amirtugluk يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 07:59 PM
ئۆز گۆشىنى ، ئۆز يېغىدا قورۇش دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك ...
ئەقىللىق ئىكەنسىز. ئۆز گۆشىدە ئۆزىنى قورۇش دىگەن دەل مۇشۇ.
ئاۋال مۇناپىقلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋىتىدۇ، مۇناپىقلار خەلقنىڭ قانتەرى ئارقىلىق ئۆزىنى سەمرىتىشىدۇ، خەلق ئۇلارغا ئۆچ بولىشىدۇ. ئۆز ئارا مۇشۇنداق ئۆچمەنلىشىدۇ، ئاخىرى بېرىپ كىمنى تاپىدۇ؟ شۇلارنى تاپىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇتقازغۇچى ئەۋلىيا سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ دە، تاياقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بوش ئۇرۇپ ئىشنى تۈگىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەققانىيەتچى، ئادىل.... دەپ تەرىپلىشىدۇ.
مۇنداق بىر مەسەل بار:
ئىككى ئېيىق بىر نان تېپىۋاپتۇ، ئۇلار تەڭ بۆلۈشۈپ بولالماي تۈلكىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. تۈلكە ئۇلارغا تەسەللىي بېرىپتۇ دە، ناننى ئازراق چوڭ كىچىك قىلىپ بۆلۈپ بېرىپتۇ، ئېيىقلار ئاۋۇنىڭ چوڭ، مېنىڭ كىچىك دېيىشىپتۇ، تۈلكە كىچىكرەك ئوشتۇلغان ناننى موك ئاغزىغا ساپتۇ دە، ھېلىقى پارچىسىنى يەنە چوڭ كىچىك پەرقلەندۈرۈپ بۆلۈپ بېرىپتۇ، ئۇلار يەنە سېنىڭ چوڭ، مېنىڭ كىچىك دىيىشىپ جىدەللىشىپتۇ، بۇ چاغدا تۈلكە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن يەنە بۆلۈپتۇ، تاكى ئۇلار رازى بولغۇچە تەڭ بۆلۈپ بېرىپتۇ. ئۇلار قورسىقى تويمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇرۇنقى ناننىڭ كىچىك بىر پارسىنى تەپمۇ تەڭ يىيەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولوپ رازى بولۇشۇپتۇ، ھەمدە تۈلكىنى ئادىل قازى دېيىشىپ ماختىشىپتۇ.