|
|
|
|
ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى چاچقا تەسىر كۆرسىتىدۇ چاچ بەدەننىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ چېچىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . چاچ ئادەتتە ئاغرىمايدۇ ھەم قىچىشمايدۇ . چاچ يىلتىزىدا تۈك شارچىسى بولۇپ ، ئۇنىڭدا قان تومۇرلار ۋە نېرۋىلار بولغاچقا، ئوزۇقلۇق ساقلىيالايدۇ ھەمدە چاچتا پوستىلاق ماددىسى بىلەن يىلىك توقۇلمىلىرى بولىدۇ . پوستىلاق ماددىسىدىكى قارا پېگمېنتنىڭ تەسىرى بىلەن چاچ قارا ياكى قوڭۇر كۆرۈنىدۇ. ئەگەر پوستىلاق ماددىسىدىكى ھۆجەيرىلەرنىڭ سىغىمچانلىقى ئېشىپ كەتسە، ئاق رەڭ تارقىتىدۇ ھەمدە پىگمېنت ھۆجەيرىلىرىنىڭ قېرىشى تۈپەيلى چاچتىكى پىگمېنتنىڭ يوقىلىشىدىنمۇ قارا چاچ ئاقىرىپ كېتىدۇ .
ئادەمنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ ، چاچمۇ قېرىپ بارا- بارا چۈشۈپ شالاڭلاپ كېتىدۇ . ئاق چاچنىڭ كۆپىيىشى ئادەتتىكى فىزىئولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، بەدەن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، شۇنداقلا بۇ كېسەللىكنىڭ ئالامىتىمۇ ئەمەس . ئادەمنىڭ قېرىشى ھورموننىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان ماددا ئالمىشىشنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، كىشىلەر كۈندە بىر نەچچە تال چېچى چۈشسە ھەيران قالمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەرنىڭ چېچى ھەقىقەتەنمۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن چۈشىدۇ. بەزىدە ياش تۇرۇپلا چېچى چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ . شۇڭا، ئاياللار چېچى چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك : يودلۇق يېمەكلىكلەرنى ، يەنى، لامنارىيە، پۇرچاق، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك . چاچنى كۆپ تاراش ھەمدە چاچ يۇيۇش پاراشوكى بىلەن چاچنى يۇيۇش ئارقىلىق چاچ يىلتىزىدىكى ماددىلارنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا چاچنى پاكىز تۇتۇش كېرەك . چاچنى ئامال بار كۆپ بويىماسلىق ، بۈدرە قىلماسلىق، چېچىغا ماس كېلىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك .
پېتەك سېلىنغان ئاياغنى كىيسە ، پۇتقا پايدىلىق پېتەك پۇتنىڭ قۇرغاق ، پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە ئۇزاق ۋاقىت ئۆرە تۇرىدىغان ياكى يول ماڭىدىغانلارنىڭ پۇتىنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىنى پەسەيتىپ ، تۈرلۈك پۇت ئاغرىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ .
ئامېرىكا چىكاگو پۇت كېسەللىكلىرى دوختۇرى رېسا سىكون مۇنداق دېدى : ‹‹ كىشلەر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئۇزاق ۋاقىت كىيگەندە ئاسانلا ئوشۇق ۋە پۇت ئالقىنى ئالقىنى ئاغرىيدۇ . بۇنداق چاغدا ئاياغقا پېتەك سېلىپ كىيگەندە ، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ تاپانغا چۈشۈرىدىغان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىتىپ ، پۇتنى راھەت قىلىدۇ . تۈز پاشنىلىق ئاياغنىڭ تاپاننىڭ تىرەش سالمىقى ، بولۇپمۇ تاپاننىڭ سېگمېنىت ئورنى يۇقىرى بولماسلىقتىن ، ئاسانلا لىپەك يارىلىنىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياغقا پېتەك سېلىپ كىيگەۈ تۈزۈك . بولۇپمۇ بەش سانتىمېتىردىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنى ئەڭ ياخشىسى پېتەك سېلىپ كىيىش كېرەك .
پۇتى ساغلام كىشلەر ئاياغقا پېتەك سېلىۋالسا ، ئاياغ راھەت بىلىنىپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە يەر يۈزى بىلەن پۇتنىڭ سۈركىلىش كۈچىنى ئازايتىدۇ . بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ، ياشانغان كىشلەر ئايىغىغا پېتەك سېلىۋالسا ، بوغۇم ياللۇغى ، پەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
ياشلاردىكى بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ كەملىكى قان تومۇر دىۋارىنىڭ قېلىنلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن شىۋېتسىيەدە ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياشلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش كەم بولسا قان تومۇر دىۋارى كۆرۈنەرلىك قېلىنلاپ، يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى چوڭايتىۋېتىدىكەن.
دۈم يېتىپ ئۇخلاش گلاۋكومانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، بىلەك كۆزنى بېسىۋېلىپ، ئويغانغاندا كۆز قىسقا ۋاقىت غۇۋا كۆرىدۇ. بۇ كۆز ئالمىسى بېسىلىپ قېلىپ، كۆز بېسىمىنىڭ يۇقىرىلاپ كەتكىنىدىن بولىدىكەن. ئەگەر بۇنداق ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا، گلاۋكوما بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئۇزاق ئولتۇرۇش ئەڭ يېڭى ساغلاملىق تەشۋىشى بولۇپ قالدى سىز بەلكىم چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشىڭىز ياكى ئۆيگە قايتىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، سىز باشقا ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئولتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز قانچىلىك ھەرىكەت قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر قىلچىلىك پايدىسى يوق. بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ھەم ماددا ئالمىشىشنى ئازايتىۋېتىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ئۇزاق ۋاقىت ياتقاندىن كېيىنكى ئەڭ پاسسىپ ھەرىكەت بولۇپ، سەرپ قىلىنغان ئىسسىقلىق مىقدارى ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن، بىر تال ئالمىنى يېگەندە ياكى ئاچچىقلانغاندا سەرپ بولىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندىكىدىن كۆپ بولىدىكەن.
ئەنگلىيە لافبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ستۇئارت بىدېل مۇنداق دەيدۇ: ‹‹كىشىلەر دائىم ئۇزاق ئولتۇرۇشنى ھەرىكەت قىلماسلىق، دەپ خاتا چۈشىنىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە،سىز بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆيىگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرسىڭىز ياكى 30مىنۇتتىن 45 مىنۇتقىچە پىيادە مېڭىپ، قالغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئولتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا، سىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز ئۇزاق ئولتۇرۇش بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ››. ھازىر ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ئەڭ يېڭى ساغلاملىق تەشۋىشى بولۇپ قالدى. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرۇش ئاخىرقى ھېسابتا قەنت كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، كىشىلەر ھەر يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ بېرىشى ياكى مېڭىپ بېرىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، بۇ جەھەتتىكى خەۋپ – خەتەرنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدىكەن.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئىلىندى.
|
|
|
|
|
|