كۆپۈك
كۆپۈك
ئاپتورى:ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت
باھاسى:16.00
2009-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى
2009-يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:9787105100064
نەشرىياتتىن
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد 1974-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاقيار ناھىيىسىنىڭ ئاقيار يېزىسىدا تۇغۇلغان .1991-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان . 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ھازىرغىچە جۇڭگو ئىسلان جەمئىيىتى قارمىقىدىكى «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كەلمەكتە .
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ ئەسەرلىرى 1991-يىلىدىن باشلاپ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشقا باشلىغان بولۇپ ،ھەر قايسى ژۇرناللاردا «لاي سۇ ئىچكەن جانلار» ، «قىيامەتلىك كېسەل» ، «گۇناھ» ، «كۆز يېشى ۋە ۋەھىمىگە تولغان كۈنلەر» ، «بېيجىڭ ئادىمى» قاتارلىق ئون نەچچە پوۋېست، «چاقىرىش» ، «يىراق سەھرادىكى يېڭى ھېكايە» ، «مۇھەببەت» قاتارلىق يىگىرمە پارچىغا يېقىن ھېكايە ، «تەكلىماكان ئوغلى» ، «مىجىت قەلەم ۋە ئۇنىڭغا يوشۇرۇلغان سىرلار» ، «مۇھەببەتلىك ھايات» قاتارلىق ئەدەبىي ئاخبارات ، «يازغۇچى ۋە ئىنسان تەبىئىتى»، «پروزا ئىجادىيىتىدىكى بىر قانچە مۇھىم روھىي ھالەت» قاتارلىق ئوبرازلارنى ئېلان قىلغان . ئاپتورنىڭ «لاي سۇ ئىچكەن جانلار» ناملىق پوۋېستى جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ ، 1996-يىلى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ۋە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ، «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرى توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن». 1999-يىلى ئۇنىڭ «جان ئوتى» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ، 2005-يىلى «لاي سۇ ئىچكەن جانلار» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان . 2005-يىلى ئۇنىڭ «ھەر كاللىدا ھەر خىيال» ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات ، ئوبزورلار توپلىمى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ، ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن سىرت ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەشھۇر تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇكنىڭ «يېڭى ھايات» ناملىق رومانىنى تۈركچىدىن تەرجىمە قىلدى ، ئۇ كىتاب 2008-يىلى 7-ئايدا نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن نەشر قىلىندى .
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد 2004-يىلىدىن بۇيان «ئەرتۈرك» (Erturk) تەخەللۇسى بىلەن تور ئەدەبىياتىدىمۇ بەلگىلىك نەتىجىلەر قازانغان ياش يازغۇچى بولۇپ ، ھەر قايسى تور بېكەتلىرىدە ھەرخىل تېما ۋە ژانىرلاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلدى.
«كۆپۈك» ئاپتورنىڭ تۇنجى ئەسىرى بولۇپ ، روماندا مەلۇم ناھىيە بازىرىدىكى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھايات كەچۈرۈشلىرىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ، 90- يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ ، شەھەرلىشىش دولقۇنىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان خىلمۇ خىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر يورۇتۇپ بېرىلگەن .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق