XERHAN يوللىغان ۋاقتى 2013-3-3 01:39 PM
باشقا يەرگە ئانچە قىززىقمايمەن ئەمما كارىزغا ۋە كارى ...
َسىزگە كارىز توغىرلىق ئازراق سۆزلەپ بېرەي ، كارىزنى چۈشەنگىنىڭىزدە ئۇيغۇرلۇقىڭىزدىن تېخىمۇ پەخىرلىنىشكە باشلايسىز!!
كارىز دەسلەپتە، بىر نۇقتىنى تاللاپ يەر ئاستىغا نەچچە مېتىر كولىنىدۇ(سۇ يۈزى ئورنىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ) يەر ئاستى ئادەم پاتقىدەك ئېگىزلىكتە بولىدۇ، ئاندىن ئېرىق كولىنىپ گورزىنتال يۆنىلىشتە يەنە بىر تەرەپكە ماڭىدۇ، يەنە بىر ئۇچى باشقا بىر جايدا ئوخشاش ئۇسسۇلدا كولىنىپ (ئېرىق شەكىللەندۈرۈپ) مېڭىلىدۇ، قىزىقارلىق يېرى كولانغان ئېرىقلاردا دەسلەپتە سۇ بولمايدۇ، ئۈستىدىكى ئېرىقلارنىڭ ئىككى يېنىدىن سىرغىپ چىققان سۇ بارا-بارا كۆپىيىپ ئاندىن ئېرىق بولالايدۇ، تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى كارىزچىلار يەر ئاستىدا تۇرۇپ ھېچقانداق GPS(سۈنئىي ھەمرا ئارقىلىق يەرشارىدىكى ئورنىنى بەلگىلەش ئۈسكۈنىسى)گە ئوخشاش زامانىۋى قوراللار بولمىسىمۇ، يەرشارىنىڭ شىمالىي ئۇزۇنلۇق ، جەنۇبىي كەڭلىك ۋە گىرادۇس ئۇقۇملىرى شەكىللەنمىگەن ۋاقىتتىمۇ نەچچە كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىرتال چىراق ئارقىلىقلا ئېرىقلارنى توغرا تۇتاشتۇرغان، ئېرىقلارنى تۈز چىققان، ئۇنىڭ قانۇنىيىتى مۇنداق: چىراقنىڭ ئۇچى سەل ئۇچلۇق بولۇپ كولاۋاتقان ۋاقىتتا چىراقنى تامغا تۇتقان چىراقنى توسۇۋالسا ئازراق قىرىۋەتكەن، بۇ ئەجدادلار شۇۋاقىتتىلا نۇرنىڭ تۈز تارقىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگەللەپ بولغانكەن! بىر ئاي ئاۋۋالقى خەلقئارادىكى خەۋەردە گىرمانىيەدىكى تۆت ياشنىڭ بېرلىندىكى بانكىنىڭ ئاستىدىن كولاپ كىرمەكچى بولۇپ خاتا كولاپ قويۇپ شۇ ئەتراپتىكى كېنتاكېي تاماقخانىسىغا كىرىپ قېلىپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى خەۋەر قىلىنغانىدى... كارىز ئېرىقىدىكى سۇ بەكلا سوغۇق بولۇپ بۇمۇ ھەيران قالارلىق يەنە بىر تەرىپى!
ئىمىن ۋاڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ توغرسىدا ئىشلەنگەن فىلىم ھەددىدىن زىيادە سۈنئىي، كىيگەن كىيىم، قىلىنغان سۆز، ئوردىلار ماڭا ھېچقايسىسى ياقمىدى، يا ئۆز تىلىدا ئىشلىمەپتۇ، ئىمىناخۇننىڭ شەرقتىكى پادىشالىرىغا خەنچە يا بىزچە گەپ قىلغىنىنى كۆرۈپ باققان بولسام ... مۇنارنىمۇ شەرققە بېقىنغان ۋاقىتتا سالغاچ ئۇ مۇنارنىمۇ ئانچە چوڭ بىلىپ كەتمەيمەن ...