yarkin135 يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 09:38 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بەك ياخشى يىزىپسىز
مەن مەكتەپتە ...
مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۈردۈم، سىزگە ئوخشاش بىر مەزگىللىك كۆڭۈلسىزلىكنى باشتىن كەچۈردىم. كېيىن ئۆزۈم كەچكىچە قاپاق تۈرۈپ ئولتۇرۇشتىن، كىچىكلا تۇرۇپ قېرىپ قالدىممۇ نېمە دېگەن بىمەنە خىياللاردا ياشاۋېرىشتىن زېرىكىپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلغان ئىشلارنى بىرمۇ-بىر ئويلاپ كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم، ئۆزۈمگە يېتەكچىلىك قىلدىم. بۇرۇنقى كۈندىلىك خاتىرەمنى ئوقۇپ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشلىرىمنى تېپىپ قايتىدىن داۋاملاشتۇردۇم. بارا-بارا ھاياتقا ھەتتاكى تۇرمۇشتىكى ھەربىر كىچىك نەرسىلەرگىچە بولغان قىزىقىشىم ئەسلىگە كەلدى. ھازىر سىزنىڭكىدەك نە پۇلۇم نە ماشىنام يوق. شۇنداق تۇرۇپمۇ ھەرھالدا يامان ئەمەس ياشاۋاتىمەن. سىزگە دېسەم، تۇرمۇشقا قىزىقىش بولمىسا ئادەم تۈگىشىپ كېتىدىكەن.
لېكىن ئەڭ مۇھىمى يەنىلا رەببىمىزنى ئۇنتۇماسلىق! ئاللاھنى ئويلىسىڭىز، تورمۇشتا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرى بويىچە ئىش كۆرسىڭىز غەم-ئەندىشە، چۈشكۈنلۈك دېگەنلەردىن يىراق تۇرىدىكەنسىز.