بىز خەق بەك ماختانچاق كىلمىز ( جوڭگولۇقلارنى دىمەكچى) ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ،تۈرلۈك يىغىنلار(بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىننىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)دىكى دوكىلاتلارغا ئىقتىسادى تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى مانچە پىرسەنىت ئاشتى، ئونۋېرسال دۆلەت كۈچىمىز خەلقئارادا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ-يەي....ۋاكازالار دېگەندەك مەھدىيە سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمىزگە ھەريەردە ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.... مەن ھازىرغىچە يىلدا ئېچىلۋاتقان ئىككى يىغىن ۋە نەچچە يىلدا بىر ئېچىلدىغان قۇرۇلتايدىن باشقا يەرلىكتە ئېچىلغان ئۇششاق يىغىنلارغىچە ھىچقانداق بىر يىغىندا تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىدىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكى ،قايسى بىر باشلىقنىڭ دوكىلاتىنىڭ ماقۇللانمغانلىقىنى مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە قايسى بىر باشلىقىنىڭ %99تىن تۆۋەن ئاۋاز بىلەن تەخىتكە دەسسىگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ( چەتئەللەردە بولسا 50-60% ئاۋاز بىلەن ئەمەلدارلىققا سايلىنىش بەكلا نورمال ئىش)
مۇشۇنداق ئۆزمىزنى ئۆزمىز ماختاپ يۈرۇيشكە تاراتقۇلىرمىز كۈنۈپ كەتسەك كېرەك. بىزدە مۇنداق بىر گەپ بار:«ئۆزىنى ماختىغان 1-ئاخماق»دەپ. ئەمەلىيەتتە ئىسلاھات-ئېچۋېتىشتىنىڭ پايدىسىنى كىملەر كۈرۈپ كىملەر باي بۇلۇۋاتىدۇ؟ ئالدىنقى قېتىمدا بىر تىما يوللىغان بۇ تىمىدىن خەلىق ۋەكىللىرىنىڭ كىملەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى بىلمەك قىيىن ئەمەس!
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-100849-1-1.html
بۇ خەۋەرنى تەھلىل قىلىپ كۆرسەكمۇ خەلىقئارائۆلچەملەر بۇيىنچە قارىغاندا: پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ دونيا بۇيىنچە ناھايىتى كەينىدە تۇرۋاتقانلىقى بىلىش مۇمكىن، بايلار تەبىقىسى ھىساپلىندىغان ئوتتورا بۇرژۇئازىيە ئاھالىىسى نىسبىتىنىڭ دونيا ئوتتورا بۇرژۇئازىيە ئاھالىسىنىڭ %58نى ئىگىلگەنلىكىدەك سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بۇ دۆلەتتتە بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتورسىدىكى پەرقنىڭ نەقەدەر چوڭلىقىنى، باي-نامرات ئىككى قۇتۇپقا ئايرلىشنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلۋالغىلى بۇلىدۇ......ئۇنىڭدىن ئارتۇق گەك ئىشەككە يۈك ئەلۋەتتە. ئەقىلىلىق تورداشلىرىمىز بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزلىرى ھىس قىلۋالالايدۇ.