yancin يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 12:11 PM
شىر ئەلى ئەلتېكىن نىمە قىلسا قىلمامدۇ.بۇنداق تىمىلارغ ...
ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ نىمە دىيىشمنى بىلەلمەي بىر مەھەل تېڭىرقاپ قالدىم. ئالدى بىلەن بىراۋنىڭ قىلغان كەسپىگە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سەنئەتچىنى، سەنئەتنى كەمسىتىپ بۇنداق پەس كۆرۈشكە نىمە باھانىڭىز؟ نىمە سالاھىيىتىڭىز؟ سىز شۇ تاپتا بىر چاغلاردا ۋە ياكى ھېلىھەم ئۆزىڭىز باشقىلار ئالدىدا پەخىرلىنىپ تىلغا ئالىدىغان ئاماننىساخانغا تىل تەككۈزىۋاتقانلىقىڭىزنى سېزىۋاتامسز؟ مۇشۇ قۇرلار سزنىڭ قانچىلىك ساپاغا ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى تورداشلار ئالدىدا تولۇق نامايەن قىلىىپ تۇرۇپتۇ. ‹‹ ھازىر ئىت بېشىقا ئۇرسىمۇ سەنئەتچى توروكلاپ چۈشەرمىكىن ›› دەپسىز، سىناپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەلسۆيگەن سەنئەتكار لار دېگەنلەر قۇرۇق گەپلەر دەپسىز، ئەلسۆيگەن دېگىنىمىز ئەلنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتكەن، ئەل رازى بولغۇدەك مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلالىغان دېگەنلىكتۇر، سىز ئۇنداقتا پۈتۈن ئەلنىڭ رايىنى چۈشىنىپ تۇرالامسز؟ قۇرۇق گەپمۇ ئەمەسمۇ قانداق بىلدىڭىز؟
قېرىندىشىم، ھەر قانداق بىر ئشىقا باھا بېرىشتىن بۇرۇن ياخشى ئويلىنىپ ئاندىن قەلەم تەۋرىتىڭ. ئۆزىڭىز بايقىغان قىسمەن نۇقسانلارنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، سەنئەت ھەم سەنئەتكار شۇنداقلا شۇ سەنئەت ۋە سەنئەتكارلارغا شان-شەرەپ ، مەدھىىيەلەرنى بەرگەن خەلقنىڭ رايىنى ئىنكار قىلماڭ.
مىللىتىم نۇقسانلارغا تولغان دەپ قاقشاشنىلا بىلىمىز ، بەزى نۇقسانلارنىڭ ئۆزىمىزدە ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sarvinazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-3 03:15 PM