مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qidax

نورۇز بايرىمى توغۇرلۇق ياردەم سورايمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2859
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16556
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2539 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:09:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوختۇرخانا ،ساناتورىيەدىكى مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىزنى،ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ،نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى يوقلاشنى بىر مەزمۇن تەرتىپى قىلىشنى ....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 55 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 55   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:18:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ 7-8يىلدىن بېرى مەكتىۋمىزدە نورۇز پائالىيتىنى  ( مەن ئوقۇتقۇچى)ئوتتورا مەكتىۋمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى،مەكتىۋمىنزنىڭ ئەمەلىي شارائىتىغا قاراپ   ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ كېلۋاتمىز. پائالىيەتنى ئاساسىلىقى نورۇز ئېشى ئېتىش، سەنئەت نومۇرىلىرى،مۇشائىرە (شېئىر،نورۇزغا بېغىشلانغان نەسىرلەرنى ئوقۇش)،نورۇزنىڭ خاسىيتى،ئۆتكۈزۈز قائىدىلىرىنى ئاساس قىلىپ چىقىرىلغان زىھىن سىناش پائالىيتى قاتارلىق شەكىلىللەردە  باردۇق.
سىزنىڭ يازمىڭىزدىكى بۇيىنچە بولسا بەك ئاددىي بۇلۇپ قالغۇدەك! سىلەر دېگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، سەنئەت-يېزىقچىلىق جەھەتتە ئالاھىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار چۇقۇم بار. شۇڭلاشقا سەنئەتتىن باشقا شېئىر-قوشاق، نەسىر جەھەتتە بەلگىلىك تالانىتى بار ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ مۇشائىرە ئورۇنلاشتۇرساڭلار بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار نورۇزنىڭ خاسىيتى،ئۆتكۈزۈش شەكىللىرىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭلاشقا 10-20سوئال تەييارلاپ زىھىن سىناش شەكىلدە  مۇكاپاتلىق مۇسابىقە تەشكللىسەڭلەر سورۇن كەيپىياتىنى جاللاندۇرغىلى ۋە موللاشتۇرغىلى بۇلىدۇ.
نورۇز ئېشىغا كەلسەك بىز سەھرادا بولغاچقا نورۇز ئېشىغا كېتىدىغان لازىمەتلىكلەرنى ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنى ئختىيارى تەشكىللەپ ئەكەلدۈرۈپ تەييارلايمىز. ى 9خىل دانلىق زىرائەتلەرنى
كۆكتاتلار،دارا-دەرمەكلەر بىلەن چوڭ قازانغا سېلىپ پۇشۇرۇپ تەييارلايمز. سىلەر ئۇرۇمچىدە بولغاندىكىن بۇ لازىمەتلىكلەرنى ئۆزەڭلار پۇل چىقىرىپ تەييارلاشقا توغرا كېلىدۇ.  نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنىڭ بۇلۇشى تۇرغانلا گەپ. بولسا مەكتەپ مەمۇرىيتى بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار مەكتەپ ئاشخانىسىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىمۇ مۇمكىن.  بىز ئوقۇۋاتقاندا يىلدا مەكتەپتىن نورۇز ئېشى ئىتىپ بىرەتتى. پەقەت بولىمغاندا بىر قىسىم لازىمەتلىكلەرنى بازاردىن سېتۋېلىپ ئەكىلىپ ئۆزەڭلەرگە لايىق ئىتىپ باقساڭلارمۇ بۇلىدۇ. ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن مۇشۇنچىلىك مەسلىھەت بىرەي، پايدىلنىپ كۆرەرسىز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31375
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4013
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2011-2-22
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-17 11:38:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ناھايىتى ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز. بىزمۇ نورۇز بايرىمىنى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزىۋالدۇق. بۇنداق بالدۇر ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت تېلىۋىزىيەدە 3-ئاينىڭ 21-كۈنىگە ئۈلگەرتىپ كۆرستىش. بىزنىڭ بۇ قېتىم پائالىيەتكە كىرگۈزگەن ئالاھىدە يېرىمىز، ‹‹مىھرىبان ئانىلار››نى تەكلىپ قىلدۇق. بىزنىڭ تەييارلىق قېلىشىمىز ئۈچۈن ئىككى ھەپتە ۋاقت كەتتى. سىلەرنىڭ تەييارلىقىڭلار بەكلا جىددى بولۇپ قاپتۇ. مەن بىرقانچە تەكلىپ بېرىپ ئاتىكاچىلىق قىلىپ باقاي، مۇۋاپىق بولسا ئويلىشىپ بېقىڭلار:
1.بۇ پائالىيەتنى تەييارلاشنىڭ تەلىۋى يۇقۇرى. بىر ئادەمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. شۇڭا خىزمەتلەرنى بۆلىۋىتىش كېرەك.  مەسىلەن: رىياسەتچىلەرنى تاللاش، نۇمۇرلارنى تاللاش ۋە مەشىقلەندۈرۈش، تاماق ئېتىش، سەھنىنى لايىھەلەش ، پائالىيەت تەرتىۋىنى ساقلاش، مەكتەپ ۋە پاكولتىت رەھبەرلىرى بىلەن ھەرۋاقىت ئالاقىلىشىش ....ئەمما ئومۇمىي ئىشقا ئايىقى يىنىك، تەشكىللەش ئىقىتىدارى ياخشى بولغان بىر ئادەم مەسئول بولۇش كىرەك.
2 . رىياسەتچىلەر پائالىيەتنىڭ جىنى، رىياسەتچىلەرنى ياخشى تاللاش ۋە مەشىقلەندۈرۈش كىرەك. ئۇلارنىڭ تەققى تۇرقى، كىيىم-كىچىكى، ئاۋازى، رىياسەتچىلىك قىلىش ئىقتىدارى موھىم.  ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ياخشى تاللاڭلار، باشقىلارغا باھالىتىپ بېقىڭلار، ياخشى پىكىرلەر چۈشىدۇ.
3. ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ نۇمۇر ئورۇنلاشقا قاتناشتۇرالىساڭلار پائالىيەت كەيپىياتى تىخىمۇ يۇقىرى بولاتتى.
4. تاماق ئېتىشكە مىنىڭچە مەكتەپ ئاشخانىسىدىن نورۇز تاماق ئىتەلەيدىغانلار بولسا، تەكلىپ قىلالىغان بولساڭلار ئىشىڭلار ئاسان بولاتتى ياكى قازان تەييار بولسا  سىلەرمۇ ئىتەلەيسىلەر.تاماق يەيدىغان ئادەم سانىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ تەييارلىق قېلىڭلار. مەن ئۈرۈمچىلىك ئەمەس. شۇڭا ماتىرىياللارنى قەيەردىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمىدىم.  
5. مەكتىۋىڭلاردا ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىرى زور بولغان ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىرىمىزنى سۆز قېلىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلالىغان بولساڭلار ياخشى بولاتتى.
6. سەنئەت نۇمۇرىڭلاردا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار بارمىدۇ؟  مىھمانلارنى تونۇشتۇرۇپ بولۇپ، پاكولتىت رەھبىرىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىپ بولغاندىن كىيىن 1) باشلىنىشى كوللىكتىپ ئۇسۇلدىن باشلانسا، 2) ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە نورۇزلۇق ياخشى غەزەلدىن بىرنى  دىكلاماتسىيە قىلسا، 3) تەكلىپ قىلغان نوپۇزلۇق كىشى سۆزگە تەكلىپ قېلىنسا، 4) شۇ كىشىنىڭ سۆزىگە ماسلاشتۇرۇپ ناخشا ئۇرۇنلانسا..... مومكىن بولسا تەربىيە ئەھمىيىتى بار ئىتۇتتىن بىرسى ئۇرۇنلانسا قالغىنىنى ئۆزەڭلار ماسلاشتۇرالايسىلەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahimasot تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-17 11:45 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91036
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1010
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 12:57:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىك چاغلىرىمدا بوۋام -مومام ئىتىپ بېرەتتى نورۇز ئېشىنى، ئسىمدە قېلىشىچە ،قوينىڭ كاللا-پاقالچىكى، بۇغداي، قوناق، ئارپا، يەنە بىر نەچچەخىل پۇرچاق سالاتتى، دانلىق زىرائەتلەرپۈتۈن پېتى سېلىنىدۇ، ھازىركى ۋاقىتتا، كاللا -پاقالچاق نىڭ ئورنىغا گوش سېلىنىدۇ، شىخابا ئەتىگەنلىك بازىرىغا بارسىڭىز پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلەرنى تاپالايسىز،ئەگەر سىنىپىڭىز دا كۇچارلىق ئوقۇغۇچىلار  بولسا ياردەم سوراڭ، كۇچاردا كوپ  ئىتىلىدۇ بۇ ئاش ،كۇچا تىلىدا كۇجە دىيىلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   IPAR12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-18 01:25 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-18 08:35 AM):
يەنە چامغۇر سالىسىز، ئۇسۇشقا ئاز قالغاندا ،ناھايىتى ئاز مىقتاردا زىرە سېې

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 04:39:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەۋرۇزنى ھەممىدىن بەك ئۈرۈمچىدە چوڭ  ئۆتكۈزىدۇ ، نەۋۇز ئىشىغا ئىشلىتىدىغان  ماتىرياللارنى ئۈرۈمچىدە تاپماق ئاسان ، چوڭ تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدۇ ۋە بۇلاقبېشى بەيتۇللا مەسچىت يىنىدا سېتىلىدۇ

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 09:55:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نورۇز ئېشىنىڭ ئەسلى ئىسمى ‹كوچا›دىگەن تاماق شۇدۇ باللا

كارتون تەرجىمە قىلىشقا يەنە كىم ياردەم بېرىدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 09:56:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاقسۇدىن بىز تەرەپتە 3-ئايدا نورۇز ئېشى دەپ ئەتسە باشقا چاغدا كوچا دەپ ئېتىدۇ

كارتون تەرجىمە قىلىشقا يەنە كىم ياردەم بېرىدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 12:19:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئىشلەۋاتقان ئورۇن باشلانغۇچمۇ ، تولۇقسىزمۇ ، تولۇق ئوتتۇرىمۇ ۋە ياكى ئالىي مەكتەپمۇ ؟...ئىش ئورنىڭىز ئېنىقراق بولغان بولسا تېخىمۇ ئاسان بولاتتى . پائالىيەت مەزمۇنى ئوقۇغۇچىلار ياش قۇرامى ۋە مەكتەپ شارائىتىغا ماس كەلمىسە بولمايدۇ .

مەن ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچەمنى دەي ھە :
مىنىڭچە سەنئەت نۇمۇرلىرىنىلا ئاساس قىلماي يەنە ، تۇرمۇش ساۋاتلىرى سۇئاللىرى ، ماتىماتىكىلىق سۇئاللار ، نورۇز توغرىسىدىكى سۇئاللار دىگەندەكلەرنى زىھىن سىناش شەكلىدە ئۇيۇشتۇرساڭلار .
قىسقا ئارلىققا يۈگىرىش ، جۈپ بولۇپ تاختايغا دەسسەپ مېڭىپ بەسلىشىش ، تىز سۈرئەتتە مىۋە ئاقلاش ، ئۇ چىلەكتىن بۇ چىلەككە سۇ يۆتكەش ...قاتارلىق جىسمانى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرسىمۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھەم قىززىق بولىدۇ .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

سۇ‹‹ھۈممە››

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50914
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4241
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 576 سائەت
تىزىم: 2011-8-8
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 08:45:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرگەن مەسلىھەتىڭلارغا رەھمەت قېرىنداشلىرىم.ئاڭلىسام ئاتالمىش مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ پىكىرگە قۇشۇلماپتۇ...تولىمۇ ئەپسۇس

[b]*بىركۈن ئۆز ئىشىمنى داۋاملاشتۇرمىسام سەۋىيەم چىكىنىدۇ،ئىككى كۈن مەشىق قىلمىسام ئۆزتەڭتۇشلىرىمدىن كىيىن قالىمەن،ئۈچكۈن داۋاملاشتۇرمىسام باشقىلارغا قۇل بۇلۇپ قېلىشىم مۇمكىن![/b]
*ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن ئەقىل،قۇۋەت تالقىنى بىلەن كىرمەس!

ئۆز-ئۈزىنى قەدىر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60062
يازما سانى: 250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4850
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 3332 سائەت
تىزىم: 2011-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 10:07:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىز ،  مەنمۇ ئۈزەمنىڭ پالىيەت توغرىسىدىكى ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي  ، پايدىلىنىپ قالساڭلا ئەجەب ئەمەس
پالىيەتكە مىنىڭچە بەك كۆپ ناخشا ئۇسۇل دىگەندەكلەرنى تەييارلىماي ، نۇرۇزغا ئائىت شىئىر،نەسىر ۋە نۇرۇز تارىخى توغرىسىدا بىر ئاز ماتىرىيال توپلاڭلار ، ئۇغۇللار دوسلۇقنى ئاساس قىلغان  ھالدا «نۇرۇز پالۋىنى»نامىدىكى چېلىش مۇسابىقىسى تەشكىللەڭلا ،  ئاندىن قىز ئۇغۇللار بىرلىكتە ئىنكاس سىنايدىغان تىز سۈرەتتە جاۋاب بىرىش ، تاق پۇتلاپ يۇگۇرۇش ، كۈچ سىنىشىش ، ئارقان تارتىش قاتارلىق ئۇيۇنلارنى ئۇرۇنلاشتۇرساڭلا ياخشى بۇلامدىكىن ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش