مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: jelwa

ئىگىسىز قالغان خاتىرە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 04:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: ئىگىسىز قالغان خاتىرە

jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 11:43 PM
داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 04:34:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: ئىگىسىز قالغان خاتىرە

jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 11:43 PM
داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 05:24:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: ئىگىسىز قالغان خاتىرە

jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 11:43 PM
داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 05:43:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىگسىز قالغان خاتىرە

مەن گەرچە نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمسىەممۇ ئەتراپىمدىكى قاراپ تۇرغان ئايگۈلگە ۋە ماڭا ھېلىقى تونۇش بىلىنگەن بالىغا قاراپ قويۇپ ھەيرانلا قالغان ئىدىم، ئايگۈلمۇ يىغلىغىنىچە قولۇمنى تۇتۇپ يىغلاپ ئولتۇراتتى مەن ئەتراپىمغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن ئايگۈلگە سوئال نەزىرىدە تىكىلدىم.
-ئاخىرى ھۇشۇڭغا كەلدىڭ ھە؟ ھەجەپ ئەنسىرەتتىڭ ئادەمنى..
-بۇ قەيەر؟مەن نەگە كىلىپ قالدىم سىلەر بۇ يەردە نىمە ئىش قىلسىلەر؟مەن قانداق بولۇپ؟
-بولدى ھودۇقما ...سەن باياتىن مەھەللە دوقمۇشىدا ئايلىنىپ قاپسەن شۇنىڭ بىلەن ئادىل بىلەن ئاكام سىنى بۇ يەرگە ئەكىلىپتۇ بۇ بالا ئىسىڭدە بارمۇ ؟ئاكامنىڭ ساۋاقدىشى ئادىل..بىز بىر چاغدا خەلىق مەيدانىدا كۆرۈشكەن بالا شۇ ئىسىڭگە كەلدىمۇ يۇق؟
مەن ئادىلنى ئىسىمگە ئالغاندەك بولۇپ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ قويدۇم .كەينىددىن ئايگۈلگە قارىدىم
-شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇ جادۇگەر سىنى تازا ئۇرۇپتۇ دە،،قارىغىنە ئۈستى بىشىڭ نىمە بولۇپ كەتتى.؟نىمانداق رەززىل خوتۇن ئۇ،،،
دىدى ئايگۈل غودۇرلاپ
-بۈگۈن مىنى تاغام ئۇردى ھاممامنىڭ سەۋەبىدىن بەك قەبىيلىشىپ كىتىپتۇ ئۇلار.،،نىمانچە پىشانەم شور بولغۇيتى ھە؟..
-ئۇنداقمۇ دىمە ماڭا قارا ئاداش ھېچ بولمىسا مەن بار ساڭا يەنىلا ياردەم قىلىمىز ھەرگىز سىنى تاشلاپ قويمايمەن .بۇ ئادىلنىڭ ئۆيى ساڭا گىپىنى قىلىپ بەرگەن چۇڭ دادامنىڭ ئۆيى مۇشۇ ئۆي شۇ،،،
شۇ ئارىدا بوي تۇرقى ئىگىز كەلگەن چىرايىدىن مۇلايىملىقى ۋە ئاقكۆڭۈللىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بىر ئايال كىرىپ كەلدى ۋە ماڭا بىر ئىستاكان سۈتنى سۇندى
-رەھمەت...
مەن بۇ بىر ئېغىز گەپنى ئارانلا دىيەلىگەن ئىدىم،كەينىدىنلا ئۇ ئايال ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك قاراپ قويدى ۋە يىنىمغا كىلىپ ئولتۇرغاندىن كىين ئادىلغا سىرىتقا چىقىپ كەت دىگەن مەنىدە ئىشارەت قىلىپ قويدى،
-قىزىم بايا سىز مەھەللە بىشىدا ئايلىنىپ قاپسىزكەن شۇ چاغدا بۇ باللار سىزنى بۇ ئۆيگە ئېلىپ كىرىپتۇ ئايگۈلدىن ھەممە ئەھۋالنى ئاڭلاپ كۆڭۈلۈم يىرىم بولدى.بۇپتۇ شۇنداق جاھانكەن ،،،ئاللاھ بەلكىم سىزگە ئوڭ  ئىشىنى بىرىپمۇ قالار..
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلا ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ گەپ قىلمىدىم شۇ تاپتا شۇنچلىك كۆڭلۈم پەرىشان بولغان ئىدى .
-ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز ؟ناۋادا خالىسىڭىز سىزنى تۇتۇق قزىم قىلىۋالساممۇ بولىدۇ بىراق سىزنى ھەرگىز ئۇرۇپ خارلىمايمەن خالامسىز؟
-بولدى رەھمەت سىزگە ھەدە...مىنىڭ ئەمدى سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويغۇم يۇق..بولدى مەن بۈگۈنچە ئايگۈلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئارام ئېلىپ تۇراي ..ئەتىلەر ئىچىدىن بىرەر گەپ بولۇپ قالار..
مەن ئېغىر بەدەنلىرىمنى كۆتۈرۈپ ئارانلا ئورنۇمدىن تۇردۇم ،شۇنچە تەستە چوڭ يۇلغا چىقىپ تۇرىشىمىزغا ئادىل ئالدىمىزدا ئۈنۈپ بولدى.
-قىزلار سېلەرنى ئۆيۈڭلارغا ئاپپرىپ قوياي،،قېنى موتۇغا چىقىڭلار..
-سىنىڭ بۇ 2 كىشلىك مۇتۇسىكلىتىڭغا كىم پاتىدۇ بىز دىگەن 3 ئادەم بىلىپ قالە ساقام،،،
دىدى ئايگۈل چاقچاق ئارىلاش.
-ھەي..مەندىن نەچچە ياش كىچىك جۇمۇ سىز يەنە كىلىپ مىنىڭ نەۋرە سىڭلىم سىز ....مىنى ساقام دىمەڭ ھېچ بو؛لمىسا تۇققاندارچىكىقىمىزنىڭ بولسىمۇ يۈزى بولسۇن ھە.
ئۇلارنىڭ بۇ چاقچاق ئارىلاش گەپلىرىگە قىززىقىپ كۈلۈپلا قويدۇم،بىز ئادىلنىڭ موتسىكلىتىغا مىنىپ ئايگۈلنىڭ ئۆيىگە كىردۇق ئادىل بىزنى ئەكىلىپ قويۇپ ئالىم بىلەن خوشلىىشپ ئۆيگە كىتىپ قالدى،مەن بۇ بىر كۈننى ئايگۈلنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزدۈم ئەتىسى سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ تۇرىشىمغا ھويلا ئىچىدىن تاغامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
-مەۋلۈدە شۇ تۈنۈگۈن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغاچقا قاتتىق ئۇرۇپ ساپتىكەنمەن شۇ ئۇ شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى بۈگۈن ئالغىلى كەلگەن ئىدىم،
دىدى دىلارە ياسالمىلىق بىلەن.
-سىلەر ھەر قىتىم شۇنداق قىلامسىلەر .ئالدىنقى قېتىم  مەۋلۈدە دادىسىنىڭ پۇلىنى ھاممىسىغا ئاپپىرىپ بەرسە ئوغرى دەپسىلەر بۇ قىتىم يەنە مۇشۇنداق ياغلىما گەپلەرگە ئىشىنىپ ئۇنى ئۇرۇپسىز،سىز زادى قانداق تاغا؟بۈگۈن سىزنى بۇ يەرگە چارقىرىشىممۇ مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ئىدى.
مەن ئىشىك يىنىدا ئۇلارنىڭ پارڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدىم بىر ئازدىن كىيىن دىلارە ئاپام مىنى چارقىرىشنى گىپى بارلىقىنى ئېيىتتى مەن ھودۇقۇپ سىرىتقا چىقىتىم ۋە دىلارە ئاپام بىلەن تاغامنڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم.
-قىزىم تۈنۈگۈن گۇناھ ھەقىقەتەن سەندىن ئۆتۈپ كەتتى سەن نىمىشقا ئۆزۈڭنىڭ قىلغانلىرىڭنى تەن ئالمايدىغانسەن ھە؟
-بىلەمسەن تاغا..مەن تىخى 13 ياشقا كىردىم،مەندە بىرىنىڭ قولىنى كەسكۈدەك جۈرئەت نەدە بولسۇن؟پەقەت ماڭا ئورۇنسىز تۆھمەت ئارتىلدى ماڭا ئىشەنمىسەڭ بولمايدۇ،مەن ئەسلى ئۇنداق قىلمىغان ئىدىم.......
مەن بولغان گەپلەرنى تاغامغا دادىللىق بىلەن بىرمۇ-بىر دىدىم .تاغام بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دىلارە ھاممامغا ئالىيىپ قاراپ قويغاندىن كىيىن گەپ قىلماي مىنى ئۆيگە ئېلېپ كەتتى شۇ ئارىدا 11 كۈن خېلى ياخشى ئۆتتى تاغاممۇ ھاممامنىڭ ماڭا قىلغان يامانلىقىلىرىنى بىلىپ نەچچە كۈنلەرگىچە گەپ قىلماي يۈرگەن ئىدى،

