىش  - دېگەنلىكتۇر.

   مىللەت - ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوبيېكتىگە نىسبەتەن خەلقتىن تار ئۇقۇمغا ئىگىدۇر. ئەمما - پاك، دىيانەتلىك كىشىلەرنىمۇ، پاسىقلارنىمۇ، ئاكتىپلارنىمۇ، پاسسىپلارنىمۇ، ھەتتا مىللەتكە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنىمۇ  ئۆز تەركىبىگە ئالغانلقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كەڭ مەناغا ئىگىدۇر. مىللەتنى سۆيگەن كىشى ئوغرىسىنىمۇ، توغرىسىنىمۇ، پاسىقلىرىنىمۇ، پاھىشەلىرىنىمۇ، زالىملىرىنىمۇ، مۇناپىقلىرىنىمۇ، ئالىم، ئېنژىنېرلىرىنىۇ، تەييار تاپ نان قېپىلارنىمۇ، ياخشىنى، يامىنىنى، موللىسنى، ھاراقكەش، قىمارۋاز ھەممىسىنى قوشۇپ سۆيۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. مىللەتنى سۆيۈشتە تاللاپ سۆيۈش دەيدىغان ئايرىمچىلىق بولمايدۇ. شۇڭا ئەڭ كۆپ بەدەلنى مىللەتچى ئۆتەپ قالىدۇ. ئەمما رازى بولالىغانلىرىلا  ئازاپتىن قۇتۇلالايدۇ.

  پۇقرا - ئاساسەن قانۇنى ئاتالغۇ بولۇپ، مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ گراژدانلىقىغا ئىگە بارلىق كىشىلەر-پۇقرا - دەپ ئاتىلىدۇ. دۆلەتنىڭ گراژدانلىقىدىن قوغلاپ چىقىرىلمىغان ھەرقانداق كىشى پۇقرالىق ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئوغرىمۇ، قاتىلمۇ، بۇزغۇنچى، دۆلەت دۈشمىنى، خەلق دۈشمىنى.. ھەممىسى پۇقرانىڭ ئىچىگە كىرگەن بولىدۇ. پۇقرا - ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوبېكتىپكە نىسبەتەن خەلق ۋە مىللەتتىن كەڭ مەناغا ئىگىدۇر.

   خەلق، مىللەت، پۇقرانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتۇرۇپ، ھەتتا ئۆز مىللىتىدىن نەپرەتلىنىپ تۇرۇپ مىللىتىمنى سۆيۈمەن-دەيدىغانلارغا ساۋات بولۇپ قالسۇن- دەپ،  يېزىپ قويدۇم.
  

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 06:08:46

مىللەتنى سۆيگەن كىشى ئوغرىسىنىمۇ، توغرىسىنىمۇ، پاسىقلىرىنىمۇ، پاھىشەلىرىنىمۇ، زالىملىرىنىمۇ، مۇناپىقلىرىنىمۇ، ئالىم، ئېنژىنېرلىرىنىۇ، تەييار تاپ نان قېپىلارنىمۇ، ياخشىنى، يامىنىنى، موللىسنى، ھاراقكەش، قىمارۋاز ھەممىسىنى قوشۇپ سۆيۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. مىللەتنى سۆيۈشتە تاللاپ سۆيۈش دەيدىغان ئايرىمچىلىق بولمايدۇ. شۇڭا ئەڭ كۆپ بەدەلنى مىللەتچى ئۆتەپ قالىدۇ. ئەمما رازى بولالىغانلىرىلا  ئازاپتىن قۇتۇلالايدۇ.

ياخشى تىمىكەن  .  ئەمما بىزنىڭ مۇناپىقلارنى سۇيۇش مەجبۇريىتىمىز يۆق  .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 07:10:27

UYGHURBOY يوللىغان ۋاقتى  2015-2-20 06:08 static/image/common/back.gif
ياخشى تىمىكەن  .  ئەمما بىزنىڭ مۇناپىقلارنى سۇيۇش مەجب ...

ئەر بۇلۇش سۈپىتىڭىزدە سىز دەۋاتقان شۇ ‹‹مۇناپىقلارنى ياخشى يولغا باشلاش سىزنىڭ مەجبورىيتىڭىز. چۇنكى ئۇ سىزنىڭ خەلقىڭىز!...
   سىز قانچىلىك كۈلەمدە ئىگىلىك تىكلەپ قانچىلىك ئادەمگە مۇقىم تۇرمۇش ئاتا قىلدىڭىز؟ ئاۋۇ پوتىننىڭ نىمە ئۈچۈن خەلقى ئىچىدە ئىناۋىتى يۇقىرى بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەمسىز؟
  
شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇن، سىز ئاپتۇنۇمغا رەئىس بولسىڭىزمۇ مىللىتىڭىزدە نادانلار كۆپ بولسا پۇلدىن باشقا ئىتىقادى يوقلاردىن باشقىلېرىنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتىڭىز، ھۈرمىتىڭىز بولمايدۇ، شۇڭا مەركەزدىن كەلگەن مائارىپ-تەربىيلەش خىراجەتلېرىنى بولسىمۇ قايرىۋالماي ئۆز جايلېرىغا يەتكۈزسىڭىز خەلقىڭىزنىڭ ساپاسى ئاشسا، ئىقتىسادى تەرەققى قىلسا ئاندىن سىزنىڭ يىغىنلاردا باش كۈتۈرۈپ يۈرگۈدەك سالاھىيتىڭىز بۇلىدۇ...
  ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارسىڭىز بىغەم ئولتۇرغان ساقچىلار جامالىڭىزنى كۆرۈپلا ئورنىغا قايتىپ ئالايتەن سىزنى تەكشۈرسە شەرەپ ئەمەستۇ؟...
  شۇنىڭغىمۇ شۇ كاللىسىدىكى تەپەككۈر ھۇقوقلېرىنى يامان نىيەتلەرگە تارتقۇزۇپ قويغان ناھايتىمۇ ئاز ساندىكى بىر قىسىملار سەۋەپ بولغان، ئەمما تەرەققى قىلغان بىر قەۋىمگە ئايلانغان مىللەتتە(ياپونىيە، گىرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنىگىلىيە) بولسا بولسا تەپەككۈرىنى باشقىلارغا تاپشۇرىدىغانلار نىسبەتلەشتۈرگەندە ئۇنچە كۆپ چىقمايدۇ.

UYGHURBOY يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 16:12:03

ئەر بۇلۇش سۈپىتىڭىزدە سىز دەۋاتقان شۇ ‹‹مۇناپىقلارنى ياخشى يولغا باشلاش سىزنىڭ مەجبورىيتىڭىز. چۇنكى ئۇ سىزنىڭ خەلقىڭىز!...
كەچۇرۇڭ دۆستۇم  . ئۆغۇرى يانچۇقچىلار  ۋە پاھىشىلار بىلەن ئاۋۇ مۇناپىقلارنى بىر قاتاردا سانىۋالغان ئۆخشايسىز  . مۇناپىقلارنى ئۆغۇرى يانچۇقچىلار ۋە پاھىشىلار بىلەن بىر قاتاردا ساناش  ئۆغۇر يانچۇقچىلار ۋە پاھىشىلار قىلىنغان ھاقارەت . چۇنكى ئۆغۇرى يانچۇقچىلار ۋە پاھىشىلار   شۇ يۆللارنى تۇتسا تۇتىدىكى لىكىن مۇناپىقلىقنى ئۇزىگە راۋا كۆرمەيدۇ   .   ئاۋۇ مۇناپىقلاردىن ئۆغۇرى يانچۇقچىلار ۋە پاھىشىلار نەچچە مىڭ ھەسسە سۇيۇملۇك  .
ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەرقانداق باھانە سەۋەب بىلەن  مۇناپىقلارغا چاپان يېپىش ھەققى يۆق  .  

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 18:01:22

مۇنافىقنىڭ زىيىنى ھەققىدە كالامۇللاھتا ھەر ئىنسانغا چۈنۈشلۈك تىلدا بايان بولغانلىقى ئۈچۈن ئارتۇق مۇلاھىزىلەر قالدۇرۇلسا بولامىكى.. .........

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 18:52:45

  راست دەيدۇ ، مۇناپىقلارنى ئوغرى -پاھىشە ئەمەس ، چوشقىغا ئوخشىتىشمۇ چوشقىغا ھاقارەت .  ما مۇناپىق ئاتالغۇسى دىنىي چۈشەندۈرۈشتىكى مۇناپىقنىڭ دەل ئۆزى ئەمەس .

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 19:05:00

بۇ يەردە بىر ئورسىداكىس كىلىپ چىقىدۇ يەنى بىر ئىجدىمائىي توپتىن چىققان مۇناپىق شۇ ئىجدىمائىي توپ كاتاگورىيسىگە كىرمەيدۇ.
مۇناپىقنى قايسى مەيداندا تۇرۇپ باھا بەرسەك،ئۇنى كەچۈرۈشكە، مۇراسسە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى ئىنىق.
ablimittنىڭ دىمەكچى بولغىنى مەجبۇرلانغان ‹مۇناپىق›لارنى كۆرسەتسە كىرەك.

eyyub يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 19:06:47

ئۆز مىللىتىگە ئۆچمەنلىك قىلىپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغان ھەر قانداق ئادەم بالىسى مۇناپىقتۇر.
مۇناپىقلارنىڭ ھاياتى خارلىقتا ئىچىدە ئۆتىدۇ، دەھشەتلىك ھالدا ئۆلىدۇ، دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا كىرىدۇ.
مۇناپىقنى ھەممىدىن ئاۋال شۇ مۇناپىقنى ئىشلەتكۈچى ھەممە ئىنساندىن خار كۆرىدۇ، مۇناپىقنىڭ باشلىقى مۇناپىققا ئىشەنمەيدۇ، ھە دېسە ئۇنى يەكلەيدۇ. خەلىقى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىدۇ. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى ۋە جاھاندىكى جىمى سالىھ كىشىلەر مۇناپىقلارنى لەنەتلەيدۇ.
مۇناپىقلار ئادەم بولسا ئادەملەر ئۆز بەختىنى تاپىدۇ.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 20:18:33

ھازىر كىشىلەر بىر-بىرىنى ئاسانلا مۇناپىق دەپ تىللايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ،مۇناپىق دىگەن سۆزدىن بەزى كىشىلەر ھار ئالمايدىغان بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ.
بەت: [1]
: خەلق، مىللەت، پۇقرا -دېگەن سۆزلەرنىڭ قىسقىچە مەناسىى توغرىسىدا