www.4tadu.com
  • ئارپا سۈيىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئارپا سۈيىنىڭ تۆۋەندىكىدەك 10 خىل خۇسۇسىيىتى بار:

     1. ئارپا سۈيى سۇغۇقلۇق ۋە ھارارەتنى تەڭشەيدۇ.

    2. ئارپا سۈيى كېسەللىك ماددىسىنى پىشۇرىدۇ. 3

    .ئارپا سۈيى كۆيگەن كېسەللىك ماددىسىنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     4. ئارپا سۈيى ئاشقازاننى تازىلايدۇ.

     5. ئارپا سۈيى ئۇمۇمىي بەدەنگە تىز سىڭىشىپ كېتىدۇ. 6

    . ئارپا سۈيى مەززىلىك بولۇپ ، تەبىئەت ئۇنى تىز قۇبۇل قىلىدۇ

  • يەرلىك شوخلا ھەققىدە

    بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يەرلىك شوخلىنىڭ پىشقان مېۋىسى بولۇپ، يەرلىك شوخلا، مارجان شوخلا، شوخلا، ئەنگۈرى شىفا، ئىتئۈزۈمى، ئىنەبۇسسۆئلەپ دېگەندەك ناملار بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    تەبىئىتى:

    ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

    خۇسۇسىيىتى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلىتىنى ، قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارارەتنى پەسەيتىش، قان تازىلاش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش قاتارلىقلار؛باشقا كىتابتا ‹ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش،.

  • شاتۇت

     

    بۇ ئۈجمىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ مېۋىسىنىڭ رەڭگى قارىغا مايىل قىزىل، ياندىكىدەك، تەمى چۈچۈمەلراق بولىدۇ،مانا مۇشۇ مېۋە شاتۇت نامىغا ئاتىلىدۇ.

     

    تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە سۇغۇق ، بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق. بەزى كىتابلاردا ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سۇغۇق دەپمۇ قارىلىدۇ .

    خۇسۇسىيىتى: 

    ياللۇغ قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ۋە قان خىلىتىنى تەڭشەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، قان تازىلاش.

     

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:

    ئىچى سۈرۈش، ئىسسىقتىن بولغان يۇتقۇنچاق ياللۇغى، ھەر خىل ئېغىز جاراھەتلىرى ۋە ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا

  • بۈگۈن تۇرۇپ ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز.

    بۇ بىر ياكى ئىككى يىللىق ، تىك ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، ئادەتتە سەي – كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ ، مۇشۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ھۆل باشلانغان  يىلتىزى تۇرۇپ ياكى پەجەل نامىدا ، ئۇرۇقى تۇرۇپ ئۇرۇقى نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    بۇنىڭ يىلتىزى يوغان، رەڭگى ۋە شەكلى ھەر خىل ، گۆشلۈك، سۇلۇق ، تاتلىق ئەمما سەل پۇرىقى بار. بۇنىڭ قىزىلىدىن كۆكى ياخشى ھېسابلىنىدۇ.

    خېمىيەلىك تەركىبى:

    يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە گلۇكوزا، قۇمۇش شېكىرى ۋە شېكەر بار. باشقا تەركىبلىرىدە كومارىك كىسلاتا فرولىك كىسلاتا، كوففىك كىسلاتا، فېنلىپروۋىك كىسلاتا قاتارلىق كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالار بار. ھۆل يىتىزىنىڭ تەركىبىدە مېتىل مىركاپتان، ۋېتامىن س بار. چۆپ كىسلاتاسى تۇتمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ كالتىينىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسىدۇر. يەنە ماگنىي،

  • بۈگۈن تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىدىغىنىمىز پىننە.

    بۇ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولغان باغ پىننىسىنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت . بۇنىڭ رەڭگى قېنىق يېشىل رەڭدە ، تەمى ئاچچىق، پۇرىقى خۇشپۇراق كېلىدۇ (چۆچۈرە ئەتكەندە ئۈستىگە  قۇرۇق پىننىدىنئازراق  سېلىۋەتسىڭىز ، چۆچۈرىنىڭ  نەقەدەر مېزىلىك بولۇپ كېتىدىغىنى بىلەلەيسىز. چۆچۈرە ئىچكىم كەپ كەتتىيا).

     

    خېمىيەلىك تەسىرى: ئاساسلىقى ئۇچۇچان ماي بار. ئۇنىڭدىن باشقا مېتىل خاۋىكول(بۇ %80 دىن يۇقىرى)، ئانىتول، ئانىس ئالدىھىد قاتارلىقلار بار.

     

    دورىلىق تەسىرى: باكتىرىيەگە ، زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار.

  • بۈگۈن ئاپتاپپەرەس گۈلى ھەققىدە تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز. بەلكىم ئويلىغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، ئاپتاپپەرەسنىڭ گۈلىنىمۇ دورىغا ئىشلىتەمدۇ دەپ، ئەلۋەتتە شۇنداق. ئاپتاپپەرەس گۈلىنىڭ سىز ئويلاپ باقمىغان خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە بولسۇن؛

    خېمىيىلىك تەركىبى: گۈلىنىڭ تەركىبىدە ئاپتاپپەرەس ساپونى س، ب، ئا قاتارلىقلار بار.

    دورىلىق تەسىرى: گۈلىنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسىنى توشقاننىڭ قۇلىقىغا تېمىتسا قان تۇمۇرنى كېڭەيتىش تەسىرىنى بېرىدۇ، مۈشۈكنىڭ تېرە ئاستىغا ئۇكۇل قىلىنسا ، قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ.

    تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى: قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىششىق تارقىتىش، مېڭە ۋە جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش،

  • ئالدىنقى قىسىمدا ئېيتقىنىمىز بويىچە بۈگۈنكى تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئىسمى چامغۇر.

    چامغۇرنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر ھەقىچان، نامىنى ئاڭلىغان ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىغانلار ياندىكى سۈرەتتىن ئۇنى تۇنۇپ ئالالايدۇ. بۇ چامغۇرنىڭ چېچىكى چامغۇر چېچىكى نامىدا، ئۇرۇقى چامغۇر ئۇرۇقى نامىدا ، گۆشلۈك قىسمى بولسا چامغۇر نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    خېمىيىلىك تەركىبى : يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە گىلۇكوزا،كراخمال، مېۋە شىكىرى، خولىن، مېنىرال ماددىلار، ئاقسىل، ماي، ۋېتامىن ئا قاتارلىقلار بار.

    دورىلىق تەسىرى : چامغۇر بېشىدىن ئېلىنغان ماددا ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تۇرمۇزلايدۇ، لېكىن ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيىسىگە

  • بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز ئارپىبەدىيان يىلتىزى.
    ماۋۇ ياندىكى بىز ئالدىنقى مەزمۇندا سۆزلەپ ئۆتكەن ئارپىبەدىياننىڭ يىلتىزىدۇر.بۇنىڭ تەمى بىر ئاز قېرىق، پۇرىقى سۇست كېلىدۇ، رەڭگى ئاق، شەكلى سىلىندىرسىمان ھالەتتە بولىدۇئارپىبەدىيان يىلتىزى پوستى، پوستى بىخ بەدىيان دېگەن ناملار بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    خېمىيىلىك تەركىبى: يىلتىزىدا ئۇچۇچان ياغ تۇتىدۇ.

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى:
     ئاشقازان ، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم،سەۋدا

  • يانتاق
    خېمىيىلىك تەركىبى: يەر ئۈستىدىكى قىسمىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن س، كارۇتىن ، ۋېتامىن ك، ئاز مىقداردا ۋېتامىن ب1؛ شاخ ۋە يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن س، كارۇتىن قاتارلىقلار بار.

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سۇغۇق خۇسۇسىيىتى: ئىششىق تارقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي سەپرا ، قان خىلىتلىرىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كۈچلەندۈرۈش، قىزىتما قايتۇرۇش، كۆزدىكى ئاقنى يوقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: سەپراۋى قىزىتما، تەپ ، بۇۋاسىر، كۆكرەك ئىششىقلىرى، باش ئاغرىقى، چوڭ – كىچىك بۇغۇملار ئاغرىقى قاتارلىقلارغا

  •  Tomenin خېمىيىلىك تەركىبى: ، (

      Catehin  گىلاس گىلۇكوزىدى

      C ۋېتامىن Amygdalin Glcose Cenkwanin Sakuranetin

    ، مېۋە قەنتى ، بىر نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار

    فارماكولوگىيەلىك تەسىرى: قىزىتما قايتۇرۇش ، قان بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

    تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق

كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!