Diablo يوللىغان ۋاقتى 2013-3-5 11:50 PM
بىكتەر سىڭلىم سىزگە بىر سۇئال:بىرساۋاتسىز كىشى باكلاۋ ...
« ئەگەر ئەقلىڭىز ساغلام ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ پەرزەنتى بولسىڭىز ياخشىراق ئويلۇشۇپ جاۋاپ بىرەسىز »
ئۆزىڭىز بېشىدا بىر چىرايلىق سىڭلىم دەپ گەپ باشلاپ شۇنچە چىرايلىق گەپلەرنى يېزىپسىز، ئارقىسىدىن تۈفى دەپ تېما ئىگىسىنىڭ كۆڭلىگە تىگىپسىز ، ئويلاپ بېقىڭ مۇشۇ يازغان ئىنكاسىڭىز سىزنىڭچە بوپتۇمۇ ؟ مەن ئۇيغۇر ، ئۇيغۇرنى قوللايمەن ، ئەرەبلەر دىگەن ئۇنداق بۇنداق دەپ ئىنكاس يازغانلار ئاۋال ئۆزىڭلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەمسىلەر ؟ ئۆزىمىزنىڭ قېرىندىشى ياخشى بولسۇن ، يامان بولسۇن ، كۆپ بولسۇن ، ئاز بولسۇن جاپا تارتىپ تېما يوللاپتۇ، ئەجىبا شۇنچە يوغان شۇئارلارنى توۋلاشنى بىلىدىغانلار ئۆزىمىزنىڭ قېرىندىشىمىزنىڭ يوللىغان تېمىسىغا چىرايلىق ئىنكاس يېزىشنى بىلمەمسىلەر ؟ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنىڭ ئازار يىيىش بەدىلىگە ئۆزۈڭلار بەك خۇشال بولۇپ كېتىدىغان ئوخشىمامسىلەر ؟؟؟
مەن دىگەن ئۇيغۇر دەپ بەك شۇئار توۋلايدىكەنسىلەر ، ئۇيغۇر دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى مەن دىمىسەممۇ ھەممىڭلار مەندىن ئوبدان چۈشۈنىسىلەر ، نېمىشقا شۇ شۇئارغا چۈشلۇق ئىش قىلمايسىلەر ؟
جىنىم قېرىنداشلىرىم، دىل ئازار خۇدا بىزار دىگەن گەپ بار ، ئۇنچىۋالا بىر بىرىمىزنى چىقىشىپ كەتمەيلى، مۇشۇ تور دۇنياسىدا بولسىمۇ مېھىر - مۇھەببەت بىلەن ئۆتەيلى !