مەن بارا-بارا ھاممامنىڭ ماڭا يامانلىق قىلىشىدىن قورقۇپلا يۈردۈم .ئۆزۈمنىڭ ئۆز ئاپامنى ئىزدەش ئارزۇيۇم كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىدى،يەنە كىلىپ ئاكامنى شۇنداق تاپقۇم بار ئىدى.
مەن تاغامنڭ ئۆيدىن ئايرىلماي تۇرىشىنى خالايتىم بىراق تاغام تىجارەتچى شۇنداقلا بىر ئۆينىڭ يۈكىنى كۆتۈرگۈچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئامال توق ئىدى.تاغام ئاخىرى ئىچكىرگە مەلۇم بىر تىجارەت ئىشى تۈپەيلى كىتىپ قالدى شۇنداق كۆڭلۈم يىرىم بولغان ئىدى،
تاغام كىتىپ قالغاندىن ئىتبارەن ھاممام ئۆزىنىڭ كونا سەنىمىگە يەنە دەسسىگىىلى تۇردى ،كۈن بويى يىگەن تاياق سۈڭگۈچۈمدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.كىچىلىرى ئازاپلىنىپ قاتتىق يىغلاتتىم دادامنى شۇنداق كۆرگۈم كەلگەن ئىدى،
كۈنلەر ئۆتۈپ ئادىل ئىككىمىز خېلى يىقىن دوسىتلاردىن بولۇپ قالدۇق گەرچە ئادىل مەندىن 3 ياش چوڭ بولسىمۇ بىز بىر- بىرمىزنى بەكلا ھۆرمەتلەيتۇق كۈنلەر ئۆتۈپ مەن 13 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئادىل ماڭا شۇنداق چىرايلىق بىزەلگەن بىر خاتىرە دەپتەر ۋە بىر ئالبۇم سوۋغا قىلدى،
مەن سوۋغاتلارنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بولدۇم قىسقىسى دادامدىن باشقا ھېچكىم ماڭا بىرەر قېتىملاپ سوۋغات بىرىپ باقمىغان ئىدى.
مەن بۇ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسىدىن شۇنچە خۇشال بولغان ئىدىم،شۇ چاغدا ئادىلغا قاراپ دىگەن شۇ بىر ئېغىز گىپىم ھېلھەم يادىمدا..
-رەھمەت...ئادىل بۇ سوۋغاتتىن بەك مەمنۇن بولدۇم،
-تۈزۈت قىلماڭ مەۋلۈدە..كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز چوڭ بولساق مانا  مۇشۇ خاتىرە ئىچىدىكى يۇپۇرماق بىلەن قۇشتەك بىر-بىرىمىزگە سادىق بولۇپ ئۆتىمىز شۇنداققۇ؟
-ئەسكى،،،قارا دەۋاتقان گەپلىرىنى...
شۇ چاغدا مەن شۇنچىلىك ھاياجانلانغان ئدىم شۇ كۈنى كەچ منىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ زىياپىتى ئادىلنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلدى.ئادىلنىڭ ئاپىسى ئامىنە ھەدەم بۇ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرشۇمنى شۇنچە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى،
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتتى ئىشىكىمدىن ئەمدىلا چىققىپ تۇرىشىمغا قولىدا قىپقىزىل گۈل تۇتۇپ تۇرغان ئادىلغا كۆزۈم چۈشتى كىلىپ تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ قويۇپ سورىدىم
-ئادىل نىمە قىلىۋاتىسەن؟
-مەن...بۇ بۇ گۈلنى سىزگە ئېلىپ كىلىشىم ئىدى مەۋلۈدە...قوبۇل قىلىڭ..
مەن كۈلۈپ قويۇپ ئادىلنىڭ قولىدىكى گۈلنى ئالدىم دە پۇراپ باققاندىن كىين كۈلۈپ جاۋاپ بەردىم
