eleven يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 06:19 PM
تورداشلار ماڭا بىر نوپۇزلۇق ئىسلامى تور بەتنى تەۋسىيە ...
قىز ئوغۇللارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ: سوراپ باقسام ئۇستاز قىز-ئوغۇللار توي قىلىشتىن بۇرۇن مۇھەببەتلەشسە بولامدۇ بولمامدۇ؟ ھازىرقى ياشلار مۇشۇ تەرەپتىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ئوقۇلۇشى: 3215
جاۋابلار
جاۋاب:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
جانابى ئاللاھقا ھەمدۈ-سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۈرۈت-سالاملار بولسۇن.
ئىسلام دىنى سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان دىندۇر، ھەر بىر مۇئمىننىڭ ئىمانى سۆيگۈ-مۇھەببەتسىز مۇكەممەل ئىمان بولالمايدۇ. سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ئىسلامدا كاتتا ئورنى بار. مەسىلەن:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ: ]«ئەگەر سىلەر ئاللاھنى سۆيىدىغان بولساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى سۆيگەي».( ئالى ئىمران سۈرىسى 31-ئايەت.)
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: »تاكى بىر كىشىنى ياخشى كۆرگەندە، ئۇنى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا ياخشى كۆرمىگىچە، تاكى ئاللاھ ئۇنى كۇپۇردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئوتقا تاشلىنىش كۇپۇرغا قايتىشتىنمۇ سۆيۈملۈكرەك بولمىغىچە، يەنە تاكى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئۇ كىشى ئۈچۈن بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكرەك بولمىغىچە ھېچكىم ئىيماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىيالمايدۇ».(سەھىھۇل بۇخارى 6041-ھەدىس)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىنسان (قىيامەت كۈنى) ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن بىللە بولىدۇ» دېگەن. (سەھىھۇل بۇخارى 6168-ھەدىس)
دېمەك ئىسلامدا مۇھەببەتنىڭ شۇنچە كاتتا ئورنى بار، ئاللاھنى سۆيۈش، پەيغەمبىرىنى سۆيۈش، كىتابىنى سۆيۈش، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى سۆيۈش، ئاتا-ئانا، خىش-ئەقرىبالارنى، جۈپتىنى سۆيۈش، پەرزەنتلىرىنى سۆيۈش...
بىراق مۇھەببەت دېگەن سۆز ھازىر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلىشتە پەقەتلا يات قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرىدىكى بىرئاز مايىللىق ياكى ياقتۇرۇپ قېلىش، ياكى ئەتراپتىكى كۆپىنچە ياشلار شۇنداق ئارىلىشىپ ئۆتىدىغان بولغاندىكىن ياقتۇرسىمۇ چوقۇم بىرىنى تېپىپ ئارىلىشىپ ئۆتۈش ۋە ئۇندىن كېيىنكى ھارام ئارىلىشىش ۋە مۇناسىۋەت قىلىشنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ قالدى. بۇلاردا ئادەتتە پىداكارلىق، قۇربان بېرىش ۋە سەمىمىي بولۇشتەك سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ بىرەر تەقەززاسىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ھەقىقى سۆيگۈ-مۇھەببەت نامىدا قىلىنغان بىر مەئسىيەت ياكى ھەقىقى سۆيگۈ-مۇھەببەتكە قىلىنغان بىر ھاقارەت.
شەرئى تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىككى جىنس ئوتتۇرىدا سۆيگۈ-مۇھەببەتنى ھارام دەيدىغان گەپ يوق. لېكىن ئىسلام يول قويغان سۆيگۈ-مۇھەببەت دائىرىسى بار، ئۇنىڭ سىرتىدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت ھارام قىلىنغان دائىرە ھېسابلىنىدۇ.
