ساختا پۇلنى بىلىپ تۇرۇپ ئىشلىتىش قانۇنغا خىلاپ
تۇرمۇشىمىزدا راست خەلق پۇلى بىلەن ساختا خەلق پۇلىنى پەرقلەندۈرەلمەيدىغان ياكى كىچىككىنە بىخەستەلىك تۈپەيلىدىن مۇئەييەن سوممىدىكى ساختا خەلق پۇلىنى ئېلىپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار كۆپىنچە سودا ئىنتايىن بېسىق چاغلاردا، كېچىلىرى سودا - سېتىق قىلغاندا، غۇۋا چىراغ يورۇقىدا ئۇچرايدۇ. ئالدىنىپ ساختا پۇلنى ئېلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى ساختا پۇلنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسىمۇ، يەنە بىر قىسمى بۇنداق قىلماي، مەنمۇ باشقىلارنى ئالدايچۇ، دەپ ئويلايدۇ - دە، ساختا پۇلنى داۋاملىق ئىشلىتىپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە دۆلىتىمىزنىڭ خەلق پۇلىنى باشقۇرۇش تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. دۆلىتىمىزدە خەلق پۇلى دۆلەتنىڭ قانۇنىي پۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ نورمال بولۇش - بولماسلىقى پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2009 - يىلى 9 - ئايدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو خەلق بانكىسى قانۇنى»نىڭ 42 -، 43 - ماددىلىرىدا: »خەلق پۇلىنى ياسىۋېلىپ، ئۆزگەرتىۋېلىپ، ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان خەلق پۇلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلكىدە تۇتۇپ، ئىشلىتىپ ياكى توشۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. مۇشۇ قانۇننىڭ 44 - ماددىسىدا: «خەلق پۇلىنىڭ نۇسخىسىنى تەشۋىقات بۇيۇملىرىدا، نەشر بۇيۇملىرىدا ياكى باشقا تاۋارلاردا قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەرنى جۇڭگو خەلق بانكىسى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە خەلق پۇلىنىڭ قانۇنسىز ئىشلىتىلىش نۇسخىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. يەنە مۇشۇ قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىدە: «يالغان پۇل ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىلكىدە تۇتقان ۋە ئىشلەتكەنلىرىدىن مىقدارى كۆپرەك بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم ھالدا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. مىقدارى ناھايىتى كۆپ بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، مىقدارى پەۋقۇلئاددە كۆپ بولغانلىرىغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ« دەپ بەلگىلەنگەن.
شۇڭا باشقىلارغا ئالدىنىپ ساختا پۇلنى ئېلىپ قالغان كىشىلەر مېنى باشقىلار ئالدىغان ئىكەن، مەنمۇ بۇ پۇل ئارقىلىق باشقىلارنى ئالدايمەن، دەپ قاراپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ چوڭ زىيان تارتىپ قېلىشتىن، ھەتتا جىنايى جازاغا تارتىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
http://www.baxtax.cn/tetqiqat/qanun/6176.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-16 06:11 PM