-نىمانچە خۇشپۇراق گۈل بۇ ،،،ماڭا ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟
-ھەئە يەنە تېخى بۇ سائەتمۇ بار قاراڭە بىر جۈپ...سىزگە يارىدىمۇ؟
-ھەئە ...يارىدى..ماڭا سوۋغا قىلامسەن؟
-ھەئە سىزگە بەرمەي كىمگە بىرەتتىم ،ئەكىلىڭ مەن تاقاپ قوياي،،بۇ سائەت مىنىڭ سىزگە بەرگەن كۆڭۈل سوۋغام ياخشى قەدىرلەڭ...
-بۈگۈن ماڭا تۇيۇقسىزلا سوۋغات بەرگۈڭ كىلىپ قاپتۇغۇ؟نىمە بولدى؟
ئادىل ماڭا قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدى دە تولىمۇ بۇش ئاۋازدا سوئالىمغا جاۋاپ بەردى
-بىرەر ئىشقۇ يوق..ئەمما دادام پاكىستاندىكى سودىغا يىتىشىپ بولالماي قاپتۇ مىنى پاكىستانغا بىرىپ يىنىمدا تۇرغاچ مەكتەپتە ئوقۇسۇن دەپتۇ ..بەلكىم 1 يىلدەك ۋاقىتتىن كىيىن قايتىپ كىلىشىم مۇمكىن..يەنە كىلىپ مەن بۇ جەرياندا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم خالىىسىڭز ماڭا ماقۇل دەڭ بولامدۇ؟
-نىمە پاكىستانغا قايتىپ كىتەمسىز؟ ياق ياق...
مەن يىغلىغىنىمچە يۈگۈرۈپ كىتىپ قالدىم ئادىلمۇ كەينىمدىن يۈگرەپ بېرىپ مىنى توختاتقاندىن كىيىن چۈشەندۈردى ۋە كۆزۈمدىكى ياشلارنى سۈرىتتى
-ماڭا ئىشىنىڭ مەن سىزگە تىلفۇن قىلىپ تۇرىمەن يەنە تىخى ئاپام ئۆيدە قالىدۇ زىرىككەن چاغلاردا بېرىپ ئويناپ كىتىڭ مەن كەلگۈچە ...مەن پەقەت شۇ 1 يىلغا قالماي قايتىپ كىلىمەن ۋەدە بىرەي،،،
-ناۋادا كەلمىسىڭىزچۇ؟...مەن قانداق قىلىمەن؟
-چوقۇم كىلىمەن،،مەۋلۈدە سىز ئەمدى 13 ياشقا كىردىڭىز شۇنداققۇ؟مەن سىز ئوقۇش پۈتتۈرگەن چاغدا سىز بىلەن تۇي قىلىمەن قاراپ تۇرۇڭ ھە..
-قارا..گىپىنى...
مەن ئادىل بىلەن شۇنداق پاراڭلىشىپ ئۇنىڭغا نۇرغۇن ۋەدە قەسەملەرنى بىرىپ يۇلغا سېلىپ قويدۇم تاكى مۇشۇ چاغقا قەدەر ئۇنىڭ ماڭا دىگەن شۇ بىر ئېغىز گىپى ھېلھەم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
-ئادىل ناۋادا سىز چوڭ بولۇپ بىرەر قىزلارنى تېپىۋالسىڭىزچۇ؟
-بۇ سائەتنى كۆردىڭىزمۇ مەۋلۈدە ..بۇ سائەت مىنىڭ يۈرەك سوقۇشۇمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ قاچانكى بۇ سائەت توختاپ قالىدىكەن مىنىڭ يۈرىكىمنىڭ باشقا بىرى ئۈچۈن سوققانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ ھەرگىز بۇ سائەتنى ئۆچۈرۈپ قويماڭ.
بۇ گەپلەر ھېلھەم مىنىڭ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇراتتى،مەن ئادىل كەتكەن شۇ كۈندىن باشلاپ روھسىز بىر ئادەمدەكلا بولۇپ قالغان ئىدىم يەنە كىلىپ بۇ قەلبىم ئاللىقانداق سوئاللارغا تولغان ئىدى.ئارىلاپ ئارىلاپ ئادىلنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئاپىسى ئامىنە ھەدەمگە قارىشىپ بىرەتتىم يەنە كىلىپ مىنىڭ ھەممىلا ئەھۋالىمدىن تولۇق خەۋەردار ئىدى.