ھالال ياكى مۇباھ سۆيگۈ-مۇھەببەت دېگىنىمىز بىر يىگىت ياكى قىز بىرەر دوست تۇتسام بولاتتى، ياكى بىرسى بىلەن يۈرسەم بولاتتى دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ بىرسىنى تېپىپ ياخشى كۆرىمەن دەپ تۇرۇۋېلىپ ئارىلىشىپ يۈرۈش ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىرسىگە توساتتىن مايىللىق ھېس قىلىپ، ھەقىقى ياقتۇرۇپ قېلىش ياكى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىن ئىبارەت. بۇ ئىنساننىڭ قولىدىكى ئىش ئەمەس. شۇڭا بۇنى گۇناھ دېگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا دۇچ كەلگەندە پاراڭلىشىپ، خەت يېزىپ ياكى تېلېفۇن قىلىپ يۈرمەي ئائىلە تەرەپتىن ئەلچى ئەۋەتىپ نىكاھ قىلىپ توي قىلىش كېرەك. رەت قىلىنسا ياكى توي قىلالمايدىغان بولسا نامەھرەم ئارىلىشىپ يۈرمەي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ ئىسلام ئەدەپ-ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى كېرەك. كېيىنچە توي قىلىمىز دەپ ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ.
ھارام سۆيگۈ-مۇھەببەت دائىرىسى بولسا: قەلبىدە مايىللىق بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بىرىنى ياخشى كۆرىمەن دەپ يۈرۈپ، توي قىلماستىن ئۇچرىشىپ، ئارىلىشىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت. بۇنداق ئارىلىشىشتا يۆگەشكە بۇيرۇلغان ئەۋرەتنى ئېچىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، خىلۋەت جايدا نامەھرەم بىلەن بىللە بولۇش، تۇتۇش ۋە سۆيۈشۈش ھەتتا زىنا قىلىش قاتارلىق ھارام ئىشلار سادىر بولىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىنتايىن يامان.
ھېسسىيات ئەقىلدىن ئۈستۈن كېلىدىغان ياشلىق دەۋرىدە شەرئى نىكاھتىن تاشقىرى ئىككى جىنس ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدۇ. نەتىجىدە ئىسلام كۆرسەتمىسىگە رىئايە قىلمىغانلىقتىن نامەھرەم ئارىلىشىپ مەيلى قىز مەيلى ئوغۇل ئۆزىنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنى ساقلىمايدۇ. ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە ئار-نۇمۇس كەلتۈرىدۇ. بەزىدە زىنا جىنايىتى سادىر قىلىپلا قالماي قورساقتىكى تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىپ جىنايەتنىڭ ئۈستىگە جىنايەت سادىر قىلىپ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە لايىق بولۇپ قالىدۇ.
دېمەك ئىسلام دىنى ئىككى جىنس ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى رەتكە سېلىپ، ئۆزئارا تەقۋادارلىق ۋە ياخشىلىققا ھەمكارلىشىشقا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى يولغا قويۇپ، يامان تەرەپكە تارتىدىغان بارلىق ئىشلارنى چەكلىۋەتكەن، پەقەت ساغلام بىر يولنىلا ئېچىپ ساغلام مۇناسىۋەتكە يول قويغان، ئۇ بولسىمۇ شەرئى نىكاھ قىلىپ توي قىلىشتۇر. شەرئى نىكاھ قىلماي تۇرۇپ ئۆزئارا مۇھەببەتلىشىش ئىسلام چەكلىگەن ئىشتۇر. چۈنكى بۇ ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئېنىق خىلاپلىق قىلىش ۋە ھارامغا جۈرئەت قىلىشتىن ئىبارەت.
مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى: (مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، ھارامغا تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن)( نۇر سۈرىسى 30-ئايەت.)
ۋە (يەنە مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، ھارامغا تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن)( نۇر سۈرىسى 31-ئايەت.)
رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھېچبىر ئەر كىشى يات ئايال بىلەن مەھرىمى يېنىدا بولمىغان ئەھۋالدا خالىي يەردە بىللە بولمىسۇن» دېگەن (سەھىھۇل بۇخارى 5233-ھەدىس)
بۇنىڭغا ئەمەل قىلىش دۇنيادا شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقى سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە رىئايە قىلىش ئاخىرەتتىمۇ ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ سايىسىدىن باشقا سايا يوق قىياپەت كۈنى ئاللاھ يەتتە تۈرلۈك ئادەمنى ئۆزىنىڭ ئەرشى ئاستىدا سايىدىتىدۇ: ئادىل پادىشاھ، پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسكەن يىگىت، ئەس يادى ھەمىشە مەسچىتلەرگە باغلانغان ئادەم، ئاللاھ ئۈچۈن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ، ئاللاھ ئۈچۈن بىر يەرگە كەلگەن، ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىلىشقان ئىككى كىشى، ئېسىل ۋە چىرايلىق بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، ئاللاھدىن قورقىمەن دەپ ئۇنى رەت قىلغان ئادەم، ئوڭ قولى بىلەن بەرگەن سەدىقىنى سول قۇلى بىلمەيدىغان دەرىجىدە سەدىقىنى مەخپى بەرگەن ئادەم ۋە پىنھان جايدا ئاللاھنى ياد ئېتىپ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلۈپ ئادەم».(سەھىھۇل بۇخارى 1423-ھەدىس)
بۇ ھەدىستە ئاللاھنىڭ ئەرشى ئاستىدا سايىدايدىغان يەتتە كىشىنىڭ ئىككىنچىسىنى ئادەم ياكى كىشى دېمەي يىگىت دېيىشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ياشلىق دەۋرىدە ھاۋايى-ھەۋەس، شەھۋەت ۋە بۇزۇقچىلىققا چىللايدىغان تۈرلۈك ئامىللار كۈچلۈك ھەم كۆپ بولىدۇ.(ئۇمدەتۇل قارى)
ئەلۋەتتە مەزكۇر ھەدىستىكى يىگىت دېگەن سۆز يىگىت ۋە قىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىزمۇ ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ياشلىق دەۋرىنى تائەت بىلەن ئۆتكۈزسە، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ سايىدىتىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
ھەدىستىكى تۆتىنچى كىشىگە قارىساقمۇ: "ئاللاھ ئۈچۈن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ، ئاللاھ ئۈچۈن بىر يەرگە كەلگەن، ئاللاھ ئۈچۈن ئايرىلىشقان ئىككى كىشى" بۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى قىز بىرى ئوغۇل بولىشىمۇ مۇمكىن. لېكىن ياخشى كۆرۈش بولغان ئەھۋالدا ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلماسلىق زۆرۈر.
ھەدىستىكى بەشىنچى كىشىگە قارىساقمۇ: "ئېسىل ۋە چىرايلىق بىر ئايال ئۆزىگە چاقىرسا، ئاللاھدىن قورقىمەن دەپ ئۇنى رەت قىلغان ئادەم". بۇ خۇددى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامغا ئوخشايدۇ. ئەھۋال ئەكسىچە بولۇپ كېلىشكەن بىر يىگىت زىناغا چاقىرسا، رەت قىلغان قىزمۇ ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ سايىدىتىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
ھازىرقى دەۋرىمىزدە كۆپىنچە ياشلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى توردىكى مۇناسىۋەت بولۇپ، قىز-ئوغۇللار چ چ دا، ماسسىنگىردا، چايخانىلاردا سۈرەتلىك ياكى سۈرەتسىز ئۆزئارا پاراڭلىشىشتىن، گەپ-سۆزدە سۈيۇقلۇق، ناز-كەرەشمە ئىزھار قىلىپ ئالاقىلىشىشتىن ساقلىنىش بەكلا مۇھىم.
بىلىپ بىلمەي ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ سالغان ئەھۋالدا تەۋبە يولى ئوچۇقتۇر. بەندە ھەقىقى تەۋبە قىلسا، ئاللاھ بارلىق گۇناھلارنى كەچۈرۈۋېتىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
2011-5-14
چېسلا: 2011-05-14 \ يوللىغۇچى: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