tewelgha يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 05:05 PM
مۇلاھىزىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق بولۇپتۇ. قورئاننى ياد ...
قېرىندىشىم سىزنى ھېچ كىم قارىلىقتا ئۇقۇسۇن دىمىدى،ئۇقۇيمەن دىسىڭىزمۇ ھۇكۇمەتكام يول قويمايدۇ. قارىلىقتا ئۇقۇيدىغان كىشىلەر پەقەت ئاللاھ شۇنىڭغا نىسىپ قىلغان ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا خالاس. سىلەر شۇنىمۇ چەكلىمەكچىمۇ؟ ئۇيغۇر تىلىدا يادلاشنى ئەمەس ئالدى بىلەن چۇشۇنۇپ ئوقۇشنى ئىگەلىۋالساڭلار شۇنىڭ ئوزى چوڭ ئىش. ناماز ئوقۇش ئۇچۇن 10 سۇرىنى ،قۇربىتىڭىز يەتسە كوپرەك يادلىۋالسىڭىز شۇ كۇپايە.
سىلەرگە ئۇيغۇرنى دىندىن چىقىرىشتىن ئىبارەت ۋەزىپە يۇكلەنمىگەندۇ ھە؟
قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوزىنى مۇسۇلمان دەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇشى،چۇشىنىشى ،ئەمەل قىلىشى ياخشى ئىش ،ھەم شۇنداق قىلىشى كېرەك. ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ.
لىكىن سىز قانچە كۇچەڭ ئۇقىمايدىغان ئادەم يەنىلا ئۇقىمايدۇ ھەتتا ئاڭلاشنىمۇ خالىمايدۇ ،بۇنداقلارمۇ ھىلى ھەم كوپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. سىلەر قۇرئاننى ئۇيغۇرچە ئوقۇسا ئوقۇيدىغانلار جىق بولىشى ،ناماز ئوقۇيدىغانلارنىمۇ جىق بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلايدىغانسىلەر ،ئۇخلاپ چۇش كورۇپسىلەر. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۇيغۇرنى دىندىن چىقىرىشقا سەۋەپ بولىشتىن باشقا پايدا مەنپەت بەرمەيدۇ.مىنىڭ شەخسەن پىكىرىم ئالدى بىلەن سىلەر ئوزەڭلاردا سىناق قىلىڭلار،سىناقتىن ئوتسە بىزگە تەۋسىيە قىلىڭلار بولامدۇ؟
تولا بىزنى قايمۇقتۇرماڭلار. ئاللاھ نىڭ دىننى قوغداشقا كۇچى يېتەرلىكتۇر. سىلەر باش قاتۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ.
سىلەر بەكمۇ نادانكەنسىلەر،شۇ قۇرئاننىڭ ئەرەپچىسىنى ئۇقۇيالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى دىگۇدەك قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۇقۇيدۇ.
ئەرەپچىسىنى ئۇقاممايدىغان ئۇيغۇرلىرىمىز قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئاساسەن ئۇقىمايدۇ،سىتىۋالغان تەغدىردىمۇ كىتاپ جازىسىغا تىزىپ قويىدۇ.
سىلەر يوق ئىشقا باش قاتۇرماي،قولۇڭلاردىن كەلسە قۇرئاننى ئەرەپچە ئۇقۇشنى ئۇگۇنۇڭلار،ئۇنۇڭغا قۇربۇڭلار يەتمىسە تەرجىمىسىنى چۇشۇنۇپ ئوقۇڭلار ھەم ئۇنى ئوزەڭلارغا يىتەكچى قىلىڭلار.ئىشنىڭ توغرىسى شۇ.
سىلەر ئويلاپ باقتىڭلارمىكىن ھازىر ھۇكىمەت بىزنىڭ قارىلىقتا ئوقۇشىمىزغا چەك قويماقتا.ئەگەر ھەممە ئىش سىلەرنىڭ دىگىنىڭلاردىكىدەك بولسا بۇنىڭ ئاقىۋىتى:
1-ھوكۇمەت ئىنىقلا ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇگۇنۇشنى چەكلەيدۇ. بىز ئوخشاشلا كوزلىگەن مەقسەتكە يىتەلمەيلا قالماستىن ئانا تىل-يېزىقىمىزنى ئۇگۇنۇش ۋە ئىشلىتىشتىنمۇ مەھرۇم قالىمىز.
2-قۇرئان كەرىمنى ۋە نامازلارنى ئۇيغۇرچە ئوقۇش بىزنى دىندىن چىقىشقا ئېلىپ بارىدۇ. قېرىنداشلار بىز
جوڭگودا ياشاۋاتىمىز. پارتىيىمىز دىنغا ئىتىقات قىلمايدىغان ئاممىدىن تەشكىل تاپقان.سىلەردە مۇكەممەل بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بارمۇ؟بار بولسىمۇ ئىزچىل ئوزگەرمەي ئوز ھالىتىدە ساقلىنىپ قېلىشىغا ھوددە قىلالامسىلەر؟
3-ئۇزاققا قالمايلائەۋلاتلىرىمىز بىلىپ بىلمەيلا بەش ۋاق نامازلىرىدا ماركىس-ئېنگىلىس ،ماۋزېدوڭ ئەسەرلىرىنى ئايەت ئورنىدا ئوقۇشقا باشلايدۇ.
تەكلىۋىم.
بۇنى قوللىغۇچىلار،ئالدى بىلەن ئوزەڭلار ئەمەل قىلىڭلار،ئاندىن باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭلار.
ھېچ چۇشەنمىدىم سىلەرنىڭ مەقسىتىڭلار دىننىلا ئەمەس مىللەتنىمۇ يوق قىلىشمۇ؟