مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kadam1

ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدىنىيتىگە تەسىر كورسەتكەن شەخىسلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90005
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 10:03:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Uyghur-Bilig يوللىغان ۋاقتى  2013-3-22 07:22 AM
دوسلۇرۇم!  بۇنچىلىك شەخىسلەرنى مۇشۇ يەرگە بىېسىپ چىىقى ...

تېمامنى توغرا چۇشۇنۇپ ئوقۇپ، ياخشى باھا بەرگىنىڭىزگە تەشەككۇر.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93797
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 12:41:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 518
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 655
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 526 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 01:24:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەقەت شۇ زاتلارنىڭ ياشىغان يىللىرنىڭ تىزلىش تەرتپىلا ئىگىز-پەسكەنغۇ ،جاھاندا %100

ئىش يوق. تېما ئگىسى؛بارىكاللا،ھەر بىر ئۇيغۇر ساقلاپ قويغىدەك تارىخى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ،

دۇنيادا ئۇيغۇر تىىلىنى بىلىدىغان ئادەمدىن پەقەت بىرسىلا قالسىمۇ ئۇئادەم دەل مىنىڭ ئوغلۇمدۇر.
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93797
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-31 02:46:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

پاكىز قەلبتىن پا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33767
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23105
تۆھپە نۇمۇرى: 2917
توردا: 4060 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 08:47:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما پەقەت ماس كەلمەپتۇ. قايسى شەخسنىڭ،قايسى جەھەتتە، قانداق تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئېنىق يېزىلماپتۇ . ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەرنىڭ بىرىنچىسىگە مەن سۇتۇق بۇغراخاننى،ئىككىنچىسىگە ئاپاق خوجىنى،كېينىنكىلىرىگە ئاماننىساخان،ئابدۇقادىر داموللام،ئاكا-ئۇكا باۋدۇنباي،ھۈسەنبايلارنى،ئابدۇللا روزىباقىيوۋ،مەمتىلى ئەپەندى،زۇزۇڭتاڭ،ياقۇپبەگ،ياڭ زىڭشىڭ،شىڭ شېسەي.....لەرنى تىزىمەن.

مەھمۇت قەشقەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىلىرىمىزغا كەلسەك «تۈركى تىللار دىۋانى»،
«قۇتادغۇبىلىك»نى تۈگىتىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانى بۇرۇن قانچىلىك،بۇنى ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ،ھازىرچۇ،مۇشۇ ئۇلۇغ كىتابلارنى تۈگىتىپ ئوقۇغان تورداشلار ئىسمىڭلىنى بىر قالدۇرۇپ قويۇڭلار قېنى!


               ئۇيغۇر تارىخدىكى ئون مەشھۇر شەخس
ئامېركىلىك ئالىم مېخائىل خارت ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بۇيىچە رەتكە تىزىلغان‹‹100مەشھۇر شەخس››دېگەن كىتابىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئېتىقادىغا،پەن-مەدەنىيىتىگە،سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا بۈگۈنگە قەدەر تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان يۈز مەشھۇر شەخسنى تەرتىپكە تىزىپ چىققان.
تارىخىي تەرەققىياتنى قىسمەن ئادەملەرنىڭ پائالىيىتى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمەس،ئەمما ئايرىم شەخسلەرنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكىمۇ بولمايدۇ.مەنمۇ مېخائىل خارتنىڭ رەتكە تىزىش پىرىنسىپى بۇيىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا،پەن-مەدەنىيىتىگە، سىياسىي،ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئۇزۇن بولغان ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تەسىرى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تارىخمىزدىكى ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇرلاشقان دەپ قارالغان تارىختا ھەقىقىي ئۆتكەن 10مەشھۇر رىئال شەخسنى ئۆزەمنىڭ بىلىشىمچە رەتكە تىزىپ چىقتىم.
تورداشلارنىڭمۇ ئۆز كۆز قارىشى بۇيىچە ئۇيغۇر تارىخىدىكى 10مەشھۇر كىشىنىڭ رەت تەرتىپى بۇيىچە بىر  تىزىملىك(ئىسىملىك)تۈزۈپ چىقىشىنى تەكلىپ قىلىمەن.
1.سۇتۇق بۇغراخان
ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان(901-956) ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر،دىننىي ئالىم،سىياسىيۇن،تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە.سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان بولۇپ،ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى،جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان.سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار ئۇيغۇر خاندانلىقنىڭ خاقانى بۇلغاندىن باشلاپ،قاراخانلىيلار ئۇيغۇر خاندانلىقى تارىخىدا مەدەنىيەت گۇللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان.بۇ دەۋېردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك،مەدەنىيەتلىك باي بىر دۇلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان .
ئۇنى 1-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب سۇتۇق بۇغراخاننىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى،مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى مىڭ يىلدىن بېرى داۋاملاشماقتا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.
2.ئاپاق خوجا
ئاپاق خوجا(1626-1693) نىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا خوجا بولۇپ،قۇمۇلدا نەمەنگاندىن يۇرتۇمىزغا كېلىپ يەرلىكلەشكەن ۋە ئۇيغۇرلاشقان تاجىك دىنىي روھاننىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان جاھالەتنىڭ پىر-ئۇستازى.
ئۇنى2-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا،پەن- مەدەنىيىتىگە،سىياسىي،ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرى بەش يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە.ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا،سەئىدىيە ئۇيغۇر  خانلىقىنىڭ تارىخى سەل باشقىچە بولغان بولاتتى.ئۇ بولمىغان بولسا،ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتى چوقۇم دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان بولاتتى.ئۇ بولمىغان بولسا،ئۇيغۇرلار بۈگۈن جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالمىغان بولاتتى.ئۇ بولمىغان بولسا،ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي،ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىمۇ چوقۇم باشقىچە بولغان بولاتتى.ئۇ بولمىغان بولسا ........
3.خانىش ئامانىساخان
خانىش ئامانىساخان(1534-1567) ئاتاقلىق مۇقامشۇناس،سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇرشېتخاننىڭ خانىشى.ئۇ ئوردىدا 12مۇقامنى رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇش ئىشلېرىغا باش بولغان.ئۇيۈۇر 12 مۇقامنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە بۈگۈنگە ساقلىنىپ قېلىشىنى  ئامانىساخاننىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
ئۇنى3-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇ قېلىپلاشتۇرغان ۋە رەتلىگەن 12 مۇقام ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى(كۆڭۈل ئېچىش)پائالىيەتلىرىدە500يىلدىن بېرى ئۆزۈنىڭ رولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ھەم بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.
4.بىلگە كۆل قادىرخان
بىلگە كۆل قادىرخان تارىختا 300 يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋاملىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ئۇيغۇنۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن؛فارابى،مەھمۇت قەشقەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئۇلۇغ ئالىملارنى يىتىشتۈرگەن قۇدرەتلىك،مەدەنىيەتلىك باي دۇلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان قاراخانىيلار ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغۇچى.
ئۇ مىلادى880-يىلى بالاساغۇن شەھىرىدىكى قارلۇق خانلىقىنىڭ ئەمەلىي ھوقوقىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن،چوڭ ئوغلى(سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دادىسى)بازىر تېكىنگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي شەرەپ نامى بولغان‹‹ئارسلانخان››دېگەن نامنى بېرىپ،بالاساغۇن شەھرىنى باشقۇرۇش ھوقوقىنى تاپشۇرغان.كىچىك ئوغلى ئوغۇلچاق تېكىنگە پەقەت ياغما ئورۇقىنىڭلا ئومۇمىي شەرەپ نامى بولغان‹‹بۇغراخان››دېگەن نامنى بېرىپ،تالاس شەھرىنى باشقۇرۇش ھوقوىنى تاپشۇرغان ۋە ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بولغان.
ئۇنى 4-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى ئەڭ كەم بولغاندىمۇ 300يىلغا يېقىنلىشىدۇ.
5.سۇلتان سەئىدخان
سۇلتان سەئىدخان(1490-1533)شەرىقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى ئەھمەتخاننىڭ 3-ئوغلى بولۇپ تۇرپاندا تۇغۇلغان.1514-يىلى يېڭىسىار،قەشقەر ۋە يەكەننى ئېلىپ ئابابەكىرىنى يوقۇتۇپ،9 -ئاينىڭ 3-كۈنى دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن تارىختا 168يىل داۋاملاشقان يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان ۋە ئۈزلۈكسىز جەڭ قىلىپ زېمىننى كېڭەيتكەن.
ئۇنى5-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي،ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا ۋە مەدەنىيىتىگە 160يىلغا  يېقىن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مىڭ جەريانىدىكى كەنجى گۈللىنىش دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس ھازىرلىغان.
6. ئابدۇللا روزىباقىيېف
ئابدۇللا روزىباقىيېف(1897-1938)20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇر سىياسىون ۋە جامائەت ئەربابى،سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ داھىسى.
ئۇ 1921-يىلى6- ئاينىڭ 21 - كۈنى تاشكەنتتە ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بۇ نامنى تارانچى،قەشقەرلىك، ئالتە شەھەرلىك،خوتەنلىك دېگەندەك ناملارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئشلىگەن.
ئۇنى 6-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن (گەرچە20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چارروسىيە ۋە سوۋىت روسىيسىنىڭ  تۈركلەرنى پەرچىلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىدارە قىلىش ئېھتىياجى بىلەن بولسىمۇ)بەش يۈز يىلغا يېقىن ئۇنتۇلغان ئۇيغۇر نامىنىڭ ئاۋال يەتتە سۇ رايۇنىدا،كېيىن سوۋېتتا ئوقۇغان زىيالىيلار ئارقىلىق رايۇنمىزدا تارقىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا كۆرسەتكەن سەلبىي ياكى ئىجابىي تەسىرى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.
7.بۇقا تېكىن
بۇقا تېكىن(بەزى ماتېرياللاردا بۆگۈ تېكىن دەپمۇ ئېلىنغان)بەش يۈز يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى.ئۇ 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن،غەرىپكە كۆچكەن ئۇيغۇر ۋە باسمىل قەبلىلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىپ،مىلادى 866-يىلى تۇبۇتلارنىڭ ئىلكىدىكى بەشبالىق،رومچە،قۇچۇ شەھەرلىرىنى تارتىۋېلىپ،بۇ جايدا يېڭىبىر ئۇيغۇر خانلىقى-ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرىدى.
ئۇنى7-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇيغۇر نامىنى شۇنچە ئۇزۇن ساقلاپ كەلگەن ھەم تارىختا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن،قەدىمقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغانلىقى ئۈچۈندور.
8.كۆل بىلگەخان
كۆل بىلگەخان ئىچكى توققۇز ئۇيغۇر ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان،تارىختا يۈز يىلچە ھۆكۈم سۈرگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپاچىسى.
ئۇنى8-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ 7-8-ئەسەرلەردە ياشىغان قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە شۇنچە كەڭرى زېمىنلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ يۈز يىلغا يېقىن داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈندور.
9.ئەخمەتجان قاسىمى
ئەخمەتجان قاسىمى(1914-1949)ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئىككىنچە ئەۋلاد رەھبىرى.
ئۇنى9-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ خەلق قان كېچىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئەر-ئوغۇللىرىنى تۈركۈم-تۈركۈم قۇربان بېرىپ،ئىنتايىن باتۇرلۇق ۋە ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان،غەلبە مېۋىسىگە قول يىتەيلا دەپ قالغان،دۈشمەن جەڭدە تامامەن مەغلۇپ بولغاندىلا،پەقەت شۇ چاغدىلا قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئىكەنلىكى تەكرار ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنى بىردىنلا سۆھبەت ئۈستىلىدىن ئىستىمەكچى بولۇپ،دۈشمەن بىلەن ئۇزاققا سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتكە ئولتۇرۇپ ھەم بېتىم تۈزۈپ بۇ ئىنقىلاپنى رېلىستىن چىقىرپ،قىستۇرما كۆيگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى،ئەينى ۋاقىتتىكى  ۋە بۈگۈنكى ئاۋام خەلقنىڭ تىلىكىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقى ئۈچۈندور.
10.خوجىنىياز ھاجى
خوجىنىياز ھاجى(1889-1938)20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بىر قېتىملىق كۆلىمى چوڭ،ۋاقتى ئۇزۇن ۋە غەلبىسى نىسبەتەن زور بولغان قومۇلدىن باشلانغان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى.
ئۇنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشۈمدىكى سەۋەب،خوجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىك قىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭنىڭ نىسبىي غەلبىسى ۋە ھاجىمنىڭ مۇئاۋېن رەئىس بولغان چاغدىكى تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر(ۋاقىتلىق بولسىمۇ) مىللىي مائارىپ،مەدەنىيەت ۋە باشقا ئاقارتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقوقىغا ئېرىشكەن.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋردىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى نۇرغۇن سوۋىت ئىتتىپاقىدا ۋە رايۇنمىزدا ئوقۇپ يىتىشىپ چىققان زىيالىيلىرىمىز ئەمىليەتتە خوجىنىياز ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئارزۇسىنىڭ مەھسۇلى.
مەن خوجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىك قىلغان 30-يىللاردىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ،جۈملىدىن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقى رايۇنلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپ،مەدەنىيەت ۋە ئاقارتىش ئىشلىرىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى40-يىللاردىكى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىك قىلغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىڭ ئىجابىي تەسىرىدىن زور دەپ قارايمەن.
1996-يىل12-ئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kichikoghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-3 08:51 PM  


جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟ ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟ يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ، گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش