مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئاردا

مىيىت نەزىرى(3-7-40-يىل نەزىرى)قىلىش بىدئەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8630
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 04:42:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم ،ئۇلۇغ ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن ،نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ،چۇقۇم ساقلىۋالمەن .

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 02:11:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-4 06:10 PM
بۇ يەردە ديىلىۋاتقان بىر دىڭىز...مۇشۇ تېمىدا دىيىلگەن ...

بىز بارلىق نەزىرگە قارشى ئەمەس  بەلكى پەيغەمبەر ۋە ساھابىلەر قىلىپ باقمىغان بىر  ئەمەل بولغان مىيىت نەزىرىگە قارشى  !  بۇ دەل بىدئەت  !

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ۋاقىتنىڭمۇ سورى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5829
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1391 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 07:14:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاردا يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 02:11 PM
بىز بارلىق نەزىرگە قارشى ئەمەس  بەلكى پەيغەمبەر ۋە سا ...

مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق،مەككە ھاياتىدىكى 13 يىلدا ئاساسەن دىگۈدەك تەۋھىدنى تەشۋىق قىلىپ،شىرىكچىلىك ئەقىدىسىنى تازلاپ  ئاللاھىنىڭ بىرلىك بارلىقىنى تۇنۇتقان،ئىسلامنى تاراتقان.تاكى مەدىىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كىين ئاندىن تۇرمۇشلاردىكى بۇلۇش-بولماسلىقلار ھەققىدە بايانلار بولغان.شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئەقىدىسىنى تازلاپ بۇلۇشتىن ئىلگىرى(يەنى بىزلەر تېخى مەككىدە)تاكى «مەدىنىگە» بارغۇدەك ئىمتىيازغا كەلگۈچە بۇ ھەققىدە پەتىۋا پىچىش بالدۇرلۇق.

دۇنيادا پەقەت:مەرت باينىڭ بايلىقى بىلەن سېخى ئالىمنىڭ بىلىمىگىلا ھەسەت قىلىشقا بۇلىدۇ.

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 01:55:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 07:14 PM
مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق ...

تەۋھىدنى شۇ بىدئەت دەپ ئاتالغان مىيىت نەزىرىنى  دۇرۇس دەپ باش بولۇپ قوللاۋاتقان  ئىمام موللىلار ۋەكىل بوپ مەسچىتلەردە تارقىتىۋاتقان تۇرسا، شۇلارنىڭ خاتالىقىنى  خەلىققە بىلدۈرمەي تۇرۇپ باشقا ئىش قىلىش تەس بولارمىكىن  ! چۈنكى بۇ خەلىق ھازىر شۇ  بەزى«ئىمام »لارنى بەك چوڭ كۆرىدۇ  ! قۇرئان ۋە ھەدىس ئالدىدا تۇرسىمۇ بەزىدە يەنە ئىككىلىنىدۇ  ! شۇڭا كاپىتاننى ئالماشتۇرماي تۇرۇپ  كىمىنىڭ مىڭىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش  ماتروسلارغا بۇيرۇق ئاڭلىتىش تەس بوپ قالامدىكىن  !

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ۋاقىتنىڭمۇ سورى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5829
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1391 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 03:30:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاردا يوللىغان ۋاقتى  2013-3-11 01:55 PM
تەۋھىدنى شۇ بىدئەت دەپ ئاتالغان مىيىت نەزىرىنى  دۇرۇس ...

ئىنكاسىمىنى چۈشەنمەپسىز،قايتا ئوقۇپ بېقىڭ.

دۇنيادا پەقەت:مەرت باينىڭ بايلىقى بىلەن سېخى ئالىمنىڭ بىلىمىگىلا ھەسەت قىلىشقا بۇلىدۇ.

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 04:10:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-11 03:30 PM
ئىنكاسىمىنى چۈشەنمەپسىز،قايتا ئوقۇپ بېقىڭ.


چۈشەندىم  !!! سىز ئاۋۋال تەۋھىد ئاندىن ئىسلاھات دەيسىز توغرا   مەنمۇ سىزدەك قاراشتا لىكىن  .................!   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-12 05:06 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91304
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 187
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 09:39:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   " مىيىت نەزىرى ( 3 ، 7 ، 40 ، يىل نەزىرى ) قىلىش بىدئەت " كە رەدىيە
              
---------------------------------------------------------------------

                                تېمىدىن پارچە
                                  -------
.دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىتراپ قىلغان ،بۈيۈك ئىسلام سەلەپىييە پىشۋاسى ئۇستاز  مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب ۋە شاگىرتى ئىبنى قەييۇم  نىڭ تۈزگەن "بىدئەت ۋە سۈننەت" دىگەن كىتابتىكى 3-7-40-يىل نەزىرى دىگەندەك مىيىت نەزىرىگە بىدئەت
دەپ پەتىۋا ھۆكمى بىرىلگەن دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى چىقارغان پەتىۋا دەلىلى  !  
بىدئەت ۋە سۈننەت دىگەن كىتابنىڭ 27-بەتلىرىدە 3-7-40-يىل نەزىرى دىيىلگەندەك مىيىت نەزىرى نى بىدئەت دەپ بۇھەقتە بىرىلگەن پەتىۋا ھۆكمى تۆۋەندىكىچە:


بۇ پەتىۋا مەزكۇر كىتابنىڭ 27-28بىتىدە بىرىلگەن  !  شۇڭا   دەلىل بولسۇن دەپ شۇ بەتلەرنى رەسىمگە تارتىپ يوللۇدۇم !

-بەتتىن رەسىم

1 سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (185.55 KB)



   28-بەتتىن رەسىم





ئۇيغۇر ۋە دۇنيا ئالىملرىدىن بولغان مۇھەممەد سالھ دامولا ھاجىم ۋە  مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھاب نىڭ بۇ 3-7-40-يىل نەزىرى دىگەندەك مىيىت نەزىرىگە  بىدئەت دەپ بەرگەن پەتىۋاسى يۇقىرىدىكىدەك بىردەكتۇر  !

شۇڭا 3-7-40-يىل نەزىرى  دىيىلگەن بۇ مىيىت نەزىرىنى قىلىش بىدئەت ۋە گۇمراھلىقتۇر  !

تۆۋەندىكىى ھەدىسلەر بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسلام ۋە پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن سىرت بىدئەت ۋە بىدئەت  ئىشلارنى قىلغۇچىلارغابەرگەن ھۆكمى :

  بىدئەت ھەققىدە چۈشەنچە


ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
«بىدئەت» سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «ئىجاد»، «ئىختىرا» ۋە «پەيدا قىلىش» دېمەكتۇر. لۇغەت ئېتىبارى بىلەن بىدئەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1. ھاياتلىق ئىشلىرىدا يېڭىلىقلارنى ئىختىرا قىلىش بولۇپ، بۇ، ھازىرقى تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە باشقا كەشىپىياتلاردۇر. بۇ خىل بىدئەت يەنى ئىختىرا دىنىمىزدا تەشەببۇس قىلىنغان ياخشى ئىشلاردۇر.
2. دىنى مەسىلىلەردە يېڭىلىق پەيدا قىلىش بولۇپ، بۇ خىل بىدئەت قەتئىي ھارامدۇر.


-----------------------------------------------------------------------

      تېما ئىگىسىنىڭ " دىنى مەسىلىلەردە پەيدا قىلغان بىدئەت قەتئى ھارام " دېگەن ھۆكۈمى ( بىدئەتنىڭ ياخشىسى يوق ، ھەممىسى يامان - دېگەن ھوكۈمى ) قەتئى خاتا . چۈنكى بىدئەت - ياخشى بىدئەت ۋە يامان بىدئەت - دەپ  ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ . بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىچە :


      بىدئەت شەرىئەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا بولمىغان ئىشتىن ئىبارەتتۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ " كۇللۇ بىدئەتۇن زالالەتۇن " دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى ( ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇندۇر ) دېگەن بولىدۇ .

      ئىمام نەۋەۋى " ئازھار " دېگەن كىتابتا زىكرى قىلدى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ " كۇللۇ بىدئەتۇن زالالەتۇن " دېگەن سۆزى ( يەنى كۇللۇ بىدئەتۇن سەييىئەتۇن زەلالەتۇن ) دېگەن بولىدۇ . بۇنىڭ مەنىسى ھەرقانداق يامان بىدەت ئازغۇندۇر - دېگەن بولىدۇ . بۇ سۆزنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدۇر : " بىر ئادەم ئىسلام دىنىدا بىر ياخشى ئىشنى يولغا قويغان بولسا ، ئۇ كىشىگە شۇ ياخشى ئىشنى يولغا قويغاننىڭ ساۋابى بولىدۇ ھەم شۇ ئىشقا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭمۇ ساۋابى شۇ ئىشنى پەيدا قىلغۇچىغا بولىدۇ ، ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭمۇ ساۋابى كېمىيىپ كەتمەيدۇ ؛ بىر ئادام ئىسلام دىنىدا بىر يامان ئىشنى يولغا قويغان بولسا ، ئۇ كىشىگە شۇ يامان ئىشنى يولغا قويغاننىڭ گۇناھى بولىدۇ ھەم شۇ ئىشقا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭمۇ گۇناھى بولىدۇ ، ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىمۇ كېمىيىپ كەتمەيدۇ " دېگەن .   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىدىن بىدئەتنىڭ ئىككى قىسىم ( ياخشى بىدئەت ۋە يامان بىدئەت ) كە بۆلۈنىدىغانلىقى مەلۇم بولدى .    ئېيتتى ئىمام نەۋەۋى رەھىيمەھۇللاھ : بىدئەت دېگەن شەرىئەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا بولمىغان ئىشتىن ئىبارەتتۇر ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ " كۇللۇ بىدئەتۇن زەلالاتۇن " ( ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇندۇر ) دېگەن سۆزى ئامدۇر ، ئۇنىڭدىن بەزىسى خاس قىلىنغۇچىدۇر . ( يەنى ھەرقانداق بىدئەت ئامدۇر ، ئۇنىڭدىن بەزىسى خاس قىلىنغۇچىدۇر ) دېگن سۆزنىڭ مەنىسى : ھەرقانداق بىدئەت ئايەت ۋە ھەدەسكە ۋە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكىگە قارىشى بولمىغان بولسا ، ئۇ ياخشى بىدئەتتۇر ، ئايەت ۋە ھەدىسكە ، شۇنداقلا ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكىگە قارىشى بولغان بىدئەت - يامان بىدئەتتۇر - دېگەنلىكتۇر .

      ئىمام شافى رەھىمەھۇللاھ : " بىدئەت دېگەن ئايەت ۋە ھەدىسكە ھەم ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكىگە قارىشى بولغان بىدئەت - يامان بىدئەت بولىدۇ ؛ ئايەت ۋە ھەدىسكە ھەم ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكىگە قارىشى بولمىغان بىدئەت - ياىشى بىدئەت بولىدۇ " دېدى .

      سەھى بۇخارىنىڭ 745 - بېتىدە ،قۇرئاننىڭ جەمئى قىلىنىشى مۇنداق بايان قىلىنغان : ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى جەمئى قىلدى ، زەيدىن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى يازدى .      زەيىد بىن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتتى : ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنى چاقىرىپ كېلىش ئۈچۈن ( يەمامە ئەھلى بىلەن ئۇرۇش بولغاندا ) ماڭا ئادەم ئەۋەتىپتۇ . مەن كەلسەم ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئىكەن . ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا : " ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنىڭ يېنىمغا كىرىپ ، ماڭا ئېيتتى ، جەزمەن قۇرئاننى قىرائەت قىلغۇچىلار بىلەن يەمامە كۈنىدە ئۇرۇش قاتتىق بولۇپ كەتتى ، مەن ئەگەر باشقا جايلاردا قارىلار بىلەن ئۇرۇش يەنە شۇنداق قاتتىق بولۇپ كەتسە ، قۇرئاننىڭ كۆپرەكىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن قورقىمەن . شۇڭا مەن سېنىڭ قۇرئاننى جەمئى قىلىشىڭنى ياخشى دەپ قارايمەن - دېدى . مەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلمىغان ئىشنى سەن قانداق قىلىسەن - دېدىم . ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا ، ئەللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەن ، مۇشۇ قۇرئاننى جەمئى قىلىش بولسا ، ياخشى ئىشتۇر - دېدى . شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا قايتا - قايتا سۆزلىدى . ھەتتاكى ئەللاھتەئالا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دىلىنى قۇرئاننى جەمئى قىلىشقا مايىل قىلىۋەتكەندەك ، مېنىڭ دلىمنىمۇ شۇنىڭغا مايىل قىلىۋەتتى .   زەيىد بىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتتى : ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا : جەزمەن سەن بولساڭ ئاقىل ھەم ياش بىر ئادەمسەن . سېنى قۇرئاننى جەمئى قىلىش جەريانىدا يالغاننى قوشۇپ قويامدىكىن - دەپ غەم قىلمايمىز . سەن بولساڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن ۋەھىنى يازىدىغان كاتىپ ئىدىڭ ، شۇڭا قۇرئاننى يىغىپ جەمئى قىلىپ قويغىن - دېدى . زەيىد بىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  : قەسەم ئەللاھ تەئالا بىلەن ، ئەگەر مېنى تاغلاردىن بىر تاغنى يۆتكەشكە ئەمىر قىلغان بولسا ، قۇرئاننى جەمئى قىلىشقا بۇيرىغان بۇيرۇقتەك ئېغىر كەلمەسىدى . مەن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلمىغان ئىشنى قانداق قىلىسىلەر - دېدىم . ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا : قەسەم ئەللاھ تەئالا بىلەن ، شۇ قۇرئاننى جەمئى قىلىش بولسا ياخشى ئىشتۇر -دېدى ۋە ماڭا قۇرئاننى جەمئى قىلىش توغرىسىدا قايتا - قايتا سۆزلىدى ، ھەتتاكى ، ئەللاھ تەئالا ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دىلىنى قۇرئاننى جەمئى قىلىشقا مايىل قىلىۋەتكەندەك ، مېنىڭ دىلىمنىمۇ شۇنىڭغا مايىل قىلىۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن قۇرئاننى خۇرمىنىڭ شاخلىرى ۋە يۇققا تاشلارغا يېزىلغان ۋە ساھابىلەر ياد ئالغانلىرىنى يىغىشغا باشلىدىم . ھەتتاكى مەن سۈرە تەۋبىنىڭ ئاخىرىسىنى ئەبۇ خۇزەيمەتۇل ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تاپتىم ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمدىن تاپالمىدىم . ئۇ ئايەت بولسا ( لەقەدجائەكۇم رەسۇلۇم مىنئەن فۇسىكۇم ئەزىيزۇن ئەلەيھى ما ئەنىتتۇم ) ھەتتاكى سۈرە تەۋبىنىڭ ئاخىرىغىچە .

