-
قار ياغدى بۇ يىلمۇ، سەن يوق يېنىمدا.
پۈركەندىم شۇ قەدەر ئاپئاق چېچەككە. -
گۇمنام گۈلۈڭ مەۋسىمى بوستان ئۆتتى.
ھەيف ئۈستىگە ھەيف ئىشرەتى مەستان ئۆتتى.
يالغۇز سەن ئېمەس گۈل يوقىدىن يىغلاغالى،
بۇ دەرد ئىلە مىڭ بۇلبۇلى دەرمان ئۆتتى. -
ماددىنى تولۇق بىل، ئاڭنى ئۇلۇغ بىل.
ئۆزۈڭنى دۇنياغا ئېتىلغان ئوق بىل.
تۇرقىدىن زۇلمەتكە ئوخشايدۇ بۇ تەن،
ۋە لېكىن روھنى سەن مەڭگۈ يورۇق بىل. -
-
-
-
-
-
-
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ.
كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ. -
كىشىلەر ئارىسى بىر جاڭگال.
ئۆز - ئۆزۈمنى ئىزدەيمەن.
مەن شېئىر ئارقىلىق ئۆزۈمنى تاپالايمەن.
مەن شېئىر ئارقىلىق ئۆزۈمنى داۋالايمەن. -
سىلكىتىپ سۇمبۇل چېچىمنى ئەيلىسەم باغرىمنى قان،
سەن ئۇچۇرغان ئىزگۈ قۇشلار ئايلىنىپ تارىمغا كەلدى. -
- دىن تارقاتقۇچىلار ئافرىقىغا يېڭى كەلگەندە ئۇلارنىڭ قولىدا «ئىنجىل»، بىزنىڭ قولىمىزدا زىمىن بار ئىدى.
دىن تارقاتقۇچى: «ئىبادەت قىلايلى» دىدى.
بىز كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئىبادەت قىلدۇق.
كۆزىمىزنى ئېچىپ قارىساق، ھەممە ئەكسىچە بولۇپ قاپتۇ.
بىزنىڭ قولىمىزدا «ئىنجىل»، ئۇلارنىڭ قولىدا بولسا زىمىن تۇرۇپتۇ. -
دۇنيادا نىمە ئەڭ ئادىل تەقسىم قىلىنغان؟
پەيلاسوپ بىلەن ئادەتتىكى ئادەمنىڭ پەرقى
قانداق كىشىلەر پاتقاققا چۈشۈپ كەتمەيدۇ؟ -
پەننىي بىلىملەرنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار؟
بەختنىڭ ئامىلى نىمە؟
مەسئۇلىيىتىمىز نەدە؟
قايسى خىل ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى ئەڭ ئادىل؟
ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نىمىدىن كىلىدۇ؟
ھۆر ئادەم نىمىلەرگە ئىگە بولۇشى كىرەك؟ -
ئەرنىڭ زىننىتى - ساقال
سۆزنىڭ زىننىتى - ماقال
-
ئەي مېنىڭ ئانا تىلىم – ئۇيغۇر تىلىم
سەنسىز مەن ئۇيغۇر بولۇپ يۈرەلمەيمەن. -
ئەگەر كۆپرەك پۇل تېپىپ بايۋەچچە بولۇپ قالسام، قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىما!
-
-
سەنمۇ ئۆزۈڭنى ئالداشتىن ۋاز كەچ.
تەننىڭ تەنھالىقىدىن روھنىڭ تەنھالىقى يامان.
چۈنكى مۇھەببەت تەننىڭ ئىھتىياجى ئەمەس،
بەلكى روھنىڭ تەشنالىقىدۇر.