(نازىگۈل)
ئۇلۇغ ئاللاھ ياراتتى بىزنى،
يارىلىشىڭ ئادەم مەندىن دەپ.
ياراتتىغۇ ئەقىلنى بىرگە،
ئىشلەتكىن ھەم قىپتۇر سەۋەپ دەپ.
ياراتتى ھەم نەچچە مىڭ مىللەت،
ئاللاھ ھۆكمى مىللەتنى بىرگە.
تونۇمىساڭ مىللىتىڭ ئۆزۈڭ،
قارشىمۇسەن ئاللاھ ھۆكمىگە.
ئۇيغۇرلىقىڭ ئۇنۇتما دىسەم،
چالا موللا قوپتى دىنسىز دەپ.
بادام دوپپا مىللى خاسلىققۇ،
ئۇيغۇر دىسەم ئۆڭدىڭلار ھەجەپ!
ئەرلەر كەيسە بادام دوپپىنى،
يارىشاتتى ئۇيغۇرلۇق ئۇرغۇپ.
كاللا دىسەم پاقالچەك دەپلا،
بۈۋىم قوپتى ھىجاپتىن چۈشۈپ.
توۋا دەپلا ياقامنى تۇتتۇم،
چالا بۈۋىم چالا موللىغا.
ھىجاپلىنىڭ، توسۇش ھەددىممۇ،
ئەركىن تاللاڭ، ياغلىق دوپپىلا.
مىللەت سۆيسەم دىنسىز چىقارساڭ،
نەدىن تاپتىڭ بۇنداق پەتىۋا.
سەۋەپ قىلماي تىلەپ ياتامدۇق،
تىرىشقاننى كۆرەلمەمدۇق-يا؟!!!
قېرىندىشىڭ چىقىرىپ كاپىر،
بولماقچىسەن قانداق مۇسۇلمان.
چىن مۇسۇلمان بېرەمتى ئازار،
قېرىنداشقا ھەم توقۇپ يالغان؟!!!
ئىسلام دىنى ئەڭ ئۇلۇغ دىندۇر،
بۇرمىلىما تەتۈرگە سۆرەپ.
ئۇ ئېتىقاد، ئەمەستۇر پەداز،
بولما ۋەزخان كالىدەك مۆرەپ!
دىنىم ئىسلام! مىللىتىم ئۇيغۇر!
دەيمىز دىلدىن مىللەت سۆيگەنلەر!
مىللەت سۆيگەن دىنسىزلىق ئەمەس،
ئاچقىن كۆزۈڭ تەتۈر يۈرگەنلەر!!!
ئۇيغۇرۇمدۇر ئەجدات ۋارىسى!
ئىسمى ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئۇيۇلتاش!!!
يوقالمىسۇن ئۆزلۈك غورۇرلار!
ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر قېرىنداش!!!
جىسمىم ئۇيغۇر! روھىم ئېتىقاد!
ئاتىلارمەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان!
بىلىم قورال، كۈتمەكتە تاڭلار!
پەخرىم مېنىڭ ئۇيغۇر ھەر زامان!!!