ئامېرىكىغا ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈن يوقمۇ؟ - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2012年04月16日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/206239591.html

    ئامېرىكىغا ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈن يوقمۇ؟


    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-04-12) ماقالىسى:
    ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىماقتا.
    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جاھانگىر دۆلەت تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىلامدۇ؟
    بۈگۈنكى كۈندە مىت رومنىيغا ئوخشاش بىر قىسىم كىشىلەر ئىلگىرىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى قايتىدىن قوزغاشقا ئۇرۇنۇپ، رۇسىيەنى باش جۇغراپىيەلىك سىياسىي دۈشمەن ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋروپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورنىتىشى ئامېرىكىغا تەھدىت دېگەن ۋاقىتتا، مۇناسىۋەت يىرىكلىشىشكە باشلىدى. بەزى كىشىلەرنىڭ بىزنى ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغىنىغا ئوخشىمايدىغىنى، زىبگنىف بىروزىنىسكىنىڭ «شاھمات ئەندىزىسى» باشتىن-ئاخىر خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ بىر تەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بۈگۈنكى كۈندە بۇ شاھماتتا بۇرۇلۇش بولۇشى مۇمكىن.

    جۇغراپىيەلىك سىياسىي مۇرەككەپ

    سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، يىمىرىلگەن بۇ ئىمپېرىيەنىڭ بۇرۇنقى ئەزالىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپتە ئۇلارغا ھېچقانداق نەپ بەرمىگەنلىكىدىن ئۈمىدسىزلەندى ھەمدە ئامېرىكىنى ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغان كۈچلۈك مۇھىم شېرىكى دەپ قارىدى. 20 يىلدىن كېيىن، رايون ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. رۇسىيە مەغرۇرلۇق بىلەن باش كۆتۈرۈپ چىقتى، جۇڭگو بىلەن ھىندىستانمۇ سەل قارىغىلى بولمايدىغان دۆلەتكە ئايلاندى، يەنە بىر قىسىم ھاكىمىيەتمۇ ئالايلۇق ئىران ھاكىمىيىتىمۇ باش كۆتۈرۈپ چىقتى، ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخىمۇ زور رول ئويناشنى ئۈمىد قىلىپ، شەكىللىنىپ بولغان جۇغراپىيەلىك سىياىسي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى.
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئافغانىستان ئۇرۇشىنى باشلىغاندا ئافغانىستان پىرېزىدېنتى خەمىت كارزايىنىڭ نېرۋىسىغا تىگىپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا كارزاي مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بىرلەشمە ئارمىيە ئەسكەرلىرى پۇقرالارنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلتۈردى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى خالىغانچە ئوق چىقاردى. مەن بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمىدىم. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسمىنىڭ ئافغانىستاندىكى بازىسىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئەسلىي بېكىتكەن 2014-يىلى ئەمەس بەلكى 2013-يىلنىڭ بېشىدا ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. غەرب ئارمىيەسى چېكىنسە ئافغانىستان زېمىن بىخەتەرلىكىگە ئۆزى ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدۇ. شۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش، تەلۋىلەرچە قانلىق ۋەقەلەرنى سادىر قىلىشتەك ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىغا چىداپ بولالمىدى. ھەتتا ھىلارى كىلىنتۇنمۇ ۋەزىيەتنىڭ كونتروللۇقىنى يوقاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
    بۇ خىل كەيپىيات پاكىستاندىمۇ يامرىماقتا، ئامېرىكا گەرچە پاكىستانغا زور كۆلەمدە مەبلەغ ياردىمى بەرگەن بولسىمۇ، شۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە چىداپ تۇرالمىدى. پاكىستان بۇ مەسىلىدە خەلق ئاممىسى بىلەن پۈتۈنلەي بىر تەرەپتە تۇردى. مەزكۇر دۆلەت نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئىسلامئاباد بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا پاكىستان يەنە تېھران بىلەن غەربنىڭ كۈچلۈك توقۇنۇشىدا، تېھراننى دىپلوماتىيە بىلەن ھەربىي جەھەتتىن قوللىدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ پاكىستان تەۋەسىگە ئىرانغا ھۇجۇم قىلىدىغان ھەربىي بازا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتە كۈچەيتىلدى. ئورتاق تەبىئىي گاز تۇرۇبا تۈرى ئىران، پاكىستان، ھىندىستان، جۇڭگونى كېسىپ ئۆتىدۇ.

