!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 10:48 AM
پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ تالاش - تارتىش باشلىنىپ كىتەرمۇ ...
شۇڭا ئەۋلاد ، نەسەپ سۈرۈشتە قىلىش ئۇنچە مۇھىم دەپ قارىمايمەن ، غازىكام ئۆزىنى راستىنلا ‹ مەن پەيغەمبەر ئەۋلادى › دەپ تونۇشتۇرغان بولسا ئۇنداقتا مەقسىدى نىمىدۇ ؟
ئۆزىنى ‹ يىلتىزىم مۇنداقراق يەرگە تۇتىشىدۇ › دىمەكچىمىدۇ ياكى ‹ ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن چوقۇم ئىخلاسمەن مۇسۇلمان › دەپ قارىشىنى ئۈمۈد قىلامدىغاندۇ ؟
تىلۋىزىيە زىيارىتىدە ، ئاتا ئەۋلادىڭىز ئىسلامدىن خەۋەردار ، ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەركەن ...دەپ سورالغان چاغدا ، ‹ رەسىم سىزىشىنى خۇدا ئۆزى دىلىمغا سالغان › ...دىگەن گەپنى كەسكىن ھالدا دىگەن ئىدى .
ھازىر ماۋۇ ‹ پەيغەمبەر ئەۋلادى › لىقىنى بىلگەندىن كىيىن ئۇ گەپنى نىمىشقا كەسكىن قىلالىغانلىقىنى چۈشەندىم .
غازىكامنىڭ ئۆمرى زىيادە ، دۈشمەنلىرى پىيادە بولغاي ! ...
دىيارىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىشىلىرى ئۈچۈن بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تۆھپە كۆرسەتكەي ، غازىكامنىڭ خۇش چاق چاقلىقى ۋە كەمتەرلىكى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدۇ .