كەشمىردە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ياشايدۇ - [TRT جەۋھەرلىرى]

    _べ Tag:تارىخ   2013年02月25日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/229411940.html

    كەشمىردە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ياشايدۇ




    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(24.02.2013) خەۋىرى:
    پاكىستاننىڭ ئەڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ھىمالايا تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدىكى كەشمىر ئالاھىدە رايونىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن مىڭلارچە تۈرك ئائىلىسى ياشايدۇ.
    تاغلىق ۋە قىيىن شارائىتلار ئاستىدىكى رايوندا ياشاۋاتقان ۋە «تۈركى، ئوسمانى»غا ئوخشاش فامىلە ئىشلىتىۋاتقان تۈرك نەسىللىك كەشمىرلىكلەرنىڭ 10-، ۋە 15-ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ، ھىمالايا تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىگە يەرلەشكەنلىكى تەخمىن قىلىنىدۇ. قارلىق تاغلىرى بىلەن تونۇلغان پاكىستاننىڭ مەسىلىلەرگە تولغان رايونى كەشمىرنى ۋەتەن قىلغان تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى ھىندىستاننىڭ كونترولى ئاستىدىكى جامۇ كەشمىر رايونىدا ياشايدۇ.
    ھىندىستاننىڭ كونترولىدىكى كەشمىردە 300 دىن ئارتۇق تۈرك يېزىسىنىڭ بارلىقى بىلىنىدۇ. پاكىستاننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولغانلىقلىرىدىن ئۆزلىرىنى تەلەيلىك ھېسابلايدىغان كەشمىر تۈركلىرى، ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان كەشمىردىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتىقاد ۋە پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتىن خاتىرجەم ئەمەسلىكىنى ۋە تېخىمۇ قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.trtui.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=e5c0107f-64c3-4495-9d97-059cb1fa960c
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    كەشمىر جىمجىت، گۈزەل بىر ماكان. كەشمىر رايونىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى مەسىلىسىدە ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تالاش-تارتىش بولۇپ كەلدى. سىياسىي توقۇنۇش ۋە يۈز بېرىپلا تۇرىدىغان قالايمىقانچىلىقلار بۇ جاينىڭ تىنچلىقىنى بۇزدى، ئەسلى بۇ جاي ھاياتىي كۈچكە تولغان، بۈك-باراقسان گۈزەل جاي ئىدى.
    پاكىستان ئازاد كەشمىر تاغلىق رايون بولۇپ، مەركىزى بولسا مۇزەففەرراباد، نوپۇسى تەخمىنەن ئۈچ مىليون 500 مىڭغا يېتىدۇ، كۆپىنچىلىرى جېللۇم دېڭىز قىرغىقى رايونىدا ياشايدۇ، بۇ يەردىكى كىشىلەر بەكمۇ مېھماندوست.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    كەشمىرىلەر


    كەشمىرىلەر جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىستان، پاكىستان، تېبەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى چېگرىلىشىدىغان ئىستىراتىگىيىلىك ئىگىزلىككە جايلاشقان مىللەت.
    2010-يىلدىكى ستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا تەخمىنەن 6 مىليون 800 مىڭ ئاھالىسى بار بولۇپ، كەشمىر تاغلىق رايونىغا ئولتۇراقلاشقان.
    كەشمىر رايونى پاكىستان ۋە ھىندىستاننىڭ كونتروللىقىدا بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان كونتىرۇللىقىدىكى كەشمىر رايونىنىڭ پەقەت نېلىي رايونىدىلا ئاران يۈزمىڭ ئەتراپىدا كەشمىر بار، قالدىسى پەنجەپلاردىن ئىبارەت.
    ھىندىستانغا قاراشلىق كەشمىر جام ۋە كەشمىر دەپ ئاتىلىدۇ ۋە لاداخ، كەشمىر تاغلىق رايونى، جامدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ. كەشمىرىلەر دەل كەشمىر تاغلىق تاغلىق رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ كەشمىر تاغلىق رايونىدىكى 5مىلىيۇن 800مىڭ ئاھالىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كەشمىرىلەردۇر، جام رايونىدا كەشمىرىلەر ئاھالىنىڭ 32%نى ئىگەللەيدۇ. كەشمىرىلەرنىڭ 97%ى ئىسلام دىنىغا ،3%ى ھىندى دىنىغا ئىشىنىدۇ.
    كەشمىرىلەر كەشمىر تىلىنى قوللىنىدۇ، بۇ تىل ھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىنىڭ ھىندىستان تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىك تىلى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلىك، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا زور مىقداردا سانسكرىت تىلى، پارس تىلى، ئەرەب تىلى، تۈرك تىلى، پۇشتى تىلى ۋە پەنجاپ تىلىدىكى سۆزلەرنى قوبۇل قىلغان. كەشمىرىلەرنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى پارس خەت شەكلى ئېلىپبەسىنى، ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغانلىرى سانسىكىرت ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى شاردا خەت شەكلى ۋە سانسكرىت دېۋاناگارى خەت شەكلىنى قوللىنىدۇ.
    كەشمىرىلەر ياۋروپا ئىرقى، ئوتتۇرا دېڭىز تۈركۈمى پامىر تىپىغا تەۋە، كۆپ قىسىم ئاھالىلىرى ئاق تەنلىك، لېكىن قىسمەن ئاھالىلىرىدە مۇڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئىنتايىن روشەن ئىپادىلىنىدۇ.
    كەشمىرلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ جۇغراپىيىلىك شارائىت تۈپەيلى كەشمىر رايونى تارىختىن بۇيان بۆلۈنمە يەرلىك ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن كۆپرەك ئىدارە قىلىنغان، ئالىكساندىر، ھۇن، قاراخانىلار، غەزنەۋىلەر، لۇرلار، بابۇر باشچىلىغىدىكى موغۇللار تارىختى بۇيان بۇ زىمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
    4--8-ئەسرلەردە بۇددا دىنى مەدەنىيىتى كەشمىردە يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، كەشمىردىن نۇرغۇن بۇددىستلار جوڭگوغا بېرىپ دىن تارقاتقان. 10-ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دىنى كەشمىر رايونىدا ھۆكۈمرانلىقنى ئىگەللىگەن. 16-ئەسىردىن كېيىن كەشمىرىلەر ئاساسەن بابۇر قۇرغان موغۇل ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق بولغان، 1846-يىلى ئەنگىلىزلار بۇ رايوننى ئىشغال قىلىپ ئەنگىلىيەگە بىۋاستە قاراشلىق بەگلىككە ئايلاندۇرۇپ جام رايونىدىكى ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغان دوگرىلارنى ۋە كەشمىرىلەر ئىچىدىكى ئاز سانلىق ھىندى بىراھمانلىرىنى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا يۆلەپ چىقارغان.
    1945-يىلى ھىندىتان -پاكىستان ئايرىلغاندا ھەر قايسى بەگلىكلەرگە ھىندىتان ياكى پاكىستانغا قوشۇلۇش ئىختىيارى بېرىلگەن. كەشمىرنىڭ ھىندى دىنىغا ئىشىنىدىغان دوگرى مىللىتىدىن بولغا بېگى ھىندىستانغا قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، خەلق قوزغىلاڭ كۆتەرگەن پاكىستان ۋە ھىندىستان ئارمىيىسى كەشمىرگە تەڭلا كىرىپ توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكتىن ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى سىزىلىپ كەشمىر رايونى ھىندىستانغا قاراشلىق جام ۋە كەشمىر، پاكىستانغا قاراشلىق ئازاد كەشمىرگە بۆلۈۋېتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە كەشمىر خەلقى مۇستەقىل بولۇش ياكى پاكىتانغا قوشۇلۇشتىن ئىبارەت سىياسى تەلىپى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلماقتا.
    كەشمىرىلەرنىڭ سەيىد، شېكىل، موغۇل ۋە پاتاندىن ئىبارەت تۆت چوڭ قەبىلىسى بار: بۇنىڭ ئىچىدىكى شېكىل قەبىلىسىدە ئاھالە ئەڭ كۆپ، كەشمىرىلەردە ھىندى دىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ۋە شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىبىنىڭ تەسىرى بىرقەدەر چوڭقۇر، راھىبلارغا چوقۇنۇش، موناخ، پەيغەمبەر، ئەجدادلارغا، پېرىخونلۇققا ئىشىنىش قاتارلىق خۇراپاتلىقلارمۇ كەڭ تارقالغان.
    كەشمىرىلەر ئىچىدىكى ھىندى دىنى مۇرتلىرىنىڭ كۆپرەكلىرى براخمان سالاھىيىتىگە ئىگە، فەندىت دەپ ئاتالغان. يېرىمى سېرناگار شەھرىدە ئولتۇراقلاشقان، يېرىمى يېزىلاردا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر كەشمىرنىڭ سىياسىيونى، زىمىندار، ئالىم، كاھىن، ئوقۇتقۇچى، خان سارىيى خىزمەتچىلىرىگە ئايلانغان. ئۇلار ھازىرقى شىمالىي ھىندىستاننىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ مەمۇرىي تارماقلىرى، مائارىپ ساھەسى، سىياسىي ساھە، نامەلۇم سودا ساھەسى قاتارلىقلاردا يەنىلا مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئۇلار ئۆزلىرىنى كەشمىر براھمانلىرى دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ. سالاھىيەتكە قاراپ توي قىلىش يەنىلا بار، يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئىچىدە تۇل ئاياللارنىڭ توي قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن كۆيدۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنىدۇ.
    كەشمىرىلەر ئاساسلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شال ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى، يەنە قوناق، بۇغداي قاتارلىقلارمۇ بار. يۇڭ توقۇمىچىلىق، ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتى شۇنداقلا مىتال تاۋلاش قاتارلىق قول سانائىتى تەرەققىي قىلغان. يېشىل چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چايغا تۇز سالىدۇ. نامرات ئائىلىلەر چاي ئىچىش ۋە ئۇماچ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەرلەر ئادەتتە ئۇزۇن يەكتەك ۋە شىم كىيىدۇ، بېشىنىڭ كەينى قىسمىغا كىچىك دۈگلەك دوپپا كىيىدۇ. ئاياللىرى تويدىن كېيىن مېدالىئون تاقايدۇ، قۇلىقىغا ھالقا تاقايدۇ.
     
    مەنبەسى: ئوكيان تورى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=5992&displayMode=1
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    كەشمىر تالاش-تارتىشىنىڭ تارىخىي مەنبەسى


    ھىندىستان بىلەن پاكىستا مۇستەققىل بولغاندىن بۇيان ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلدى. ئۇنىڭ ئىككىسى كەشمىر مەسىلىسى سەۋەپلىك كىلىپ چىقتى.



    تالاش-تارتىشنىڭ سەۋەبى

    كەشمىر تالاش-تارتىشنىڭ ئۇرۇقىنى ئەنگىلىيە 1947-يىلى ھىندىستاندىن چىكىنىپ چىققاندا چاچقان. ئەنگىلىيە بۇ ئىككى چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئىككى دۆلەتكە بۆلىۋەتكەن. بىرى ھىندى دىنى مۇرتلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ھىندىستان، يەنە بىرى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان پاكىستان.
    ئەنگىلىيە بىر ئەسىرنىڭ ئالدىدا تۈزۈلگەن قانۇننىڭ چەكلىمىسى بىلەن ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ قىسمەن رايۇنلىرىغا بىۋاستە ھۆكۈمىرانلىق قىلغان. قالغان رايۇنلار 500 دىن كۆپرەك بەگلىكتىن تەركىپ تاپقان. نەزىرىيە جەھەتتە ئۇلار مۇستەققىل ئىگىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بۇلىدۇ. بىراق لوندوندىكى ئەنگىلىيە پادىشاھى، قوشۇمچە ھىندىستان پادىشاھىنىڭ «ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھوقۇقى» نى ئىتىراپ قىلىدۇ.
    بۆلۈپ باشقۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن، ھىندى دىنى مۇرتلىرى كۆپرەك بەگلىكنىڭ ھىندىستانغا قوشۇلىشىنى، مۇسۇلمانلار كۆپرەك بەگلىكنىڭ پاكىستانغا قوشۇلۇشىنى لايىق تاپقان.. قىسقىسى بۇ پىلان ئۈنۈملىك بولغان.

    ئىككى ئالاھىدە يەر

    ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقنى بۆلۈپ باشقۇرۇشتا مۇنداق ئىككى ئالاھىدە يەر بار.
    بىرى ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا جەنۇپ قىسمىدىكى ھەيدەرئاباد بەگلىكى بۇلۇپ، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلار ھۆكۈمىرانلىق قىلىدۇ. بىراق كۆپ سانلىق ئاھالىسى ھىندى دىنى مۇرتلىرى. يەرلىك شىتات بېگى نىدام ئۆزىنىڭ شىتاتى ھىندىستان چېگرىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولسىمۇ، ئۇ يىنىكلىك بىلەن پاكىستانغا قوشۇلۇشنى قارار قىلغان. ھىندىستان قوشۇن ئەۋەتىپ، قان تۆمەيلا بۇ ماسىلىنى تىزلا ھەل قىلغان.
    يەنە بىرى، جاممۇ ۋە كەشمىر (بۇ ئۇنىڭ رەسمى نامى). بۇ رايۇن مەدىنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرى بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن. كەشمىر جىلغىسى جاممۇ ۋە كەشمىرنىڭ ئوتتۇرسى. بۇ جىلغىنىڭ ئاھالىسى ئاساسەن مۇسۇلمان. جىلغىنىڭ غەرىبى جەنۇبىي جاممۇ بۇلۇپ، تۈزلەڭلىك بىلەن ئىگىز تاغنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان. بۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى ئاساسەن ھىندىلار. جىلغىنىڭ شىمالى لاداق بۇلۇپ، ئۇ بىر تاغلىق جاي. مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەمىلىي ئەھمىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھىندىستانغا ئەمەس، بەلكى شىزاڭغا بەكرەك يېقىن.
    1947-يىلى ئاۋغۇستتا ھىندىستان بىلەن پەكىستان مۇستەققىل بولغاندا، كەشمىرنىڭ ھىندى دىنى ھۆكۈمىرانى، يەرلىك بەگ خالى سېنگر ھىندىستانغا قوشۇلۇش كېرەكمۇ ياكى پاكىستانغىمۇ دېگەن مەسىلىدە ئىككىلىنىپ قالغان. قەيسەر، ئۇرۇشقاق پاداملار بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە پاكىستاننىڭ غىرىبى چېگراسىدىكى رايۇندىن ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى پويىزغا ئولتۇرۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان مىللى دۆلەتنى توغرىسىغا كىسىپ ئۆتۈپ، ناھايىتى تىزلا كەشمىرگە كىرگەن.
    ساراسىمىگە چۈشۈپ قالغان يەرلىك بەگ ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ يارىدىمىگە ئىرىشىش ئۈچۈن، شۇ زامان ھىندىستانغا قۇشۇلۇشقا ماقۇل بولغان. ھىندىستان قوشۇنى ئايرۇپىلان بىلەن جىلغىغا يەتكۈزۈلگەن. چۈنكى ئۇ چاغدا ھىندىستاندىن كەشمىرگە بارىدىغان زامانىۋى تاش يول يوق ئىدى. بىر نەچچە ئاي جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ھىندىستان پاداملار ۋە ئۇلارغا يارىدەمگە كەلگەن پاكىستان قوشۇنىنى جىلغىنىڭ يېنىدىكى غەرىبىي تاغلىققا چىكىندۈرگەن.
    1949-يىلى يانىۋاردا ئىككى تەرەپ ب د ت نىڭ تىرىشچانلىقىدا ئۇرۇش توختۇتۇش كىلىشىمى ئىمزالىغان. كىلىشىمدە ئىككى تەرەپنىڭ «ئەمىلىي تىزگىنلىنىدىغان لىنىيە» نىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرىشى بەلگۈلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ «ئەمىلىي تىزگىنلىنىدىغان لىنىيە» ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئۆز ئالدىغا تىزگىنلەيدىغان سابىق بەگلىكنىڭ قىسمەن ئەمىلىي چېگراسى بۇلۇپ قالغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.alimbiz.net/?p=4555
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    جۇڭگو ئارمىيىسى كەشمىردە قوشۇن تۇرغۇزماقچىمۇ؟


    جۇڭگو يەرشارى تورى(2011-4-10) خەۋىرى:
    ھىندىستان ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك قوماندانى «جۇڭگو تەھدىتى» دېگەن سۆزنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، «جۇڭگو ھىندىستان بىلەن چېگىرلىنىدىغان رايوندا ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، ھىندىستان-پاكىستان كەشمىر ئەمەلىي كونترول قىلىش سىزىقىنىڭ پاكىستان كونتروللۇقىدىكى تەرەپتە قوشۇن تۇرغۇزماقچى بولىۋاتىدۇ، بۇ ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد پەيدا قىلدى» دېگەن.
    «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى شىمال قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى پانىك گېنىرال ئالدىنقى ھەپتىدىكى بىر مۇزاكىرە يىغىنىدا «ھىندىستان جۇڭگونىڭ ھىندىستان-پاكىستان كەشمىر ئەمەلىي كونترول سىزىقىنى بويلاپ قوشۇن تۇرغۇزۇش تەھدىتىگە دۇچ كېلىپلا قالماي، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئويلاشقاندا، بۇ خىل تەھدىت يەنە ھىندىستان-پاكىستان ئەمەلىي كونترول سىزىقىنى بويلاپ ئۇزۇرىشى مۇمكىن» دېگەن.
    خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جۇڭگو چېگرا رايونىدا زور مىقداردا ھەربىي ئەسلىھە قۇرغان، بىرلا ۋاقىتتا تولۇق ئىسپاتلار «جۇڭگونىڭ قەدىمى پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇش تۈرىگە قەدەر ئۇزۇراپ كەلگەن»لىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. خەۋەردە بۇنىڭغا قارىتا باھا بېرىپ، بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە ھەمىشە سىر ساقلايدىغان ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ «جۇڭگو پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىردە قوشۇن تۇرغۇزماقچى» دەپ جاكارلىشى بىرىنچى قېتىملىقى ئىكەن.
    پانىكنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان قوراللىق كۈچلىرى جۇڭگونىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا تېز سۈرئەتتە يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھىندىستاننى قورشاپ، ھىندىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىكەن.
    ھىندىستان ئاخباراتلىرى ۋە ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ پاكىستاندا قوشۇن تۇرغۇزماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بىرىنچى قېتىم جاكارلىشى ئەمەسكەن، غەرب ئاخباراتلىرىمۇ بۇ خەۋەرگە ئوخشاش خەۋەر قىلغان، ئەمما جۇڭگو تەرەپ رەددىيە بەرگەن، پاكىستان تەرەپمۇ ئىنكار قىلغان.

    مەنبە: ئوكيان تورى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.tuprak.com/kurux.asp?id=2580
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭ 


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: