yexilkargay يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 06:58 PM
مەنمۇ سىز بىلەن ئوخشاش قاراشتا .ئۇلار بەرىبىر ئۇيغۇر ...
مۇشۇ ئىككىڭلارغا توۋا دىمىسە بىكار ، بۇ تىمىدا باشقا بىر خەقنى يازماپتۇ ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى يېزىپتۇ ، ئۇلار چەتئەللىكلەر ئەمەس بەلكى قېرىنداشلىرىمىز ، ئۇلار قازاقىستانغا باشقا يەردىن كىلىپ قالمىغان ، دەل مۇشۇ يۇرتىمىز شىنجاڭدىن چىقىپ كەتكەنلەر . قەلبىڭلاردا ئازراق مېھىر - مۇھەببەت بولسىتى بۇنداق دىمەيتىڭلار . يۇرتىمىزدىمۇ ئۆز ئانا يېزىقىنى بىلمەيدىغانلار تولۇپ تۇرۇپتۇ (بەلكىم سىزنىڭ ئۇرۇق -تۇققانلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدىمۇ باردۇ ) شۇنداق دەپلا ئۇلار بىلەن كارىڭىز بولمامدا. بۇ دىگەن قازاقىستاندىكى قازاقلار بىلەن شىنجاڭدىكى قازاقلارنىڭ يېزىقى ئوخشىمىغاندەكلا بىر ئىش . قېرىنداشلار دىگەن ھامان قېرىنداش ، قېرىنداش بولغان ئىكەن بىر بىرسىگە كۆڭۈل بۆلۈش بولىدۇ .
ئۇلۇغ ئاللاھ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ، دۆلەتلىرىنى زىيادە قىلسۇن .