    ئامېرىكا قارشى ئېلىنمايدۇ

    روشەنكى، ھىندىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پاكىستان بىلەن ساقلىنىۋاتقان ئىختىلاپنى تولدۇرۇش ئاسان ئەمەس، ئەمما تېھران يېڭى دېھلىنى قارار ماقۇللاشقا دەۋەت قىلماقتا. مەيلى قانداق بولسۇن، تۈر چوقۇم يولغا قويۇلىدۇ، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە رۇسىيەنىڭ مەبلىغى بار. كەلگۈسى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى غەربنى خاتىرجەمسىزلەندۈرمەكتە. داۋاملىق پاكىستانغا تەھدىت سالماقتا، ئىسلامئاباد بۇ تۈرگە پائال قاتنىشىشنى قارار قىلسىلا، غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئەمما بۇ تەھدىت پاكىستان ھۆكۈمىتىگە تەسىر قىلىپ كەتمەيدۇ. باش مىنستىر جىلانىنىڭ يېقىندىكى سۆزىدىن قارىغاندا، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىدىن قۇتۇلۇش ھەتتا خەلق ئاممىسىنى قوغداشكەن.
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا قىرغىزىستاننىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان ئاتامبايېف ئامېرىكىغا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ماناستا ھەربىي بازا تەسىس قىلىشدىن خۇشال ئەمەسلىكىنى ئاستىرتتىن بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە 2014-يىلى ئىككى تەرەپلىك ئىجارە كېلىشىمى ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، بۇ بازىنى ساقلاپ قالمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.
    يېقىندا قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىدا قىرغىزىستان رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئىككى پارچە ساختا خەۋەر ئېلان قىلىندى.
    1-ماقالىدە: رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسمىنىڭ مەزكۇر دۆلەت تەۋەسىگە كىرىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ھاۋا ئارمىيە بازىسى بىلەن تەمىنلىمەكچى، دېيىلدى.
    2-ماقالىدە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇناسىۋەت ئەھۋالىدىن رازى ئەمەس، دېيىلدى. بۇ ئىككى پارچە ماقالىنىڭ ھەقىقى مەقسىتىنى بىلىشكە خىلى ئۇزاق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، ئەمما شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇلار ئەكسىچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى. ئىككى تەرەپ تاراتقۇلارنىڭ ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى. رۇسىيە يەنە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتىنىڭ ماناس بازىسى توغرىسىدىكى قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئېتىراپ قىلىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
    تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ۋاشىنگتوننىڭ تاجىكىستانغا تاڭماقچى بولغان ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادى بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش نىيىتى يوق، چۈنكى بۇ تاجىكىستان ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ كەمبەغەل دۆلەت ئاساسلىق سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋەتنى ئۈزىۋىتەلمەيدۇ. تاجىكىستان گەرچە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلاردا ئافغانىستانغا ئارىلىشىشنى قوللاشقا قوشۇلغان بىلەن ھەق بىلەن ھېسابلاشماستىن ئۆز ئىقتىسادىنى قۇربان قىلىشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادى بېسىم ئىراننى يېڭى تۈر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، غەربنىڭ ئۇنى ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالىشىدىن قۇتۇلۇشقا مەجبۇر قىلماقتا. ھازىر ئۇلار تۆمۈر يول، ئېنېرگىيە، سۇ بايلىقى تۈرى ئارقىلىق تاجىكىستانلىقلارنى قىزىقتۇرماقتا. بۇ تۈر بەلكىم پاكىستاننىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشى مۇمكىن.
    ئۆزبېكىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق خاھىشىمۇ بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە، بولۇپمۇ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەمىناتى جەھەتتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزبېكىستان يەنە ۋاشىنگتوندىن تېخىمۇ كۆپ پۇل تەلەپ قىلدى. روشەنكى، ئۆزبېكىستان بۇ مەسىلىدە موسكۋا تەرەپتە تۈردى، بىز مۇشۇ ئارقىلىق، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشنى تېزلىتىۋاتقانلىقى، دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلنى سىناپ باققانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. بۇنىڭدىن باشقا ئۆزبېكىستان يەنە رۇسىيە، تاجىكىستان ۋە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا سىفىرلىق ساھەدە دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قارار لايىھەسىنى سۇندى. نۆۋەتتە ئىنتېرنېت تورىدا ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېقىم يەنى ئەرەب باھارى ۋە رۇسىيەدىكى پوتىنغا قارىشى نامايىش پات-پات كۆرۈلمەكتە.

    ئەندىزىدە تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولدى

    قازاقىستان بىلەن تۈركمەنىستان ئالاھىدە ئىپادە بىلدۈرمىدى، ئەمما ئىككى دۆلەت غەربنىڭ مەزكۇر رايوندىكى زومىگەرلىكىگە ئانچە قىزغىن ئەمەس، ئامېرىكىنى ھەربىي ئاساسى مۇئەسسەسەلەر بىلەن تەمىنلىدى. ئەزەربەيجان بىلەن گىرۇزىيەنىڭ مەيدانىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئالايلۇق، باكۇ ئىزچىل ئىسرائىلىيە بىلەن ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ خىل مۇناسىۋەت كاپالىتىنىڭ بىرى نېفىتكە قۇرال ئالماشتۇرۇش. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئەزەربەيجاننىڭ ھەربىي بازىسىغا ئىگە بولۇپ، ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىدۇ. ئەمما ئەزەربەيجان ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئەمەلىي ئەھۋال قانداق بولىشى بىزگە نامەلۇم. گىرۇزىيە 2008-يىلى 8-ئايدا رۇسىيە بىلەن بولغان جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى. پۇتىن بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلغان ماقالىدە ئۇدۇللا رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدىكى بۇ توقۇنۇشنى غەرب قوزغىغان، دېدى.
    يىغىنچاقلىغاندا، ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا ھېچقانداق زور غەلىبىگە ئېرىشەلمىدى، ياۋروپا چېگراسىغا يېقىن جايدا بىر قىسىم ئىتتىپاقداشلىرى قالغان بولسىمۇ، مەزكۇر رايونىدىكى تەسىرىنى كۈنسېرى يوقاتتى، نۆۋەتتە غەربنىڭ ئىراننى جازالىشى ئالاھىدە ئۈنۈم بەرمىدى، ھامىنىي يېقىندا ئىرانلىقلارنى مەملىكەت ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مال سېتىۋېلىش، جازالاش بىلەن قارشىلىشىشنى مۇراجىئەت قىلدى. مەيلى قانداق بولسۇن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ۋەزىيىتى ئىران ئارقىلىق، رايون ۋەزىيىتىنى قالايمىقان قىلىش ئويىدا بولىۋاتقان ئامېرىكىغا پايدىسىز. بۇنىڭدىن باشقا، موسكۋا بىلەن بېيجىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئىرانغا ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەت تەدبىرى قوللانماسلىققا ئاگاھلاندۇردى، رۇسىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى پۇتىن بىۋاسىتە تەھدىت سېلىپ مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرسە، ئاقىۋىتى ئاپەت خاراكتېرلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىي ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
    ★★★★★
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201204/t20120412_322880.html
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: