مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kay~nam

سېغىنىشقا يول ئالغان ئارمانلار(مۇكاپاتلىق ئەسەر-سەھىپىسىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 647
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2099
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 10:06:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇھ...ئەجەپ ئەزدىغۇ يۈرەكنى ...

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81938
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 11:17:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن تىما يۇللىغۇچىغا رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28471
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1814
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 11:56:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا بولدىلا سىنىلا يازاي، مەن كۈيلىگەن يارلار، ماڭا چىن ئەقىدە بەردىم دەپ خۇشھاللىقىمغا ھەمشىرىك بولغان يارلار مەن يالغۇزلۇققا مەھكۈم بولۇپ قالغاندا مىنى ئىزدەپمۇ قويۇشمىدى. سەنچۇ ئانا، ياراتقۇچى مىنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئاپىرىدە قىلغان ئەشۇ كۈندىن تارتىپ سەن ماڭا يولداش، سەن ماڭا مۇڭداش بولۇپ كەلدىڭ ! ئەمما مەن بىلىمەن ، مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگىچە ساڭا ئاتاپ بىرەر قەسىدە يىزىپ باقماپتىمەن. سىنىڭدەك بىر دۇنيانىڭ قەھرىمانىنى ، يەر شارىنىڭ ئانىسىنى يازماي كىمنى يازغۇلۇق؟! سۆيگەن يارىدىن ئايرىلىپ ھەسرەت تۇمانلىرىدا قالغان ئەشۇ كىشىلەرنى ئۇچراتقىنىمدا بولار ئۆز قەدىردان كىشىسىنى ئۇنتۇپ قالغاچقا ياراتقۇچى ئۇلارنى جۇدالىق ئازابى بىلەن سىناۋاتامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن ، ئانا!
مەيلى مەن سەرگەردان بولاي، مەيلى مەن پادىشاھ بولاي ، سەن يارالمىشتىن تارتىپ ئۆز بالىلىرىڭنى چەكسىز سۆيگۈ بىلەن باغاشلاپ كىلىۋاتىسەن. دۇنيا ئەر دەپ يىغلىسا مەيلى ئانا، مەن سىنى دەپ يىغلايمەن. باشقىلار يار دەپ يىغلىسا مەيلى مەن سىنى دەپ يىغلايمەن…
   چۇنكى ئانىنى قۇتقۇزماي تۇرۇپ ، دۇنيانى قانداقمۇ قۇتقازغىلى بولسۇن؟ خەلق ئەڭ ئېغىر كۈنلەرگە قالغاندىمۇ سەن چىقىپ قىز-ئوغوللىرىڭغا مەدەت تىلەيسەن،مەن بىلىمەن ئانا ، ئوقۇپ شۇنى چۇشەندىمىكى پىداكار ئانىلىرى بار مىللەت مەڭگۈ مەڭگۈ مۇنقەرز بولۇپ قالمايدۇ. بىراق سەن ئۆز مۇھەببىتىڭنى چەكسىز بىغىشلايسەن، ھىچكىمدىن ھىچنىمە تەلەپ قىلمايسەن . شۇڭا ساڭا ئاتاپ ھىچكىم شېئىر يازمىسىمۇ، سىنى ھىچكىم مەدھىيلىمىسىمۇ سەن مۇھاببىتىڭنى شەرتسىز بىغىشلايسەن. چۈنكى مۇھەببەت ئەزەلدىن ھىچنىمە تەلەپ قىلمايدۇ….
   ئانا، بولدى سىنىلا يازاي، ھاياتلىقتا ياراتقۇچىدىن قالسىلا مەدھىيىگە ئەڭ لايىق ئىنسان پەقەتلا سەن، پەقەتلا سەن……..


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92734
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 12:01:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا بولغۇچى قانداق پەزىلەتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك
ئاتىلار ئائىلىنىڭ تۆۋرىكى، يۆلەنچۈكى، ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى كۆتۈرۈپ ماڭغۇچى،پەرزەنتىلىرىنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن كەچكۈچى ئۇلۇغ ئىنسان. ئاتىلار پەرزەنتىلىرگە لەۋزىدە تۇرۇشنى، مەردۇ-مەردانىلىقنى، باتۇر، قەيسەرلىكنى، چىدامچانلىقنى، ئەجدادىنىڭ مەدىنىيىتى ۋە تارىخىنى پەرزەنتىلىرىگە يەتكۈزۈپ ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇليەتنى ئۈستىگەئىلىشى كىرەك. ئاتىنىڭ قانداق بولۇشى ماھىيەتتىكى پەرزەنتلەردىكى قاننىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، بۇ دىگەنلىك ئاتىدا ئاتىچە خاسىيەت بولسا پەرزەنتتە چوقۇمكى ئۆزىگە ئىشىنىشتەك ئۈمۈد نۇرى بولىدۇ.

   ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا ئەخلاقى- پەزىلىتىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئاتا «ئالىم »تەربىيلىمەيدۇ «ئادەم» تەربىيلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىلارنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى يارىتالىشى ئىنتايىن مۇھىم ئۆتكەل بولۇپ، ئائىلە يۇسۇنى پەرزەنت تەربىيەسىدىكى بىرىنچى ئۆتكەل بۇلۇپ، تەربىيەنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ، تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى،ئەنئەنىۋى يۇسۇن بىلەن ھازىرقى زامان ئەخلاقىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.

   ئاتا دىگەن شەرەپكە نائىل بولغان كىشى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تۆۋەندىكى پەزىلەتلەرنى يىتىلدۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشىشى لازىم. لەۋزىدە تۇرۇش. بۇ ئاتىلارنىڭ پەرزەنتىلىرىگە مەردۇ-مەردانىلىق، ھەقىقى سۆزلۈك، خىيانەتسىزلىك،قىزىلكۆزلۈكتىن نېرى تۇرۇپ، قىزىلكۆزلۈككە قارشى تۇرىدىغان ئىسىل پەزىلەتنى يۇقتۇرۇشىدىكى پەزىلەتلىرىنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق ئاتا قولىدا تەربىيلەنگەن پەرزەنت ھەقىقى ئادىمىيلىك خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا زور دەسمايىگە ئىگە بۇلىدۇ.

   كەڭ قورساق بولۇش. ئاتا-ئانىلارنىڭ كەڭ قوساق بولۇشى ماھىيەتتە پەرزەنتىلەرنىڭ ئەپۇچان، باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرۈپ ۋە باشقىلارغا ياردەم بىرىپ، توغرا يولغا باشلايدىغان مەزمۇت ئادەم بولۇپ چىقىشتىكى يەنە بىر پەزىلەت ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق پەرزەنتىلەر ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدۇكى، قىزىققانلىق، كۆكەمىلىكتىن خالى بولۇپ تەربىلىنىدۇ.

   راسچىل بولۇش. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرى ئالدىدا راسچىل بولۇپ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈشى، ئۆزى قىلالايدىغان،قىلىپ بىرەلەيدىغان ئىشلارغا ۋەدە بىرىشى، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ۋەدە قىلماسلىغى لازىم. بۇنداق شارائىتتا تەربىيلەنگەن پەرزەنتىلەر سەمىمىيلىك، راستچىللىق پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۈپلا قالماي يەنە ئائىلىسىگە باشقىچە تەلەپ قۇيۇشتەك ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىنالايدۇ. «يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنۇش»نى بىلىپ، ھەرقانداق ئىشتا ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىشنى بىلىدۇ.

   ئائىلە ئىچىدىكى پەدىشەپكە ئاتا بولغۇچى چوقۇم قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ دىگەنلىك ئاتا قىز -ئوغۇل پەرزەنتلەرگە بولغان مۇئامىلىدىكى پەرىقنى بىلىپ، ئۇلارغا ئايرىم تەربىيە قىلىشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم ئايرىم تەربىيە قىلىش، ئونۋىرسال تەربىيەلەرنى بىرلىكتە قىلىش، ئۆي ئىچىدە ھاياسىزلارچە گەپ -سۆز، ئۇرۇش- تالاش قىلىشنىڭ ھەقىقى ئالدىنى ئېلىپ، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك.

   ئاتىدا چوقۇم باشقىلارغا يۆلەك بولىدىغان، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، باشقىلارغا ياردەم بېرىدىغان،باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە كۆز قىرىنى سالمايدىغان ياخشى خاراكتىر پەزىلىتى بولۇش كېرەك. ئاتىنىڭ بۇنداق خاراكتىر پەزىلىتى ئاستىدا چوڭ بولغان پەرزەنتلەرنىڭ كۆزى توق، باغرى ئىللىق چوڭ بولۇپ، نۇرغۇن دىللارنىڭ غەمخانىسى بولالايدۇ. ئاتىلاردا باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئىززەتلەش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولسا پەرزەنتىلەردە ئۆزىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان ئىسىل خىسلەت شەكىللىنىدۇ. دوست- دۈشمەننى، ياخشى- ياماننى، ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش تۇيغۇسى يېتىلىدۇ.

   ئاتىلار پەرزەنتىنى «ئادەم» قىلىپ تەربىيلەيمەن دەيدىكەن يەنە پاسسىپ ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشى، شۇ ئاساستا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە چەك قويۇشى كېرەك. بۇنداق چەك قۇيۇش مۇۋاپىق ۋە دەل بۇلۇشى كېرەك. مەسىلەن: بالىڭىز كىچىك چېغىدا خوشنىڭىزنىڭ قۇغۇنلۇقىدىن ئىككى دانە قۇغۇن ئۆغرلاپ كىردى. سىزدە تۆۋەندىكىدە ئۈچ خىل ئىنكاس كۆرۈلىشى مۈمكىن. A:قوغۇننى تىلىپ يىيىشىڭىز مۈمكىن. B:بالا كىچىكلىك قىلىپتۇ دەپ ئىگىسىگە قايتۇرىشىڭىزمۇ مۈمكىن. C:بالىغا تەربىيە بىرىپ، بۇنداق قىلىشنىڭ خاتالىغىنى ئۇنىڭغا تۇنۇتۇپ،خوشنىڭىزغا قوغۇننى قايتۇرۇپ بىرىشىڭىزمۇمۇمكىن....

   بىز قايسى تىپتىكى ئاتىلاردىن بولىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭدا چوقۇمكى بىز ئۈچىنچى خىل ئۇسۇلنى تاللىشىمىز لازىم. ئەگرى نوتىنى ۋاقتىدا تۈزلىگەن ياخشى. ئەگەر داۋاملىق يول قويساق ئىشنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن بۇ يامان ئىللەتلەرنىڭ پەرزەنتىمىزدە يىتىلىشىگە ئاساس بولۇپ قالىدۇ. بىز دەپ ئۆتكەن پەزىلەتلەر ئاتىلاردا يىتىلدى دىگەندىمۇ بۇ پەزىلەتلىرىمىزنى پەرزەنتلىرىمىزگە سىڭدۈرەلىشىمىز ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. بىز ئاتا بولغۇچىلار تەربىيەنىڭ ئۇسۇلىنى تاللاپ، ئاساسسىز تەربىيە بىرىشتىن ساقلىنىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قايىللىغىنى قوزغاپ، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان بولساق، ئائىلىمىزدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن بىزنىڭ پەزىلىتىمىزنىڭ تەسىر قىلىش دائىرىسى چوڭ بولىدۇ. ئاتا بولغۇچىلار پەرزەنتىمىزگە ئۆزىمىزدىكى ئەخلاقى پەزىلەتلەرنى ئۆگىتىش ، يۇقتۇرۇش بىلەن بىرگە پەرزەنتىمىز ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلەرگىمۇ توغرا قارىيالايدىغان بولىشىمىز ھەم شۇ ئارقىلىقمۇ پەرزەنت تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىمىز، ھەرگىزمۇ زىددىيەتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزگە تۈگىمەس باش قېتىنچىلىقى تېپىۋالماسلىقىمىز لازىم.

   ئائىلىدە ئاتا تەربىيەسى سۇس بولسا پەرزەنتلىرى گەدەنكەش بولىدۇ، بالىغا ھەددىدىن ئارتۇق كۈيۈنىشنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھىساپتا ئاتىنىڭ ئۆزىگە سالغان بويۇنتۇرۇق ياكى سىرتمىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈيىنىش بىلەن قاتتىق تەلەپ قويۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ خاسلىقىنى يىتلدۈرۈشكە ئالاھىدە ياردەم بىرىشىمىز لازىم. چۈنكى كېيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن، ئاتا بولغۇچى بۇ ھەقىقەتنى مەڭگۈ ئىسىدە ساقلىشى كېرەك.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90951
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 06:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90951
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 06:40:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2427
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 1197 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 12:30:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىلا ئەمەس، بەلكى ئېيتقان ناخشىلىرىڭىزنىمۇ ياخشى كۆرىمەن. كۆپ يىل بىر ئۇرۇندا بولۇپمۇ بىر ئىشخانىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا سىز ماڭا نىسبەتەن خۇددىي ئۆز ھەدەمدەكلا بولۇپ قالدىڭىز.
مەرھۇم دادىڭىزنىڭ ئەينى چاغدىكى ماڭا مېھرىبانلىق قاراپ تۇرۇپ :«ياخشى ئوقۇ،ئۆمۈدۋار كىشىلەر ھەرگىز نائۆمۈد قالمايدۇ»دېگەن شۇ بىر ئېغىزسۆزى ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ. ئەپسۇس ، رەھمەتلىك بىزدىن تولىمۇ ۋاقىتسىز ئايرىلدى. ھاياتلىقتا نۇرغۇن ئىشلارغا ئىنسان ئامال قىلالمايدىكەن. يەنە بىر قىتىم ئەپسۇس ،ئىنساننىڭ ھەقىقىي پۇشايمىنى ئەنە شۇ قەدىرلىگۈدەك يىقىنلىرىدىن ،قىممەتلىك نەرسىلىرىدىن  ئايرىلغاندىن كىيىن ئاندىن باشلىنىدىكەن.

ھايات
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش