-
بىز خېمىيىلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز - [ساقلىق ساۋاتلىرى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/74073216.html
بىز خېمىيىلىك ماددىلارنى قانچىلىك يەۋاتىمىز
ئەنبۇسى(ياپونىيە)
ماقالىمىزنىڭ ئاپتورى ئەنبۇسى – يېمەكلىككە ئىش قوشۇشنى تۇنۇشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن 20 نەچچە يىل شوغۇللىنىپ ، يېمەكلىككە قېتىلىدىغان ‹‹ قوشۇلمىلار تىرىك لۇغىتى ›› ، ‹‹ يېمەكلىك قوشۇلمىلىرى بويىچە سېھرىي ئادەم ›› دەپ نام ئالغان كىشىدۇر.
ئۇ ھەر خىل قوشۇلما تەركىبلەرنىڭ رولى بىلەن ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى پىششىق بىلىپلا قالماستىن ،يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ‹‹پەردە ئارقىسىدىكى ئىشلار››نىمۇ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن گۇۋاھچىدۇر.
شۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىنى تەرجىمە قىلىپ ھۇزۇرىڭىزغا تەقدىم قىلدۇق.
بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە يېمەكلىككە قېتىلىدىغان قۇشۇلمىلارغا ئائىت بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن . سۆزلەشتىن بۇرۇن مەن ئاۋۋال كۆپچىلىككە بىر قاچا سۆڭەك شورپىسى قىلىپ بېرەي. قاراڭلار ، مېنىڭ ئالدىمدىكى بۇ بىر قاتار بوتۇلكىلارغا ئاق رەڭلىك ئۇنسىمان پاراشوكلار قاچىلانغان ، مەن بۇ بىر نەچچە بوتۇلكىدىكى ئۇنسىمان ماددىلار(پاراشوكلار)نى بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۈستىگە قايناق سۇ قۇيۇپ ئېلەشتۈرىمەن . پۈتتى! سۆڭەك شورپىسى تەييار بولدى ! قېنى ، كىم تېتىپ بېقىشنى خاھلايدۇ؟ قورقمىساڭلارچۇ ! قېنى بۇ يۈرەكلىك يىگىتنى تەكلىپ قىلايلى!
‹‹ ھە ! راستتىنلا سۆڭەك شورپىسى ئىكەن . راستتىنلا بەك تەملىك ئىكەن .››
قانداق؟ مانا بۇ سىلەر كۈندە يەۋاتقان ئۈگرىنى سالىدىغان شورپا ! ھەممىڭلار كۆردۈڭلار ، مەن قىلغان بۇ سۆڭەك شورپىسىدا بىر تال سۆڭەك ، بىر تېمىم شورپىمۇ يوق ، پەقەت مۇشۇ بوتۇلكىلاردىكى ئاق پاراشوكلارنىلا ئىشلەتتىم . ئەمما ، تېتىپ باققان كىشىنىڭ ھەممىسى تەمى ياخشى ئىكەن دېيىشتى . مانا مۇشۇ ئاق رەڭلىك پاراشوكلار مەن تۆۋەندە سكزلىمەكچى بولغان يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلاردۇر.
ئارىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرى ئادەتتە يەۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ قانداق پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. سىلەر شورپىلىق ئۈگرە سۆڭەك قاينىتىپ چىقىرىلغان شورپىدا قىلىنىدۇ دەپ قارايسىلەر ، سىلەر رەڭلىك ، چىرايلىق مېۋە شەربىتى ئىچىملىكلىرىنىڭ ھەممىسى مېۋە شەربىتىنى سىقىپ ياسالغان دەيسىلەر ، سىلەر قەھۋە ئىچكەن چاغدا سالىدىغان سۈت پاراشوكىنى سۈتتىن ياسالغان دەپ ئويلايسىلەر . ئەمەلىيەتتە ، كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈۋاتقان ، ئېغىزىڭلار بىلەن تېتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساختا تەم . چىرايلىق رەڭ، خۇش پۇراق ئاشۇ تەملەرنىڭ ھەممىسى قوشۇلما ماددىلار ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن .
قىيمىلىق گۆش كۇمۇلىچى ‹‹كۇمىلاچ ھالەتتىكى خېمىيىلىك ماددا››
مەن ئەسلى يېمەكلىككە قېتىلىدىغان قوشۇلمىلار شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مال ساتقۇچىسى ئىدىم . ئۇ چاغلاردا خىزمەت ئىپادەم ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ ، دائىم دېگۈدەك ھەر قايسى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىپ ، ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن بازارلىق مەھسۇلاتلارنى ياسىشىغا ياردەملىشەتتىم . مەسىلەن، مەن بىر خىل قىيمىلىق گۆش كۇمىلىچى ياساپ چىققان ئىدىم . مەلۇم بىر زاۋۇت ناھايىتى كۆپ مىقداردا قىرىۋېلىنغان گۆش كىرگۈزگەن بولۇپ ، ئۇ كالنىڭ سۆڭىكىدىن قىرىۋېلىنغان ، گۆش دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدىغان قىسمى بولۇپ ، ھەم چاپلاشقاق ھەم سۇلۇق، ھېچقانداق تەمى يوق يېگىلىمۇ بولمايتتى . شۇڭا چاناپ قىيما قىلىشقىمۇ بولمىغاچقا ، ھايۋانلار ئۈچۈن يەم – خەشەك قىلىشقىلا بولاتتى . ئەمما بىرلا يېرى ئۇ خىل ‹‹گۆش ›› بەكمۇ ئەرزان ئىدى. مېنىڭ خىزمىتىم دەل مۇشۇ يېگىلىمۇ بولمايدىغان ئۇششاق گۆشلەرنى يېگىلى بولىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى.
ئالدى بىلەن، ئۇنىڭغا تۇخۇم تۇغالمايدىغان تۇخۇنىڭ گۆشىنى قىيما قىلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىرلىقىنى ئاشۇردۇق .ھەممىمىزگە مەلۇملۇق ،بېقىلىۋاتقان توخۇلار تۇخۇم تۇخۇسى ، گۆش توخۇسى دەپ ئايرىلىدۇ. بىز ئادەتتە گۆش توخۇسىنىڭ گۆشىنى ، تۇىۇم تۇخۇسىنىڭ تۇخۇمىنى ئىستىمال قىلىمىز.تۇخۇم تۇخۇسى بىلەن گۆش تۇخۇسىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ، باھاسىمۇ ئوخشاش ئەمەس . ئەمما، بىزنىڭ ئىشلەتكىنىمىز بولسا ئاللىقاچان تۇخۇم تۇغالمايدىغان بولۇپ قالغان توخۇنىڭ گۆشى بولغاچقا ، باھاسى تېخىمۇ ئەرزان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يېيىشلىك ، يۇمشاق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا دادۇر ئاقسىلى قاتتۇق.
بۇ خىل سېرىق پۇرچاق ئاقسىلى يەنە ‹‹سۈنئىي گۆش ›› دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، ئەرزان باھالىق ھامبۇرگ بولكىسى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇلارلا ئەمەس ، ئۇنى ياساشقا يەنە كۆپ مىقداردا خېمىيىلىك تەم تەڭشىگۈچىلەر (يېمەكلىك قوشۇلما ماددىلىرى) نى ئارىلاشتۇردۇق.
يېيىشلىك، سىلىق قىلىش ئۈچۈن چوشقا مېيى ئىشلەتتۇق ، كىراخمال قوشتۇق، ئاپتوماتلاشقان ماشىنىلاردا كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن چاپلاشتۇرغۇچى ماددا ، ئىمۇلسىيەلەشتۈرگۈچى ماددا قاتارلىقلارنى ئىشلەتتۇق، رەڭگىنى چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن رەڭ بەرگۈچى ماددا ئىشلەتتۇق، ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى ماددا ، pH قىممى
تىنى تەڭشىگۈچى ماددا قاتارلىقلارنى ئىشلەتتۇق ، رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوكسىدلاشقا قارشى ماددىلارنى ئىشلەتتۇق.
شۇنداق قىلىپ بۇ قىيمىلىق گۆش كۇمۇلىچى ئاخىر پۈتۈپ چىقتى . ئۇنى ياساشقا 20-30 خىل يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلارنى ئارىلاشتۇردۇق. بۇ ھالەتتە بۇنى ‹‹كۇمىلاچ ھالەتتىكى يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى ماددىلار››نىڭ يىغىندىسى دېيىشكە بولاتتى . مەھسۇلات بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ، شۇ ھامان بالىلار ۋە ئانىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى .
بۇ يەردە مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ، مەن ئىشلەتكەن ‹‹يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىلار›› ھەممىسى دۆلەت ئىشلىتىشكە يول قويغان ماددىلار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتۈنلەي دۆلەت بەلگىلىگەن مىقدار ئۆلچىمىگە ئاساسەن قوشتۇق. ئۇنداقتا بۇ يەردىكى مەسىلە زادى قەيەردە ؟ بۇ يەردىكى مەسىلە دەل دۆلەت يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىلارنى تەكشۈرگەندە پەقەت يەككە ھالەتتىكى يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىنىڭ ئىشلىتىش مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى قىلغانلىقىدا . ئەگەر بىرلا قېتىمدا نەچچە خىل قوشۇلغۇچى ماددىلارنى بېراقلا (بەدەنگە) قۇبۇل قىلغاندا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟
قانداق بولىدۇ؟ ‹‹بىرىكتۈرۈپ قۇبۇل قىلىش››قا قارىتا تەتقىقات يەنىلا بىر ئاجىز نۇقتا . بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل قۇشۇلغۇچى ماددىنى قۇبۇل قىلىشنىڭ زىيىنى بارمۇ يوق؟ زىيىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيەتنى پەقەت ئۇنى ئىستىمال قىلغان كىشىنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.
مەن نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە يۇقىرىقى ئىشلارنى سكزلەپ ئۆتتۈم ؟ چۈنكى بىر كۈنى مەن قىزىمنىڭ ئۆزۈم ياسىغان بۇ خىل قىيمىلىق گۆش كۇمىلىچىنى مەززە قىلىپ يەۋاتقان ھالىتىنى كۆرگەن چېغىمدا ، مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى ، مەن ھەرگىزمۇ قىزىمنىڭ ئۇ نەرسىنى يېيىشىنى خاھلىمايدىكەنمەن . شۇناق، بۇلارنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن . مەن يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىلارنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ ، ئەمما ، مەن ئەزەلدىن رېئاللىقنى چىقىش قىلىپ ئويلىنىپ كۆرمەي ، يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى ماددىلارنى قۇشۇپ ، ھەر ىىل يېمەكلىكلەرنى ياساش بىلەن بەنت بولۇپتىمەن . دەل مۇشۇ دەقىقىدە ، مەن ئۆزۈم ياسىغان يېمەلكىك – چاپلاشقاق بىراك گۆش بىلەن نەچچە ئون خىل يېمەكلىككە قۇشۇلغۇچى خېمىيەلىك ماددىلارنى قۇشۇش ئارقىلىق ياسالغان قىيمىلىق گۆش كۇمۇلىچىنى ئاخىرى ھەقىقىي تۇنۇپ يەتتىم . چۈنكى ، ئۇنى مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ، مېنىڭ قىزىم يېگەنىدى.....بۇ ۋاقىتتا قەلبىم چەكسىز جىيانەتكارلىق تۇيغۇسىغا تولدى.
قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن ، مەن يېمەكلىككە قوشۇلغۇچى خېمىيىلىك ماددىلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ساتقۇچىلىق خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەردىم . تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ نەچچە ئون يىللىق ‹‹سەھنىنىڭ ئالدى-كەينى››دىكى تەجرىبىلىرىم ئارقىلىق ، كۆپچىلىككە بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ بەرمەكچى .
بۇ ماقالىنىڭ داۋامىدا :
سۈت پاراشوكى دەل ‹‹كالا سۈتى شەكلىدىكى ئۈسۈملۈك مېيى››دۇر.
داۋامى يوللىنىلىۋاتىدۇ.............
مەزكۇر ماقالە ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرىدىن ئېلىنغان بولۇپ تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى تەييارلاۋاتىدۇ . كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغايسىز.
收藏到:Del.icio.us