honzade يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 06:36 PM
ئاپتاپ تەنتەربىيىسى دېسە بولىدىغۇ...
ئاپتاپ تەنتەربىيىسى دەپ ئاتاش مېنىڭچە مەلۇم ھۆيلا ئىچىدىكى ئوچۇقچىلىقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىل تەنتەربىيىنىڭ يەنە ئاپتاپ چىقمىغان ھاۋا تۇتۇق ۋە سوغۇق كۈنلەردىمۇ ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ خىل تەنتەربىيەنىڭ كۈنچىققان ئاپتاپتا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن كۆرە تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ ئۇستى يېپىق ياكى ئوچۇقلىقىنى نام ئاتاقتا ئىپادىلەش تولىمۇ موھىم دەپ قارايمەن.
دىمەك 阳光体育دىگەن خەنزۇچە ئاتالغۇنىڭ خەت مەنىسىگە ئەمەس بەلكى 阳光体育نىڭ شارائىت تەلىپىگە قاراپ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بېكىتىش سەل ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. سىز دىگەندەك ئاپتاپ تەنتەربىيەسى دىيىش يەنىلا پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تۈرى تەنتەربىيەسى دىگەن مەنانى بېرىدۇ. پارتىيە-ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئالاھىيدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئەمەلىيەت، بىراق 阳光体育دىگەن خەنزۇچە سۆز نىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىدىن قارىغاندا، ئۇ ئۈستى ئوچۇق بىر مەيداندا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەنتەربىيە نوقتىسىدىن ئېيتىلغان، شۇڭا 阳光体育نى ئاپتاپخانە تەنتەربىيىسى، ئوچۇقچىلىق تەنتەربىيىسى دەپ ئاتىغىنىڭىز ياخشىرەكمىكىن!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا birtugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-13 04:34 PM