تۈركىيەنىڭ سابىق باش مىنىستېرى مەرھۇم نەجمىددىن ئەرباكاننىڭ تۈركىيە پارلامىنىتىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدىن ئارىيە.
ئەرباكاننىڭ ۋاپاتى:
مەرھۇم نەجمىدىن ئەرباكاننىڭ (2011-يىل 1-مارت ) ئوقۇلغان جىنازا نامىزىغا تەخمىنەن 1.5 مىليون كىشىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى، ئەمما كەلگەن بەزى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، نامازغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
85 يېشىدا ۋاپات بولغان سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مەرھۇم نەجمىددىن ئەرباكاننىڭ، ئىستانبۇلدىكى فاتىھ جامئىسىدە پىشىن نامىزىدىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن جىنازا نامىزىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھگۈل، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، دۆلەت مىنسىتىرى بۈلەنت ئارىنچ قاتارلىق كۆپ ساندا مىىنىستىرلار، پارلامېنىت ئەزالىرى ۋە سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى بولۇپ تۈركىيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى، گېنىراللار ۋە 60 دىن كۆپ دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى. شۇنداقلا جىنازا نامىزى مۇراسىمى سەۋەبىدىن فاتىھ رايونىنىڭ چوڭ يوللىرىدا قاتناش ۋاستىلىرى تامامەن توختىتىلدى.
نەجمىدىن ئەرباكاننىڭ جىنازىسى ئەنقەرەدىن ئايرۇپىلان بىلەن ئەتتىگەن سائەت 9:00 دا ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرۇدرومىغا كەلتۈرۈلدى ۋە ئۇ يەردىن ئاپتۇبۇس بىلەن فاتىھ جامئىسىگە كەلتۈرۈلۇپ پىشىن نامىزىدىن كېيىن جىنازا نامىزى چۈشۈرۈلدى.
مەرھۇم نەجمىددىن ئەرباكان پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم شەخس ئىدى …. ئۇ پۈتۈن ھاياتىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھارماي تالماي كۈرەش قىلدى…. ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرسۇن ۋە ياخشىلىقلارغا ئالماشتۇرۇپ بەرسۇن …
ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن!. ئامىين
مەنبە:توردىن ساقلىۋالغىنىم
http://v.youku.com/v_show/id_XNTA3MTIxNzE2.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-12 12:55 PM