جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 14 – مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى «ئىلىم پەن» ژورنىلىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئارخېلوگلىرى كېنىيەنىڭ ماندا ئارىلىدا، قەدىمىي ئاسارە ئەتىقىلەرنى قېزىش جەريانىدا، قەدىمقى جۇڭگودا تارقىلىپ يۈرگەن بىر تال تەڭگە پۇلنى بايقىغان. بۇ تەڭگە 600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، 600 نەچچە يىل بۇرۇنلا جۇڭگونىڭ شەرقى ئافرىقا رايونلىرى بىلەن سودا ئالاقىسى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن.
بۇ ماقالىدە كىرىشتۈرۈپ تارقىتىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەڭگىدە «يۇڭلې تۇڭباۋ» دىگەن تۆت تال خەت ھېلىھەم ئوچۇق كۆرۈنۈدىكەن. يۇڭلې توڭباۋ يۇڭلېنىڭ ئالتىنچى يىلى (1408 – يىل) ئوبوروت قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، تاشقى سودا ۋە ئىنئام بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، جېڭخې غەرب ئەللىرىگە بارغاندا بۇ تەڭگىدىن نۇرغۇن ئالغاچ بارغان ئىكەن.
«ئىلىم پەن» ژورنىلىدا مۇنداق خەۋەر قىلىندى، ئېلىروي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئارخېلوگ سلون ۋىليامس ۋە فيېلد مۇزېيىدىن كەلگەن تەتقىقاتچى كۇسىمبا كېنىيەنىڭ ماندا ئارىلىدا بۇ قەدىمىي تەڭگىنى بايقىغان. باھالاش ئارقىلىق، بۇ قەدىمىي تەڭگىنىڭ مىس ۋە كۈمۈش ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن قۇيۇلغانلىقى، ئوتتۇرىدا بىر تۆت چاسا تۆشۈكچە بارلىقى، ئازراق ئۇپراپ كەتكەنلىكى دەلىللەندى. بۇ تەڭگە پۇل مىلادىيە 1403 – 1425 – يىل ئارىلىقىدا ياسالغان بولۇپ، ھازىر 600 يىللىق تارىخقا ئىگە .
كۇسىمبا مۇنداق دىدى: «بۇ قەدىمىي تەڭگىنىڭ بايقىلىشى جۇڭگونىڭ سودا كېمىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ». ئۇ مۇنداق دىدى: «بۇ بايقاش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، جېڭخېنىڭ غەرب ئەللىرىگە بېرىش سەپىرىدە شەرىقى ئافرىقىدىن ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ». ئۇ تولۇقلاپ مۇنداق دىدى، بۇ تەتقىقات يەنە بىر قىزىقارلىق مۇنازىرىنى پەيدا قىلدى: 600 يىل بۇرۇنقى جۇڭگو بىلەن ھىندى ئوكيان ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا زادى قانداق مۇناسىۋەت بار بولغىيتتى

نۇر تورى تەرجىمىسى
قىزىقارلىق ئۇيۇنلار داۋاملىق قۇيۇلۇپ تۇرىدىغان ئوخشايدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arki تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-15 12:54 PM