      قۇرئان جەمئى قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا تۇردى . ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا تۇردى . ئۇمۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ قىزى ، ( پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خاتۇنى ) ھەفسۈە رەزۈىيەللاھۇ ئانھانىڭ  يېنىدا تۇردى .

       بۇ ھەدىستە ئەبۇبەكرى رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۆمەر رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش قالغان ساھابىلەر ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جەمئى قىلمىغان قۇرئاننى جەمئى قىلىش بىدئەت ئىش دىمەستىن ، بەلكى ياخشى ئىش دەپ قاراپ ، جەمئى قىلىپ قالدۇردى . قۇرئاننى جەمئى قىلغاننىڭ پايدىسى شۇ بولدىكى ، قۇرئان جەمئى قىلىنغىلى 1400 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ، بىر دانە ھەرىپ ، ياكى چېكىتىمۇ كەم -زىيادە قىلىنماستىن ، ياكى شەك قىلىنماستىن پايدىلانماقتىمىز . ئەگەر مۇشۇ ساھابىلەر قۇرئاننى جەمئى قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلمىغان بىدئەت ئىش - دەپ ، ئۇ قۇرئاننى جەمئى قىلمىغان بولسا ، ئىسلام دىنىغا قانچىلىك زىيان بولۇپ كېتەرىدى ؟  

     سەھى بۇخارىنىڭ 1 - قىسمى 269 - بېتىدە ، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : " جەزمەن بىر ئادەم رەمىزان ئېيىدا رەمىزاننىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈپ ۋە شۇ رەمىزان ئېيىدا تەراۋى نامىزىنى ئوقۇسا ، ئەللاھ تەئالا ئۇ كىشىگە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئۈمۈد قىلىپ تۇرسا ، ئۇ ئادەمنىڭ بۇرۇن قىلغان ھەممە گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ " دېگەن . ئەبىن شىھاب رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتتى :  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ، تاراۋىنامىزىنى ئايرىم - ئايرىم ئوقۇش ئەبۇ بەكرى رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلاپىدە ۋە ئۆمەر رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىلاپىنىڭ باش تەرىپىگىچىلىك داۋاملاشتى . ئەرۋەت بىن رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتتى : مەن ئۆمەر رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن رەمزاننىڭ بىر كېچىسى مەسچىتكە چىقتىم . شۇ ۋاقىتتا خالايىق تاراۋى نامىزىنى ئايرىم - ئايرىم ئوقۇۋېتىپتۇ . ئۆمەر رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ : مەن خالايىقنى تاراۋىنامىزىنى جەمائەت بولۇپ ئوقۇيدىغان قىلسام بولغۇدەك - دېدى . ئاندىن كېيىن خالايىقنى ئەبىي بىن كەئەب رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە تەراۋى نامىزىنى ئوقۇيدىغان قىلدى . يەنە بىر كېچىسى ئۆمەر رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ خالايىقنىڭ ئەبىي بىن كەئەب رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە تاراۋى نامىزىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، بۇ ھەجەپ ياخشى بىدئەت - دېدى .

      ئۆمەر رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەبۇ بەكرى رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ جەمائەت قىلمىغان تەراۋى نامىزىنى جەمائەت قىلىپ ۋە ئۇ جەمائەتكە ئەبىي بىن كەئەب رەزۈىيەللاھۇ ئەھۇنى ئىمام قىلىپ بەردى ۋە ھەجەپ ياخشى بىدئەت بولدى -دېدى . بىدئەت ئىشنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى ، پۈتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى تا ھازىرغا كەلگىچە بىدئەت ئارقىلىق جەمئى قىلىنغان تاراۋى نامىزىنى ئوقۇماقتا .

      سانىب بىن يەزىيد رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئېيتتى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا ۋە ئەبۇ بەكرى رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىسىدا ۋە ئۆمەر رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىسىدا جۈمە كۈنى ئەۋۋەلقى ئەزان پەقەت ئىمام مۇنبەرگە چىققان ۋاقىتتىلا ئېيتىلىدىغان ئىدى . ئوسمان رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىسىغا كەلگەندە ئادەم كۆپ بولۇپ كەتكەننىڭ سەۋەبىدىن ، ئوسمان رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ زەۋرا دېگەن جايدا ئۈچىنچى ئەزاننى زىيادە قىلدى . بۇ يەردىكى ئۈچىنچى ئەزان ھازىرقى بىرىنچى ئەزاندىن ئىبارەت .    سەھى بۇخارىنىڭ شەرھىسى " ئەمىدەتەلقارى " نىڭ 6 - قىسمى 211 - بېتىدە : ئوسمان رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھازىرقى بىرىنچى ئەزاننى زىيادە قىلىشى ئوسمان رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىجتىھاتى ۋە قالغان ساھابىلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئىجماغا ئايلانغانىدى - دېدى .    يەنە سەھى بۇخارىنىڭ شەرھىسى " فەتىھەلبارى " نىڭ 2 - قىسمى 178 - بېتىدە : ئوسمان رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۈچىنچى ئەزاننى زىيادە قىلىشى ،قالغان ساھابىلىرنىڭ ماسلىشىشى ۋە قارىشى چىققۇچىلارنىڭ بولماسلىقى بىلەن ئىجمائى سۇكۇتىغا ئايلاندى - دېدى .

      سەھى بۇخارىنىڭ 1- قىسمى 3 - بېتىدە : ئىبنى ئەبباس رەزۈىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەللاھتەئالانىڭ : " ساڭا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ۋەھى نازىل بولىۋاتقاندا ، ئۇنى ئېسىڭغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما ، ساڭا ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر . ساڭا ئۇنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئوقۇپ بەرگەندە ، ئۇنى ئاڭلاپ خامۇشلۇق بىلەن جىم تۇر . ئاندىن كېيىن ئۇنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر " ( سۈرە مائىدە 16 - 17 - 18 - 19 - ئايەتلىرى ) دېگەن ئايىتىنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىنى بايان قىلىپ ئېيتتى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھى چۈشكەن ۋاقىتتا نازىل بولغان ئايەتنى ئېسىدە ساقلىۋېلىش ئۈچۈن كالپۇكىنى مىدىرلىتىپ ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن تەڭ ئوقۇيتتى ، ئاندىن كېيىن ئەللاھ تەئالا يوقۇرقى ئايەتنى نازىل قىلدى . شۇ ئىشتىن كېيىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھى ئېلىپ كەلسە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى جىم تۇرۇپ ئاڭلايدىغان ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام قايتقاندىن كېيىن  ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئوقۇۋالىدىغان بولدى .   بۇ ئايەتتىن مەلۇم بولدىكى ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن تەلىمىنى يېزىش ئارقىلىق بولماي ، ئېغىز ئارقىلىق بولغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆمرى ئاخىرلاشقىچىلىق ساھابىلەرگە بەرگەن تەلىمىمۇ يېزىش ئارقىلىق بولماي ، بەلكى ئېغىز ئارقىلىق بولغان . ساھابىلەرنىڭ تابىئىنلارغا ھەدىسلەرنى يەتكۈزىشىمۇ شۇ ئېغىز ئارقىلىق بولغان .  دېمەك بىزنىڭ ھازىرقى زامانىمىزدىكى ئۇستازلارنىڭ دىننى كىتابلارنى يېيىپ ئولتۇرۇپ ، شاگىرتلىرىغا بەرگەن تەلىمىنىڭ ئۆزىمۇ ھەم ياخشى بىدئەتتۇر .

     ھىجرىيە 194 - يىلى دۇنياغا كەلگەن ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم ( 204 -) ، ئىمام ئەبۇ داۋۇد ( 202 - ) ، ئىمام نەسەئى ( 215 - ) ، ئىمام ئىبنى ماجە ( 209 - ) ... مۇشۇلار ۋە بۇنىڭدىن باشقا ھەدىس توپلىغۇچى ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى ، ھجرىيە 200 يىلدىن كېيىن ، يەھۇدىلار ئىسلام دىنىغا قەست قىلىپ ، كۆپلىگەن يالغان ھەدىسلەرنى توقۇپ چىقىپ ، ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە ئۇرۇنغاچقا ، ھەدىسشۇناسلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەر جەمئى قىلمىغان بىدئەت ئىش دېمەستىن ، بەلكى جەمئى قىلىش ياخشى ئىش - دەپ قاراپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىنى جەمئى قىلىپ خاتىرلەپ قالدۇردى .

      خۇلاسە شۇكى ، قۇرئاننىڭ جەمئى قىلىنغانلىقى بولسۇن ، تەراۋى نامىزىنى جەمائەت قىلىپ قويغانلىق بولسۇن ، ئازاننىڭ زىيادە قىلىنىشى بولسۇن ، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى توپلاش بولسۇن ، ئۇلارنىڭ قىلغان بىدئەت ئىشلىرى قۇرئان كەرىمگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە خىلاپ بولماستىن ، بەلكى ئۇيغۇن بولۇپ ، بۇ خىلدىكى ياخشى بىدئەتلەر ئىسلام دىنىغا نۇرغۇن پايدىلارنى ئېلىپ كەلدى .

      ئېيتتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : " مۇسۇلمانلار بىر نەرسىنى ياخشى - دەپ قارىغان بولسا ، ئۇ ئىش ئەللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ ھەم ياخشى ئىشدۇر . مۇسۇلمانلار بىر ئىشنى يامان - دەپ قارىغان بولسا ، ئۇ ئىش ئەللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ ھەم ياماندۇر " .   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە : " جەزمەن ئەللاھ مېنىڭ ئۈممىتىمنى يامان ئىشقا جەمئى قىلمايدۇ . ئەللاھنىڭ ياردىمى جەمائەتنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ . بىر ئادەم جەمائەتتىن ئايرىلسا ، دوزاققىلا ئايرىلغان بولىدۇ " دېدى . ( بۇنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ) . بۇ ھەدىسلەردىن مەلۇم بولدىكى ، ساھابىلەر ۋە مۇجتەھىدلەر شۇنداقلا ھەدىس توپلىغۇچى ئۆلىمالارنىڭ بىدئەتنىڭ - ياخشى بىدئەت ۋە يامان بىدئەت - دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈشكە بىرلىككە كەلگەنلىكى ، ئۇ ئىشنىڭ ئەللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر .  

      شەيىخ ئەزالىدىن بىن ئەبدىسسەلام ئېيتتى : " بىدئەت - ياكى ئۇ بىدئەتنى قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ . مەسىلەن : ئەللاھ ۋە ئەللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىنى بىلىش ئۈچۈن ئەرەپ گىرامماتىكىسىنى ئۆگەنگەنگە ئوخشاش ؛ ياكى ئۇ بىدئەتنى قىلىش ھارام بولىدۇ . مەسىلەن : جەبرىيە ، قەدرىيە ، مۇجەسسىمىيەنىڭ مەزھەبلىرىگە ئوخشاش ؛ ياكى ئۇ بىدئەتنى قىلىش مۇستەھەب بولىدۇ . مەسىلەن : تەراۋى نامىزىنى جەمائەت بىلەن ئوقۇغانغا ئوخشاش ؛ ياكى ئۇ بىدئەتنى قىلىش مەكرۇھ بولىدۇ . مەسىلەن : مەسجىتلەرنى زىننەت قىلغانغا ئوخشاش ؛ ياكى ئۇ بىدئەتنى قىلىش مۇباھ بولىدۇ . مەسىلەن : بامداد نامىزى ، ياكى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەنگە ئوخشاش .

      دەۋرىمىزدە دىيارىمىزدىمۇ ۋەھھابىيلار مەزھىبىنىڭ دەۋەتچىلىرى پەيدا بولۇپ ، كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ ، زورىيىپ ، ئىسلام دىنىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، بىدئەتنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ، ئاق - قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئەزەلدىن كېلىۋاتقان ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەتنى مۇشرىككە چىقىرىپ ، ئۇلارغا قارىشى چىقىش ۋە ئۇلارنى يوقۇتۇش ئارقىلىق ، شەرىئەتتە سۈننەت ۋە مۇستەھەب بولغان ئەمەللەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، ئىسلام دىنىنى ئاستىن - ئۈسيۈن قىلماقتا .

      ئەسكەرتىش : تېما ئىگىسى ، سىز قىلچىلىكمۇ ئىككىلىنىپمۇ قالماي ، تەپمۇ تارتماي ، خىجىلمۇ بولماي ، ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەنىنىڭ ، بولۇپمۇ ئىسلامنىڭ دۈشمىنى بولغان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابنى دۇنيا ئۇيغۇر ئالىمى - دەپ كۆتۈرۈپ چىقىپسىز ، ئۇ سىزدەكلەرنىڭ ( يەنى ۋەھھابىيلارنىڭ ) ئالىمى . بىلىپ قويۇڭكى ، ئۇ ( مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب )  -  ئىمام ئەزەم ، ئىمام مالىك ، ئىمام شافى ۋە ئىمام ئەھمەد ھەمبەلى قاتارلىقلارنىڭ مەزھىبىنىڭ ( ئەھلى سۈننى ۋەلجەمائەتنىڭ ) تىرىك دۇشمىنى . مۇھەممەد ئىبننى ئابدۇلۋەھھاب ھىجرىيە 1740 - يىلى تەۋھىد ئەقىدىسىنى تەرغىپ قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ، تا بۈگۈنگە قەدەر ئەھلى سۈننى ۋەلجەمائەتنىڭ ئەقىدىسىنى ئۆزگەرتىپ ، يوقۇتۇپ ، ئورنىغا ئۆزىنىڭ ساختا ئەقىدىسىنى ئورنىتىش ئۈچۈن تېنىم تاپماي كۆرەش قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، يەنە كېلىپ ئۇلارغا نېجىس ،پاسكىنا ۋە زەھەرلىك تىللارنى تەككۈزۈش بىلەنلا قالماي ، ھەر ۋاقىت ئوچۇق ئاشكارە قارىشى تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنى ئىنكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئۇلۇغ قۇدرەتلىك ئەللاھ سۇبھانە ۋەتەئالانىڭ مومىن بەندىلىرى بولغان ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەت بارلىق ئىشلىرىنى ئەللاھقا تاپشۇرۇپ ، ۋەھھابىيلارغا قارىشىلىق كۆرسەتمەيۋاتىدۇ . لېكىن سىزدەكلەر كۈنسايىن ھەددىدىن ئېشىپ ،چالۋاقاپ ، بىزدەكلەرنىڭ ئېغىزىنى ئېچىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىسىزلەر .

     تۆۋەندىكى يازمىڭىزنى ئوقۇپ ، قايتىدىن يەنەبىر چايناپ كۆرەرسىز :

-------------------------------------------------------------

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 01:55:49 PM |ئايرىم كۆرۈش |


arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 07:14 PM
مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق ...

تەۋھىدنى شۇ بىدئەت دەپ ئاتالغان مىيىت نەزىرىنى  دۇرۇس دەپ باش بولۇپ قوللاۋاتقان  ئىمام موللىلار ۋەكىل بوپ مەسچىتلەردە تارقىتىۋاتقان تۇرسا، شۇلارنىڭ خاتالىقىنى  خەلىققە بىلدۈرمەي تۇرۇپ باشقا ئىش قىلىش تەس بولارمىكىن  ! چۈنكى بۇ خەلىق ھازىر شۇ  بەزى«ئىمام »لارنى بەك چوڭ كۆرىدۇ  ! قۇرئان ۋە ھەدىس ئالدىدا تۇرسىمۇ بەزىدە يەنە ئىككىلىنىدۇ  ! شۇڭا كاپىتاننى ئالماشتۇرماي تۇرۇپ  كىمىنىڭ مىڭىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىش  ماتروسلارغا بۇيرۇق ئاڭلىتىش تەس بوپ قالامدىكىن  !






ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH


----------------------------------------------------------------------


        تېما ئىگىسى ، سىزنىڭ يوقۇرقى پىكىرلىرىڭىز پەخرى بوۋىڭىزلار مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابنىڭ ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەتنى يوقۇتۇشتىكى پەلسەپىۋى پىكرى بىلەن ئوخخخخخخخخخخخخخخخخخخخشاش . پەخرى بوۋىڭىزلار مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھابنىڭ ئەھلى سىننى ۋەل جەمائەتنىڭ ئەقىدىسىنى يوقۇتۇشتىكى پەلسەپىۋى پىكىر - تەدبىرى شۇنچىلىك ئاددىكى ، ئۇ ئادەمنىڭ ئەخلىنىڭ بارلىقىغا ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ . ئۇنىڭ پەلسەپىۋى پىكىر - تەدبىرى مۇنداق : "  مىيىتكە ئاتاپ 3 ،7 ،40 ، يىل نەزىرى قىلسا بولمايدۇ " دېگەن بۇ بىر تەرەپتىكى توغرا پىكىرنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى بولغان : " ئەللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ، ئەللاھ يولىدا ، ئەللاھقا ئاتاپ قىلغان توغرا نەزىرلىرىنىمۇ " ياكى بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ، نەزەردىن ساقىت قىلىش ، ياكى بولمىسا ، خاتاغا نىسبەت بېرىپ ، ئاق - قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاستىن -ئۈستۈن قىلىش ئارقىلىق ، ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت . بۇ نۇقتىنى : " بىدئەتنىڭ ياخشىسى يوق ، بىدئەتنى قىلغۇچىلار دوزاقتا " دېگەن كەسكىن ھۆكۈمى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ .

      يەنە شۇنىمۇ سەمىڭىزگە سەپقويايكى ، بىز بۇرۇندىن كېلىۋاتقان سۈننى مەزھەب ( ھەنەفى ، مالىكى ، شافى ۋە ھەمبەلى - دىن ئىبارەت تۆت مەزھەب ) نىڭ ئەقىدىسىنى توغرا - دەپ بىلىمىز ھەم شۇ مۇجتەھىد ئالىم - ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە پەيغەمبىرىمىزگە ئىتائەت قىلىمىز ھەم ئەللاھقا ئىبادەت قىلىمىز . باشقا مەزھەبلەرنىڭ ئەقەدىسى بىز ئۈچۈن خاتا ، ئەلۋەتتە . شۇنداق بولسىمۇ بىز ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىگە ئارىلاشمايمىز .لېكىن ئەللاھنىڭ : " ئۇرۇش چەكلەنگەن ئاي ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايغا تەڭدۇر ( يەنى ئۇرۇش چاكلەنگەن ئايدا دۈشمىنىڭلار سىلەرگە چېقىلسا ، سىلەرمۇ شۇ ئايدا ئۇلارغا چېقىلساڭلار بولىدۇ ) . ھۈرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر بىر - بىرى بىلەن تەڭدۇر ( ھۈرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى باشقىلار دەپسەندە قىلسا ، سىلەرمۇ ئۇلارنى دەپسەندە قىلساڭلار ھېچ يامىنى يوق ) . كىم سىلەرگە قانچىلىك چېقىلغان بولسا ، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىلىڭلار . ئەللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ، بىلىڭلاركى ، ئەللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (194) ( سۈرە بەقەرە ) . دېگەن ئايىتىگە ئەمەل قىلىپ ، ئۆز ئەقىدىمىزنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىزگە ھەرگىزمۇ سەل قارىمايمىز . ...

      سىزلەرنىڭ ئەقىدىڭىزلارمۇ ئۆزىڭىزلارغا توغرا ،لېكىن باشقا مەزھەپتىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ سىزلەر بىدئەتچى - دەپ قارىلاۋاتقان ئەھلى سۈننى ۋەل جەمائەتنىڭ ئەقىدىسىگە ئارىلىشىپ ، خالىغانچە ئەيىپلىشىڭىزلارغا  قەتئى بولمايدۇ . سىزلەرمۇ ئۆز ئەقىدىڭىزلار بىلەن جەننەتكە كىرىۋېلىڭىزلار . ئۇ باتىل ئەقىدىڭىزلارنى بىزگە تاڭمىڭىزلار . چۈنكى سىزلەرنىڭ ئوڭ كۆزىڭىزلەر قارغۇ ، سول كۆزىڭىزلەر ساق . لېكىن ئەشۇ قارغۇ كۆزىڭىزلار سىزلەرگە ھەقنى كۆرسەتمەيدۇ . ...

     سىزنىڭ يوقۇرقى تېمىڭىز ئايرىم كىتاپچە قىلىنىپ جەمىيەتتە كەڭ تارقىتىلىپ ، قاتتىق تەسىر قوزغاۋاتىدۇ . باشقىلارغا تەككۈزگەن تىللىرىڭىزغا ، چاپلىغان تۆھمەتلىرىڭىزگە ئەللاھ گۇۋاھ .

       ئەللاھ خالىسا يەنە كۆرىشەرمىز .

       ئەللاھقا ئامانەت .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qoman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-31 10:12 PM  


!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 463 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-1 11:50:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qoman يوللىغان ۋاقتى  2013-3-31 09:39 PM
" مىيىت نەزىرى ( 3 ، 7 ، 40 ، يىل نەزىرى ) قىلىش بىدئەت " كە  ...

ئىلىم پەن ئىختىرالىرى قاتارلىقلار نى بىدئەت ئىچىگە ئىلىپ كىرىپ تىخمۇ پىتنە پەيدا قىلىشنىڭ نىمە ئورنى !    بىدئەت پەقەت ئىتىقادقا يىڭى كىرىپ قالغان ئشلارنى كۆرسىتىدۇ ! شۇڭا ياخشى بىدئەت يامان بىدئەت دەپ خالىغانچە ھۆكۈم بەرمەيلى ! بىدئەت دىگەن بۇ بىرلار ئىتىقادتا يىڭى پەيدا بولغان ئىشلارغا بولغان ھۆكۈمنى پەيغەمبەر ئاندىن قالسا دۇنيا ئالىملىرى بەرگەن ! شۇڭا پىتنە پەيدا قىلمايلى !

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش