ئانا بار جايدا
مۇھەممەدجان راشىدىن
ئانا باغرىدەك ئىللىق جاي قايدا،
ئانا چېيىدەك، تاتلىق چاي قايدا؟
قىسمەتلەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ،
يېتىم ئەمەس بىز ئانا بار جايدا.
ئانا ئەجرىدەك ئەجرى بار كىمنىڭ؟
ئانا دەردىدەك دەردى بار كىمنىڭ؟
بىكۆيۇم بالا يىغلىتار ئۇنى،
ئانا سەۋرىدەك سەۋرى بار كىمنىڭ؟
قوشۇپ كەلدۇق بىز <ئانا ماكان > دەپ،
دىيارىمىزغا < ئانا > سۆزىنى.
<ئانا تىل >دىمۇ ،ئانا سۆزى بار،
ئانا ماختىماس ئەمما ئۆزىنى.
قىسمەت شامىلى گۇرۇلدەپ تۇرغان،
ئانا گويا تاغ،ئانا كەڭ دالا.
قاچان بولارمىز ئانىلار ئۇچۇن،
ئەلنىڭ ئاغزىدا كۆيۈمچان بالا ؟!