quwax يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 04:20 PM
ئۇيغۇرلارچۇ؟ ئالما ئاتا شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇس ...
مۇنداق چۇشەنسىڭىز خاتا بولۇپ قالىدۇ،قازاقستان پايتاختىنى'' ئالماتىدا ئۇيغۇرلار جىق؛؛دەپ كۇچۇرۇپ كەتمىدى، قازاقستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى 240مىڭ ئادەم بولۇپ، ئاساسەن، ئالماتى ئوبلاستىنىڭ جاركەنت،شونجى،چىلەك،ئۇزۇنئاغاچ ناھىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ، ئالماتى شەھرىدە بىر قىسىمىلا ياشايدۇ، ئالماتى شەھرى بىلەن ئالماتى ئوبلاستى ئىككى مەمۇرى رايون، ئالماتى شەھرى بىۋاستە قاراشلىق شەھەر، ئالماتى ئوبلاستى بولسا ، قازاقستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئوبلاست بولۇپ، مەركىزى -تالدىقورغان شەھرى.يۇقۇرقىدەك ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاركەنت،شونجى ،چىلەك، ئەمگەكچى قازاق ناھىلىرى بولسا ،مۇشۇ تالدىقورغاننى مەركەز قىلغان ئالماتى ئوبلاستىغا قاراشلىق. قازاقستاننىڭ پايتاختىنى شىمالغا كۇچۇرۇشى باشقا ئىش، نەزەربايىۆ پايتاخنى شىمالغا كۇچۇرۇش ئارقىلىق، رۇسلار ئاساسلىق ساننى تۇتىدىغان شىمالى ئوبلاستلاردىكى رۇسلارنىڭ ،فىدىراتسىيە تەلەپ قىلىپ، قازاقستاننى پارچىلاش قەرەزىگە قارشى قازاقستاننىڭ كەلگۇسىدىكى بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان ئىستىراتىگىيىلىك قارارى.