دۇبەينىڭ ئېتىھاد ئايردىرومى ھەقىقەتەن گۈزەل ھەم چوڭ ، ئاغزىمنى ئېچىپلا قالغانتىم . پارىژنىڭ شاغلې دېگول ئايردىرومى بەكلا كونا ........ بىرىنجى قېتىم بارغاندا بىرخىل كۆڭلۈم يېرىم بوپ قالغان ...
پارىژنىڭ مېتروسى بولسا قاراتەنلىك ياشلارنىڭ پۈركۈمە سىر بىلەن سىزىۋەتكەن تام رەسىملىرى بىلەن لىق . 1-لىنىيە يېڭى ، 5- لىنىيە كونا ، ئۇنىڭغا چىقىپ ، 93- رايۇنىغا ئاز قالغاندا ئەقلىيفون ، ئايپودلارنىڭ سومكىنىڭ تېگىگە سېلىپ خەققە قارىماسلىق كېرەك . بولمىسا بۇلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى . يوغان بىر قاپقارا كىشى تېلفۇنىڭىزنى ئۆزىنىڭكىدەكلا ئېلىۋېلىپ ئويۇنىڭىزنى بەھۇزۇر ئوينىغاندا ‹‹ ئىھ ! ›› مۇ قىلالمايسىز .
ئاشۇ ياشلارنىڭ پۈركۈمە بوياق ئالىدىغانغا پۇلى بار ، شۇنداق تۇرۇپ ‹‹ ئىككى ياۋرو بېرىڭە ، ساندىۋىچ يەي ›› دېيىشى بار ...
بۇرۇن يانچۇقچىلىق قىلىپ تونۇلۇپ قالغان رومىنىيەلىك سىگان قىزلار مېتروغا چىققاندا ، << سومكاڭلارغا دېققەت قىلىڭلار >> دېگەن ئاپتوماتىك ئاۋاز يانپونچىدىن تارتىپ نەچچە خىل تىلدا سۆزلەيدۇ ، بىراق خەنزۇچە يوق .
ئەمىلىيەتتە ھەممىدىن بەك بۇلۇنۇپ كېتىدىغانلار خەنزۇلار ، شەرىقى ئاسىيالىقلار .
بۇنى نېمىدەپ چۈشۈنۈشنى بىلمىدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-13 05:12 PM