ئادىل ئائىلىسىگە يالغۇزلا ئوغۇل بولۇپ ئۇنىڭدىن سىرىت ئۇنىڭ دادىسى كاتتا بىر باي تىجارەتچى ئىدى،قىسقىسى ئادىلنىڭ دادىسى يارى ئاكاممۇ ئادىل ئىككىمىزنىڭ ئىشلىرىنى بىلەتتى مەنمۇ بۇ ئۆيگە بىمالال كىرىپ چىقىپ قىلىۋىرەتتىم ئادىل كەتكەن كۈندىن باشلاپ كۈنلىرىمنى شۇنچە تەستە ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ئىدىم نۇرغۇن كۈنلەر كۈتۈش ئارقىلىق ئادىلنىڭ كىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولۇپ قالغان ئىدى.

مەنمۇ بىردەمدىلا 15 ياشقا كىرىپ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئىمتاھانى بىرىدىغان ۋاقىتلىرىممۇ كىلىپ قالغان ئىىدى مەنمۇ ئىمتىھانغا پۇختا تەييارلىق قىلىپ ئىمتاھاندا سىنىپ بويىچە قىسقىسى مەكتەپ بويىچە 1 جى دەرىجە بولدۇم .تاغامنىڭ قىزى زۇلمىرە مەن بىلەن بىر سىنىپتا ئىدى شۇ سەۋەپتىن بىز كۆپ قېتىملاپ سوقۇشۇپ قالاتتۇق
مەن ئىمتاھاندا ھەرقىتىم سىنىپ بويىچە ئالدى بولۇپ ماڭغان بولسام زۇلمىرە ھەمىشە كەينىدىلا قالاتتى شۇ سەۋەپتىن دىلارە ئاپام ماڭا ھەمىشە ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايتى،ھەم مىنى ئۆچ كۆرەتتى .

ئادىل ئاخىرى قايتىپ كەلدى مەن بۇنى بىلىپ يۈگۈرگىنىمچە مەھەللە دوقمۇشىغا كەلگىنىمدە كىيىنشلىرى ئىلگىركىدىنمۇ پوچى شۇنداقلا شۇنداق ئىگىز ھەم كىلشكەن بىر بالا كۆزۈمگە چېلىقتى ئەجەبا بۇ مەن نەچچە يىللاردىن بىرى ساقلىغان ھەم ياخشى كۆرگەن ئادىل شۇمۇ؟
مەن شۇ خىياللار بىلەن يۈگۈرۈپ كىلىپ ئۇ بالىنىڭ كەينىگە بىرنى قويدۇم.ئۇ بالا چۆچۈپ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى ئۇ ئادىل ئەمەس ئىدى.
-خانقىز تىچلىقتۇ؟ كۈپ كۈندۈزدە ئادەم قورقۇتۇپ،،،
-كەچۈرۈڭ بىرىگە ئوخشىتىپ قاپتىمەن ،،،سىز بۇ مەھەللىگە يېڭى كەپسىز دە ...
-ھەئە ...شۇنداق...بىر ئادەمنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدىم ،،ئەپسۇس ئۇ ئۆلۈپ كىتىپتۇ ...
-كىمكەن ئۇ...مەن تۇنۇمدىم؟شۇنىڭغا قارىغاندا سىزمۇ غولچىلىقكەنسىز دە...
-ھەئە قانداق دەيسىز؟
-مەن سىزنىڭ گەپلىرىڭىزدىن بىلىۋالدىم ،،،بىراق تۇرقىڭىزدىن غولچىلىقتەك كۆرۈنمەيسىزكەن بەك ئاقسا دەڭە،،،مەن تېخى سىزنى چەتئەللىك بولسا كىرەك دەپ ئويلاپتىمەن،
-ھى..ھى..شۇنداقمۇ مەن شۇنداق كۆرنەمدىمكەن؟
-ھەئە،،،ھەرھالدا،،،بولدى مىنىڭ ئىىشم بار ئىدى خوش ئەمسە،،،
مەن يۈگۈرۈپ مەھەللە دوقمۇشىدا بىردەم تۇردۇم ئەمما ئادىل چىقىمىغان ئىدى،قولۇمدا ئۇ ماڭا ئەينى چاغدا سوۋغا قىلغان سائەت ھەم خاتىرە دەپتەر بار ئىدى بىراق ئۇ ھېچ كىلىدىغاندەك ئەمەس زىرىكىپ ئۆيگە كىرىپ كىتەي دەپ مەھەللەمگە كىرىشىمگە ئادىل بىزنىڭ مەھەللدە ئۇچرىدى،
ئۇ ئەمدى بوي بەسىتلىك قاۋۇل بىر يىگىت بولۇپ قالغان  ئىدى ھەرھالدا 18 ياشقا كىرىپ قالدى دە مەن كۆرۈپ شۇنچە خۇشال ھالدا كۆرۈشتۈم،
-نىمانداق چوڭ بولۇپ كەتتىڭ قارىغىنا سىنى
دىدىم مەن ئادىلنى مۇشلاپ قويۇپ
-سىزمۇ بىر چوڭلا قىز بولۇپ كىتىپسىز مىنى سېغىندىڭىزمۇ يۇق؟
-بەز...خىجىل بولماي دەۋاتقان گىپىنى...سىنى مەھەللە بىشدا ساقلاپ تۇرسام ياكى كەلمىدىڭ تاسلا قاپتىمەن بىر يىگىتنى ئادىل ئوخشايدۇ دەپ قۇرقىتىپ قالغىلى،،،
-مەنمۇ سىزنى ئىشىكىڭىز ئالدىدا ساقلاپ تۇرىۋىرىپتىمەن دەڭە،،قاراڭە بۇ زەنجىرنى سىزگە ئېلىپ كەلدىم ياقتۇردىڭىزمۇ يۇق؟
-ھەئە ياقتۇردۇم بەك چىرايلىقكەن...بۇ خاتىرىنى سىز كىىتپ قالغان كۈندىن باشلاپ يازغان يەنىلا سىز بىر ئوقۇپ چىقىڭ
مەن خىجىل بولۇپ قولۇمدىكى خاتىرىنى ئادىلغا سۇندۇم بىز شۇنداق كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىپ تۇرغىنىمدا ئايگۈل چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرگەن ھالدا يىنىمغا كەلدى ۋە ئادىل بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەشكە باشلىدى.
-ساڭا..بىر گەپنى دەي...ئۆگۈنلۈككە مەكتەپكە بارىمىزكەن ئاڭلىشىمچە بۇ قىتىمقى ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرنى ئالماتۇ>غا ساياھەتكە ئاپپارغۇدەك چوقۇم سەن بارىسەن..
-راسىتما؟ نىمانداق ياخشى،،،
مەن خۇشاللىقتىن كۆككە يەتكۈدەك بولدۇم ئەمما تۇيۇقسىزلا ھاممام چوقۇم رەت قىلىدۇ دىگەن ئويغا كىلىپ قالدىم ،ئايگۈل كىتىپ قالغاندىن كىيىن مەن ئادىل بىلەن بىردەم پارڭلىشىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم .

ئارىدىن 1 ھەپتە ئۆتتى مەكتەپتىن ئالماتۇغا ئاپپىرىپ ساياھەت قىلدۇردىغان بىلەتنىڭ سانى ماڭا كەلدى ھاممام بۇنى خالىمىسا كىرەك مىنىڭ بىرىشىمنى رەت قىلىپ قويدى،بىر كۈنى ئەمدىلا سىرىتتىن كىرىىپ تۇرىشىمغا ھاممام سىرىتقا ماڭغان ئىكەن مەنمۇ گەپ-سۆز قىلماي ئۆيگە ماڭدىم .

-سەندىن بىر گەپنى سوراي راسىت گەپ قىل ھە...
دىدى ھاممام ئايىغىنى سۈرىتكەچ
-نىمە گەپ قېنى سوراڭ...سنىڭ ھېلىقى ئادىل بىلەن نىمە ئالاقەڭ بار؟ئۇ دىگەن كاتتا باينىڭ ئوغلى ئۆزۈڭنى چاغلاپ ئىش قىل جۇۋاينىمەك..
-ئۇ مىنىڭ ھېچنىمەم ئەمەس..شۇ مىنىڭ پەقەت ييقىن دوسىتتۇم ھامما...باشقا ھېچقانداق گەپ يۇق..
ھاممام ماڭا سوغۇق نەزەردە ھۆرپىيىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى دەل مۇشۇ كۈن دەل مۇشۇ پەيىت مىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىمنى ۋەيران قىلىشىمغا تۈرىتكە بولۇپ قالغان ئىدى،دەل مۇشۇ بىر كۈن مىنى ھەممىلا نەرسەمدىن مەھرۇم قىلىپ مىنى جەميەتنىڭ پاتقاقلىرىغا سۆرەپ بۇ قەلبىمنى تۈگىمەس ئەندىشىگە سالغان شۇنداقلا مىنىڭ  بۇ پاك قەلبىمنى بۇ پاك غورۇرۇمنى دەپسەندە قىلغان مەڭگۈ ئەستىن چىقماس بىر كۈن بولىدى  مەن ھاممامنىڭ بۇنچىلىك چۈپرەندە ئىكەنلىكىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىدىم

                                   داۋامى بار.


داۋامى ئىنكاسقا يوللىنىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-24 10:19 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7911
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1847 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 05:46:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمەن.....

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 08:45:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: ئىگىسىز قالغان خاتىرە

jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 11:43 PM
داۋامى ئەتە يوللىنىدۇ


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-24 08:45:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

RE: ئىگىسىز قالغان خاتىرە


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25798
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5501
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 01:54:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس،موللامنىڭ پەتىسى دىگەندەك،،،نىمانداق تۈگىمەيدىغان ئەتە بۇ؟

دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 12:51:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahzada517 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-28 01:54 AM
ھورۇننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس،موللامنىڭ پەتىسى دىگەندەك،،، ...

بەخىتسىز....نىمگە بۇنچە قايناپ كەتتىڭىز ئەمدى

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25798
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5501
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 12:54:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش