شۇنىسى ھەقىقەتكى ،توك كۆرۈنمەس قاتىل بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى تۇتقۇچىنى ھالاك قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزىنى ئىشلەتكۈچى يەر شارىنىمۇ ھالاك قىلىدۇ!....
ئى شۆھرەت قايغۇسىدا توم-توم كىتاپلارنى يازغان ئايپاڭباش پەيلاسوپلار!...مۇتەپەككۇرلارچە دادىل قاراشلىرىڭلار ياراتقان تەڭداشسىز پەلەسەپەۋىي قىممەتلەر ئوسرۇققىمۇ تەڭ بولالمايدىغان دەملەر مۇخلىسلىرىڭلارغا قاراپ مەسخىرىلىك ھىجىيىپ كىلىۋاتىدۇ!...
ئى دۇنيا غىمىدە پاينەكباش بولۇپ كەتكەن سىياسىيۇنلار!....ئۇلۇغۋارپىلانىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۇرسەت تۇغۇپ بىرىدىغان ئەلۋەك ۋە سىخىي يەر شارى ئايىغى چىقماس سىياسىي ئارزۇيۇڭلاردەكلا يوق بولۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ....
ئى ئاخىرەت غىمىدە دوقاباش بولۇپ كەتكەن زاكىرلار!....يوقۇلۇش ئالدىدىكى يۇلتۇزلارنى تەسبىھىڭلەرگە ئۇرۇق قىلىپ ، جانابى ئاللاھقا چەكسىز ئالەمدىكى پىلانىتلاردا ماكانلاشقان ئاتوملارنىڭ جەمئى سانىچە ھەمدۇ-ساناھلار ۋەتەۋبە-ئىستىغپارلار ئېيتىۋالغايسىزلەر!...
________________
نىمە گەپ بولۇپ كەتتى،بۇ؟.سىزنىڭ"نورۇزغا مىنگەن شەيتان"دىگەن تىمىڭىز بىلەن بۇ تېمىڭىزدىكى تەپەككۇر ئوسوللىرىڭىزنى ئەستايىدىل تەكشۇرگەنلەر خىلى ھاسىلاتقا ئىگە بولۇپ قالغىدەك!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-18 09:41 AM