ساڭا سۆزۈم
زۇلەيخا
دىل توغرىلىقىغا شۇنچە يامىشىپ،مىھىر باغلىرىنى سۇغارغىنىم-ھەتتا سەن ئۈچۈن .
كۆزلىرىمنىڭ نۇرلىرىنىڭ شۇنچە يارقىنلىقى ھەم سېنىڭ
تەبەسسۇم بىلەن بەرگەن مۇھاببىتىڭ ئۈچۈن .
ئەركە قەلبىمنىڭ باھارى سەن.
سېنىڭ بورانلىرىڭ مېنى قېتىملاپ ئۇچۇرغان بولسىمۇ،سېنىڭ
مۇھاببىتىڭگە مەھكەم ئېسىلغان قوللىرىم ئاجرىماسلىققا قەلبىمدىن ۋەدە ئالغان ئىدى.
ۋەدىلىرىم،قەسەملىرىم،ساڭا بولغان ئامراقلىقلىرىم ئاللاھ - دەپ بەرگەن چىنلىق بولغىنى ئۈچۈن،كېچەلمەيمەن ھەم كەچمەسلىك ئۈچۈن ۋۇجۇدۇمغا ھەسسىلەپ سەۋىرلىرىمنى ئاسىمەن .
قولۇڭدا مېنىڭ ھەم سېنىڭ سەۋىرلىرىڭ بار ئەزىزىم.
مەيىن شامال كەبى مىھرىڭنى ھەم دىللىرىڭنى خۇشلۇق بابىدا ئەللەيلىگۈم بار .
قەلبىم تىترىگەن دەملىرىمدىكى سېنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىڭ ھەم
دىلىمدىكى مېنى قايىل قىلغان تەمكىنىڭ ھەم غورۇرۇڭ
كۆزلىرىمدىن نادامەت ياشلىرىنى توسۇۋالدى.
ئەزىزىم،قەلبىمنىڭ باھارى:سەندىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى،
غەملىرىڭگە ئاللاھ يار بولسۇن...
ئىشلىرىڭغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن.
ئۆزۈڭنى ئازادە تۇتقىن.
مېنىڭ مېھىر باغلىرىم سېنىڭ قەلبىڭنىڭ باھارى ئۈچۈن يەتسىكەن دەيمەن .
كۆزلىرىڭگە قاراپ تۇرۇپ،مېھىر باغلىرىڭغا ئېسىلغۇم كەلدى.....
مەن ئەقىدە گۈللىرىمنى سېنىڭ ۋاپا بېغىڭغا تېرىدىم.
خاتىرجەملىكنى ئاللاھتىن ساڭا تىلەيمەن.
قەلبىم سېنىڭ مىھرىڭدە تاۋلانغان.
خاتىرجەم ھايات يوللىرىڭنى باس.
ئەركىڭنى ئوڭ قولۇڭدا تۇتقان يىگىتلىكىڭگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن...
ئاسمانغا قاراپ تۇرۇپ شۇنى ئەسلىدىم...
ئۇف...،قەلب....
ھىدلىرىڭنى سېغىندىم...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-12 12:58 PM