بىر ئەر خىزمەتدىشىم بار، ئۇ ھەر كۈنى ئىشقا كېلىپلا ئاخشام ئۆيىدە بولغان ئىشلارنى يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە دېگىلى تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا قانداق ياردەملەشكەنلىكىنى، خوتۇنى سەي ئادالىسا، ئۆزىنىڭ خېمىر يۇغۇرغانلىقىنى، خوتۇنى بالىنى ئىمىتكىچە ئۆزىنىڭ قاچىلارنى يۇيىۋەتكەنلىكىنى، ھەتتا بالىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرغانغا قەدەر جەريانلارنى بەكمۇ تەپسىلىي، بەكمۇ ھاياجان ئىچىدە پەخىرلىنىپ دەپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى تولا ئاڭلاپ زىرىككەن ئەرلەر ئۇ گەپ باشلىشىغىلا سىرتقا ماڭىدۇ. بارا – بارا ئاياللارمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىنى سەسكىنىش ئىچىدە ئاڭلايدىغان، ئۇنىڭ گىپىدىن بىزار بولۇپ ئۇ بار چاغلاردا ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرمايدىغان بولۇشتى. ئاياللار ئۆزلىرىگە كۆيۈنىدىغان ياقتۇرىدىغان تۇرۇقلۇق، ئۇ خوتۇنىغا شۇنچە كۆڭۈل بۆلسە ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن نېمىشقا بىزار بولىدۇ؟ بىر كۈنى ئىشخانىدىكىلەر بۇ ھەقتە پاراڭلىشىپ قالدى. ئۇلار بىردەك « ئەمەتجاننىڭ خوتۇنىغا ياردەملەشكىنى ناھايتى ياخشى بوپتۇ. بىزمۇ ئەرلىرىمىزنى كۈيۈمچان بولسىكەن دەيمىز، ئەمما ھەر قانداق ئىشنىڭ چىڭى، ئازراق پەدىشىپى بولىدۇ. ئۆيدىكى ئۇششاق ئىشلارنى بۇنچە زىرى – زەۋرى بىلەن دېگەن ئادەم باشقا ئىشلارنى دېمەي قالامدۇ؟ ئەر كىشى دېگەن ئەر كىشىدەك بولۇشى كېرەك – تە. ئۇ خوتۇنىغا ياردەملەشكەن ئىشلارنى ئاشۇنداق تەپسىلاتى بىلەن دەپ يۈرسە باشقىلار، بولۇپمۇ سىلەر ئەرلەر نېمە دەپ ئويلايسىلەر؟ ئەمەتجان ئۆيىدە خوتۇنىنىڭ ئورنىدا ئوخشايدۇ دەپ قالمامسىلەر. ئەر – خوتۇنلار ئارىسىدا ئاز – تولا پەرق ۋە خىزمەت تەقسىماتى بولغىنى ياخشى. بىزنىڭ ئەرلىرىمىزمۇ ئانچە – مۇنچە ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ، ئەمما سىرتتا دەپ يۈرمەيدۇ. ئۆيىدە قىلغان ئىشلارنى تالادا دەپ يۈرىدىغان ئەرلەرنى تازا ياخشى ئەر دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ ئۇنداق ئۆز سۈپىتىنى ساقلاپ يۈرەلمەيدىغان غۇرۇرسىز ئەرلەر بىلەن خۇشىمىز يوق » دېيىشتى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 d8 c" L7 T- k2 ~9 H: V
تۇرمۇشنىڭ ئالدىراش رېتىمى سەۋەبىدىن ئائىلىدە بولۇپمۇ ئەر – خوتۇن ھەر ئىككىسى خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىدە ئائىلە ئىشلىرىنى تەڭ ھەمكارلىشىپ قىلمىسا بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى. گېزىت – ژورنال، رادىيو – تېلېۋىزىيەلەردە ئاياللارنى قەدىرلەش، كۆڭۈل بۆلۈش، قولدىن كېلىشىچە ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى كۆپلەپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق بىر قاتا جەريانلار ئارقىسىدا ئاياللارنىڭ مەسئولىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئەرلەر تۇرمۇشنىڭ تەبئىي تەڭپۇڭلىقىغا ماسلىشىپ ئانچە – مۇنچە ئۆزى قىلالايدىغان دائىرىدە ئائىلە ئىشلىرىغا ھە – ھۇ دېيىشىپ بېرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئەمما شۇ قىلغان ئىشلىرىنى خەلقئالەمگە دەپ يايىدىغان ئەرلىرىمىزدىن زادى قانچىلىكى بار؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 u/ ^1 J# e+ p" ?" |: J
ئەجدادلىرىمىز ياشىغان دەۋىرلەردە ئەر – خوتۇننىڭ پەرقى تولىمۇ روشەن ئايرىلغان بولۇپ، ئەرلەر سىرتتا ئوۋ ئوۋلاش، ئوتۇن كېسىش، ئېتىز – ئېرىقلاردا كەتمەن چېپىش قاتارلىق ئەمگەكلەر بىلەن ئائىلىگە كېرەكلىك لازىمەتلىكلەرنى ۋە يېمەك – ئىچمەكلەرنى تەييارلاپ ھەم يەنە تۇرمۇشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان پۇل تېپىشقا مەسئول بولسا، ئاياللار بالا بېقىش، ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش، تاماق ئېتىش، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ خىل ئىش تەقسىماتى تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەچكە، ئەرلەر يىغىلغان سورۇنلاردا پات – پات « پالانى خوتۇنىدىن قورقىدۇ، شۇڭا خوتۇنى ئىشتىن كەلگۈچە تاماق تەييارلايدۇ، پوكۇنى لاتا – قاقاس چىقىپ قالدى كەچكىچە ئۆي ئىشلىرىدىن بىكار بولالمايدۇ » دېگەندەك مەسخىرە تۈسىدىكى چاقچاقلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرلەر ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن ئاشۇنداق ئەرلەرنى ھەر ۋاقىت غۇرۇرى بىلەن ياشاشقا بولۇپمۇ ئائىلىدە قانچىلىك ئىش قىلىۋەتكەن بولسۇن، ئىچىدە بىلىپ ئىززىتىنى ساقلاشقا ئۈندەيدۇ. ھەتتا بەزى جىگەرلىك خوتۇنلارمۇ ئەرلىرى يەڭلىرىنى تۈرۈپ ئائىلە ئىشلىرىغا تۇتۇنسا « سىز دېگەن ئەر كىشى، ئائىلە ئىشلىرىغا ئارلاشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ » دەپ ئېرىنى ئارلاشتۇرماي ئۆي ئىشىنى مۇستەقىل ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاياللارغا كۆيىنىش ئەرلەرنىڭ مەسئولىيىتى بولغاچقا، كۆپلىگە ئىدىتلىق ئەرلىرىمىز خوتۇنلىرىنىڭ ئائىلىدىكى، خىزمەتتىكى، جەمئىيەتتىكى يۈكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بىسىمىنى ئاز – تولا بولسىمۇ يېنىكلەتتى ۋە يېنىكلىتىۋاتىدۇ. ئەمما ئەرلەرنىڭ قىلغان ئۆي ئىشلىرىنى سىرتلاردا دەپ يۈرۈشى جەمئىيەتتە يەنىلا ئەرلەر ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان، كىشىلەر قارشى ئالمايدىغان تېما. بەلكىم ئاياللارمۇ ئەرلىرىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتىنى ياقتۇرمىسا كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا داۋاملىق ئېرىدىن نارازى بولۇپ يۈرىدىغان بىر قىسىم ئاياللىرىمىز ئۇنداق ئەرلەرنى لاياقەتلىك
ئەرلەرنىڭ نەمۇنىسىكەن دەپ ئويلاپ قېلىپ، ئۆز ئېرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئائىلىدىن، ئېرىدىن
ناازىلىق كەيپىياتىكۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 {* }9 @1 u8 g( }& ]- r
بۇ ئارقىلىق « ئەرلەر ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشمەڭلار » دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر، بۇنى يېڭى تۇغۇلغان بالىسى بىلەن بىر كېچە بىللە يېتىپ باققان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېنىق چۈشىنەلەيدۇ. شۇنداق ئىكەن ئاياللارنى ئاسىراش، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىش مۇھىم. ئەمما ئائىلىدە قىلغان ئىشلارنى سىرتتا دەپ يۈرۈش سىزنى باشقىلار ئالدىدا ئىشەنچسىز كۆرسىتىپ ئەرلىك غۇرۇرىڭىز يەرگە ئۇرۇلىدۇ. ئەگەر خوتۇنىڭىز بۇ ئىشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ قالسا چوقۇم سىزدىن رەنجىيدۇ. ئېرى خوتۇنىنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالىدىغان
ئائىلىلەردە چوڭ بولغان ئوغۇل بالىلار ئۇششاق سۆز، ئىچ مىجەز چوڭ بولىدۇ. بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا
پەرزەنتلەرنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش مۇھىتىغا تەسىر يېتىدۇ. گەرچە ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئومۇمىيلىققا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى پەسلەشتۈرۈپ قىلغان ئۆي ئىشلىرىنى تالا – تۈزدە دەپ يۈرۈشى تېخى ئومۇمىيلىققا ئايلانغىنى يوق ھەم ئايلانماسلىقى كېرەك. چۈنكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئەرلەرنىڭ ئاغزىدىن بۇ خىل گەپلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. شۇڭا ئەپەندىم، ئۇ ئىشلىرىڭىزنى ئىچىڭىزدە بىلىپ سىرتتا ھەرگىز ئاشكارىلاپ يۈرمەڭ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ s7 j9 I7 {6 ~5 t. }2 C/ J2 J
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ E" c4 Q) f0 I6 \