ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە،2013-يىلىدىن باشلاپ كارىۋاتلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆپەيتىلمەيدىكەن، ھازىر قاتناۋاتقان كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنىڭ بىراق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېرىم ياتقىلى بولىدىغان يۇمشاق ئورۇندۇق ئاپتوبۇسلار سەپلىنىپ، كارىۋاتلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرى يولۇچى تىرانسپورت بازىرىدىن تەدرىجىي چېكىندۈرۈلىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا 32 مىڭ 520 يولۇچىلار ئاپتومۇبۇسى بولۇپ، بۇنىڭ 1500 دىن كۆپرەكى ئۈزۈن يولغا قاتنايدىغان كارىۋاتلىق ئاپتوبۇس ئىكەن. نۆۋەتتە كارىۋاتلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش توختىتىلغان. ئاپتونوم رايونىمىزدا كارىۋاتلىق ئاپتونۇسلارنى بازادردىن چېكىندۈرۈشكە ئۈچ-تۆت يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.
مەنبە: خەۋەر تورى
مەن يېقىندا كارىۋاتلىق ئاپتوبۇستا ئاتۇشقا باردىم. سەپەردە ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. __ بۇرۇن ئۈچتاش قاتناش بېكىتىگە كەلسەك، بېلەت كۆزنىكىدىن بىر تۇتاش بېلەت سېتىلاتتى. بېلەتتىكى ۋاقىت، نۆۋەتچى قېتىمى بويىچە ئادەم ئېلىپ ماڭاتتى. ھازىر بولسا بېكەتكە كېلىپ شوپۇر بىلەن سۆزلىشىپلا بېلەت ئېلىپ سەپەرگە چىقىدىكەنمىز. بۇ قانداق ئىش؟ __ ئۇكا، بۇرۇن ئاپتوبۇس قاتناش بېكىتى ھازىرقى پويىز بېكەتلىرىگە ئوخشاش، ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدا ئىدى. يولۇچىلارمۇ بىر تۇتاش بېلەت ئېلىپ سەپەرگە ماڭاتتى. ھازىر ئۇزۇن يوللۇق كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنى ھۆددىگە بېرىدىغان تۈزۈم چىقتى. بۇنىڭغىمۇ خېلى يىللار بولدى. بىز قەشقەرنىڭ مۇشۇ يولىنى پالان پۇلغا ھۆددىگە ئالىمىز. ئاندىن يولۇچى توشۇپ شۇ پۇلنى تېپىپ جان باقىدىغان گەپ. __ ھە... ئۇنداقتا بايرام، تەتىل ۋاقىتلىرىدا تازا پۇل تاپىدىكەنسىلەر- دە؟ __ ھەئە، بايرام، تەتىل ۋاقىتلىرى ئالتۇن ۋاقىت. يولۇچىلار تازا كۆپىيىدىغان بىر چاغ. بۇ ۋاقىتتا بېلەت باھاسىمۇ ئۆسۈپ كېتىدۇ. ئەمما باشقا ۋاقىتلاردا، 4-،5-،11- ئايلاردا، تاپاۋەت ئازىيىپ كېتىدۇ. ئىككى شەھەر ئارىسىدا ئاپتوبۇس قۇرۇق- قۇرۇق ماڭىدىغان گەپ. ئەمما ماڭماي ئامال يوق. قۇرۇق مېڭىپ كەتكەندىن كۆرە، 150-160 كوي بەرسىمۇ ئېلىپ مېڭىۋېرىمىز.. شۇنىڭ بىلەن بايرام-تەتىللەردە 300-400 دىن بېلەت سېتىپ ئۇنىڭدىكى زىياننى تولدۇرىدىغان گەپ، ئۇكا. __ ۋاھ... 300-400 دىن بېلەت سېتىپ تازا تاپىدىكەنسىلەر- دە پۇلنى؟ __ نەدىكىنى دەيسىز ئۇكا. ھازىر ئۇزۇن يوللۇق كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنىڭ بازىرى ئۆكسۈپ قالدى. ھازىر پۈتۈن ئادەم راھەت، بىخەتەر، پاكىز، بېلەت باھاسى مۇۋاپىق دەپ، پويىزغا ئۆگىنىۋالدى. پويىز ھازىر يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاپتوبۇسنىڭ بازىرىنى تارتىپ كەتتى. جىددى ئىش بىلەن ماڭىدىغانلار ۋە پويىز بېلەتنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قاچىدىغانلار ئاپتوبۇسقا چىقىدۇ. ئەمما ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ خىزمەتچىلەرگىچە پويىزغا كۆنۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر پويىز بېلىتىنى توردىن، تېلېفوندىن ئېلىش ئىنتايىن قولايلىق. بېلەت ئېلىش تەس ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ تىجارىتىمىزنى پويىز تىرانسىپورتى ئىگىلەپ كەتتى. __ ھە... سىلەرگىمۇ تەس بوپتۇ دە؟ __ شۇنى دەڭە ئۇكام. __ ئاپتوبۇسقا سىرتتىن قارىسا شۇنداق ھەشەمەتلىك، ئەمما شۇنداقلا چىقسا مەينەت يوتقان-كۆرپىلەرنى كۆرۈپ، ئادەم سەسكىنىپ كېتىدىكەن. بۇرۇنلاردا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلارنىڭ يوتقان-كۆرپىلىرىنى ھەر قېتىملىقتا بىر ئالماشتۇراتتى. __ يوتقان- كۆرپىلەرنى نەدە سۆرەشتۈرۇپ يۈرىمىز ئۇكا، ئامال يوق. ھەر قېتىملىقتا بىر يۇيۇپ ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك، خىراجەت كېرەك. ئەمما بۇنىڭغا شارائىت يوق. زىيانغا باشچىلاپ چۈشىدىغان گەپ. __ ھازىر يوللار ياخشى. ئاتۇش- قەشقەرلەرگە بۇرۇنقىدەك ئىككى كۈندۈز بىر كېچىدە بارىدىغان ئىش يوق. ھازىر بىر سوتكىدا ئاپىرامسىلەر؟ __ ھازىر تېخىمۇ ياخشى. كۆپ ھاللاردا بىر سوتكىمۇ كەتمەيدۇ. 17-18 سائەتتىلا ئاپىرىۋېتىمىز. شۇ تاماققا، تەرەتكە توختاپلا ۋاقىت جىق ئۆتۈپ كېتىدۇ. __ ۋاھ، ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشىكەن. ھازىر كىشىلەر پويىزدا 20-30 سائەت ئولتۇرۇپ سەپەرگە مېڭىۋېرىدۇ. يول ياخشى بولغاندىكىن جەنۇبىي شىنجاڭلارغىمۇ ئورۇندۇقلۇق ئاپتوبۇس سەپلىسە بولغۇدەكقۇ؟ __ توغرا، ھازىر ئۇزۇن يوللۇق كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنىڭ تازا دېگۈدەك بازىرى قالمىدى. يوللار ياخشى بولغاندىكىن، شۇنداق ئورۇندۇقلۇق ئاپتوبۇس سەپلىسىمۇ بولاتتى. __ ھە... كېيىنچە ئۇمۇ بولۇپ قالار. __... ... ... ... ... __... ... ... ...
ئويلاپ كەتتىم: ھازىر پۈتۈن ئادەم راھەت، پاكىز، بىخەتەر دەپ پويىزغا يۈزلىنىپ كەتتى. ئۇزۇن يوللۇق كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنىڭ بازىرى كاساتلاشتى. ھازىر يوللار ياخشى بولغاندىكىن بىر ھېسابتا ئۇزۇن يولغا ئورۇندۇقلۇق ئاپتوبۇس سەپلىسىمۇ بولغۇدەك. خەقلەر پويىزنىڭ ئورۇندۇقلۇق بېلىتىنى ئېلىپمۇ 20-30 سائەت ئولتۇرۇپ، ئادەمزاتسىز چۆللەرنى، تاغلارنى بېسىپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئورۇندۇقلۇق ئاپتوبۇستا ئانچە- مۇنچە ئۇ يەر- بۇ يەرنى كۆرگەچ مەنزىلگە تېز بارسا ياخشى ئەمەسمۇ؟...
(2- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى كۈندىلىك خاتىرەمدىن) ئاپتور: ئېھرام
|