-
قوقاق بارمۇ راست گەپتە؟ ئاڭلىغانلار ئالايدى.
ئاق بۇلۇتتەك چىرايلار قىزارماستىن قارايدى.
سۇۋاداندەك قامىتىم سۇندى قېچىپ ئامىتىم،
باشقىلارغا كەڭرى يول مەن ماڭغاندا تارايدى. -
ئانا، ئېيتىپ بەرگىن بىر چۆچەك.
بۇرۇنلاردا نىمىلەر بولغان؟ -
-
-
-
-
-
(بىر نەچچە كۈندىن بىرى بۇرۇنقى كىتاب – ماتىرىياللىرىمنى رەتلەش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدا يېزىپ قويغان بىر تۈركۈم ئەسەرلىرىمنى تاپتىم. بۇ «ئۇزۇن – قىسقا جۈملىلەر» - شۇلاردىن بىرى. خالاس)
-
(«شەبنەم مۇنبىرى»گە يوللانغان «ئوقۇتقۇچى مۇنبەردە خۇدا» دىگەن شېئىرنى ئوقۇغاندىن كىيىن بۇ شېئىرنى يازغۇم كەلدى)
-
بۇ جاھاننىڭ ئىشىدا بىر قانۇنىيەت بار:
ئوخشىماس ھىچ مەۋجۇداتنىڭ ئىچى ۋە تېشى.
ھەممىمىزنىڭ ئاغزىدىغۇ ئىزگۈ نىيەت بار،
لېكىن قالتىس مۇرەككەپتۇر ئادەمنىڭ بېشى. -
شېئىر ئۇنچە مۇقەددەس ئەمەس،
شائىرمۇ ھەم ئەمەس ئەۋلىيا. -
مېنىڭ يۈرىكىم - مېنىڭ شېئىر قايناپ تۇرىدىغان يۈرىكىم بىر پارچە ئوتقا،
مەڭگۈ يېنىپ تۇرىدىغان ئازابلىق ئوتقا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. -
ئارىمىزدا بىر تام بار . تىكەندۇر - تىكەن؟
كۆڭلىمىزدە بىر غەم بار . ئۆلۈمدۇر - ئۆلۈم؟ -
قار ياغدى بۇ يىلمۇ، سەن يوق يېنىمدا.
پۈركەندىم شۇ قەدەر ئاپئاق چېچەككە. -
ماددىنى تولۇق بىل، ئاڭنى ئۇلۇغ بىل.
ئۆزۈڭنى دۇنياغا ئېتىلغان ئوق بىل.
تۇرقىدىن زۇلمەتكە ئوخشايدۇ بۇ تەن،
ۋە لېكىن روھنى سەن مەڭگۈ يورۇق بىل. -
-
-
ئەي مېنىڭ ئانا تىلىم – ئۇيغۇر تىلىم
سەنسىز مەن ئۇيغۇر بولۇپ يۈرەلمەيمەن. -
سەنمۇ ئۆزۈڭنى ئالداشتىن ۋاز كەچ.
تەننىڭ تەنھالىقىدىن روھنىڭ تەنھالىقى يامان.
چۈنكى مۇھەببەت تەننىڭ ئىھتىياجى ئەمەس،
بەلكى روھنىڭ تەشنالىقىدۇر. -
ئويغاندىم دىمە. كۆزلىرىڭدىن نۇر چاقناپ تۇرغىنى بىلەن روھىڭ مەستتۇر. دەردىم بار دىمە. كۆزلىرىڭدىن ياش تۆكۈلۈۋاتقىنى بىلەن باغرىڭ قان ئەمەستۇر.