ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلار! نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
يېڭىلىق ئەلچىسى! يېڭى كۈن نورۇز!
ئەجدادتىن ئەۋلاتقا بولدۇڭسەن مىراس.
تەبىئەت كۈلىدۇ چېھرىڭدە ئىللىپ،
ياپ-يېشىل تونلاردىن كەيسەڭسەن لىباس.
چىللايسەن ئەجىرگە، مېھنەتكە بىردەك،
ئىناقلىق كۈچلىنەر سېنىڭدە ھامان.
يەر زىمىن كائىنات، پۈتۈن جانلىقلار،
سېنىڭدىن جانلىنار ياشناپ ھەر زامان.
ئېيتىشقاندا بېيىت-قوشاق ناۋالار،
ئويغۇتار زىمىننى باھار كۈيلىرى.
چەۋەنداز بەيگىدە چاپتۇرار ئاتلار،
قۇشلارمۇ جانلىنىپ سايرار تىللىرى.
كەلدى نورۇز كۈلۈپ ئىللىق باھاردا،
ئېغىز تەگسۇن بارچە نورۇز ئېشىدىن.
قېنى دوستلار باھار، ئەجىرگە ئالغا،
ياخشى ئىش باشلىنار يىلنىڭ بېشىدىن.
كەلسە باھار خەندان ئۇرۇپ ئۇيغۇرۇم،
خوشاللىقى قاينار ئىچى-تېشىدىن.
نورۇز قوللار ئىناق-ئۆملۈك ياشاشنى،
ھىچكىم تانماس مەڭگۈ قېرىندىشىدىن.
كۈيلەيدۇ ئىناقلىق نورۇزدا باھار،
قاينايدۇ ھەر تاڭدا بېرىشىپ سالام.
بەيگىگە چاقىرار ياپ-يېشىل ھايات،
قولغا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشقا داغدام.
مەنبە: باھاردىكى ئىلھاملىرىمدىن.
2013-يىل 3-ئاينىڭ 20-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-20 04:27 PM