تەكفىر مەسىلىسى
جەمئىيتىمىزگە قارايدىغان بولساق، گەپ سۆزى، تەقى – تۇرقىدىن چىن ئىخلاس، تەقۋادارلىق ۋە دىنغا بولغان قىزغىنلىق يالقۇنلاپ تۇردىغان، ئىبادەتنى شۇنچىلىك ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدۇكى، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى ئالدىدا بىزنىڭ ئىبادەتلىرىمىز ھېچ نېمە ئەمەسكەن دەپ قالىدىغان، لېكىن دىنى بىلىملەرگە ئەتراپلىق ئىگە بولمىغان، يۈزەكى چۈشەنچىگە تولۇپ تاشقان بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ<< ئۇ كاپىر، بۇ كاپىر>> دەپ كىشىلەرنى تۈرگە ئايرىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
بەلكىم بۇ ،دىيارىمىزدا 90-يىللارنىڭ بېشىدا پەيدا بولغان <<ئەھلى تەكفىر - مۇسۇلمانلار ئىچىدىن كاپىر ئىزدەيدىغانلار>> نىڭ قالدۇقلىرى بولۇشى مۈمكىن. بۇ خېل ئېقىمنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى خورۇتۇشى ۋە ئىتتىپاقلىقىغا يەتكۈزىدىغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر مۇسۇلمانلار ئارسىىدا پىكىر قالايمىقانچىلىقىنى پەيدا قېلىپ، دىنى خىزمەتتىكى تەرەققىياتنىڭ يولىنى توسۇپ، باشقىلار ئارزۇ قىلغاندەك بىر مۇددەت ئىچكى تالاش-تارتىش بىلەن بولۇپ كېتىشىمىزگە سەۋەبچى بولىدۇ-دە، باشقىلارنىڭ مەقسىتى ئاسانلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇ ۋاقتتا ئۇلار ئۆزىمۇ ھېس قىلماستىن قۇرئاندا دېيىلگەندەك بۇزغۇنچىلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالغانلىقىنى ناھايتى كىچىكىپ، ھېس قىلالىشى مۈمكىن:
«
ئۇلارغا زىمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار دىيلسە ئۇلار : بىز پەقەت ئىسلاھ قىلغۇچىلار دەيدۇ . دىققەت : ئۇلار ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلاردۇر ، لېكىن ئۆزلىرى تۇيمايدۇ»( سۈرە بەقەر 11- ئايەت ) .
يەنە كېلىپ بۇلار بىلىمسىزلىكى تۈپەيلى، باشقىلارنى <كاپىر> غا چىقىرىشتا ئىسلام پىرىنسپلىرىغا ئاساسلانماستىن، ئۆز خاھىشىغا ئاساسلانغاچقا، جەمئىيەتنى كاپىرغا چىقىرىش بىلەنلا كۇپايىلەنمەي، ئاتا-ئانىسىنى، ھەتتا ئۆزىنىمۇ كاپىرغا چىقىرىۋېتىدۇ، بەزىلىرى جەمئىيەتنى كاپىرغا چىقىرىش بىلەن بولدى قېلىدۇ. بۇ خاتا كۆز قاراشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى، ئەتراپلىق دىنى مەلۇماتقا ئىگە بولمىغانلىقتىن كىلىپ چىققان دىسەك خاتالاشمايمىز.
ئەمەلىيەتتە دىنى نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بىر ئادەمنى < كاپىر> دەپ ھۆكۈم قېلىش،شۇ ئادەم بىلەن تۇرمۇش، ئېلىم –سېتىم ،ئالاقە -مۇناسىۋەتكىچە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىنتايىن چوڭ پاسىل.
بۇنداق تەقۋا سۈپەت كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە نامايەن بولغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىمام بۇخارى ئەبا سەئىد خۇدەرىدرىدىن مۇنداق بىر ھەدىسنى نەقىل قېلىدۇ « بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەقسىمات تەقسىملەۋاتاتتى، ئۇنىڭ قېشىغا زۇلخۇۋەيسىرە دىگەن بىر ئادەم كىلىپ، رەسۇللاھقا مۇنداق دىدى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئادىللىق قىلغىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :
ۋاي ئىست ساڭا! ئەگەر مەن ئادىللىق قىلمىسام كىم ئادىللىق قېلىدۇ.(يەنى ئادىللىق قىلماسلىقنى جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىم) دىۋىدى، ئۆمەر(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ماڭا يول قويسىلا بۇنىڭ كاللسىنى ئالاي ، دىۋىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
بولدى قىل! ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بار، (ئۇلار قارىماققا شۇنداق كىشىلەركى)سىلەرنامىزىڭلارنى ئۇلارنىڭ نامىزنىڭ قېشىدا ئاز ھېس قىلىپ قالىسىلەر، روزاڭلارنى ئۇلارنىڭ روزىسنىڭ قېشىدا ئاز ھېس قىلىپ قالىسىلەر، بۇلار قۇرئان ئوقۇيدۇ ،لېكىن قۇرئان ئۇلارنىڭ كېكىردىكىدىن ئۆتمەيدۇ(يەنى قۇرئاننىڭ چۈشەنچىسى ئۇلارنىڭ ئىددىيسىگە كىرمەيدۇ دىن كىنايە)، بۇلار خۇددى ياچاقتىن ئوقيا چىقىپ كەتكەندەك ،دىندىن چىقىپ كېتىدۇ» دېدى .
مانا بۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ قۇسۇر تېپىشى، ئۇلارنىڭ توختاۋسىز ھالدا ياخشىلاردىن يامانلىق، مۇسۇلمانلاردىن كاپىر ئىزدەيدىغان تەبىئىتى بايان قېلىپ بېرىدۇ.
بۇلارنىڭ يەنە بىر سۈپىتى، بۇلار ھەقىقى ئۇچۇق كاپىر دىنسىزلار بىلەن كارى يوق بولۇپ مۇسۇلمانلارغا نۇمۇر قويۇش بىلەن بولىدۇ، ئۆزىنىڭ تەقۋالىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام بۇلارنىڭ سۈپىتى بايان قىلغاندا «
ئۇلار (ئۆزلىرنى تەقۋا دەپ دەۋا قىلغان شۇ كىشىلەر)بۇت (شېرىك ) ئەھلىنى تاشلاپ قۇيۇپ مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشىدۇ » (بۇخارى نەقىل قىلغان )دىگەن.
ۋەھالەنكى بىز ھازىر ياخشىلاردىن يامانلىقنى ئەمەس، يامان كىشىلەردىن ياخشىلارنى، مۇسۇلمانلاردىن كاپىر ئەمەس ، كاپىرلار ئىچىدىن مۇسۇلمان ئىزدەيدىغان باسقۇچىتىمىز. ھېچ قايسىمىز قازى ئەمەسمىز، بىز پەقەت باشقىلارنى ياخشىلىققا چاقىرغۇچى. باشقىلارغا كاپىر، مۇناپىق دەپ ھۆكۈم چىقرىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ياخشىلىقنى يەتكۈزۈش «
ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرىسە(ئىمانغا كىرىشكە ئۇنىمىسا ساڭا ھېچ زىيان يوق ) سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت روشەن يەتكۈزۈشتۇر»( سۈرە نەھلى 82- ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى بىزگە قانداق ئادەمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ : «
كىمكى بىز ئوقۇغان نامازنى ئوقۇسا، بىز قارىغان قىبلىگە قارىسا ، بىز بۇغۇزلىغان گۆشلەرنى يىسە، ئۇ مۇسۇلماندۇر، ئۇنىڭ مەنپئەتى بىزنىڭ مەنپئەتىمىزدۇر، ئۇنىڭ زىينى بىزنىڭ زىينىمىزدۇر» (بۇخارى نەقىل قىلغان) .
ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسنىڭ پىشۋاسى تەھاۋى (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ:
ئەھلى سۈننە ئەقىدىسى شۇكى : يۇقارقى ھەدىسنىڭ روھى بۇيىچە بىر ئادەم ئىمان ئەركانلىرى(ئاللاھقا ئىشىنىش، پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش، كىتابلىرىغا ئىشىنىش، ئەلچىلىرگە ئىشىنىش، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىش، قەزا قەدەرگە ئىشىنىش تىن ئىبارەت) ۋە ئىسلام ئەركانلىرى(شەھادەت ،ناماز، زورا، زاكات،ھەج )نى ۋە ئۇچۇق دەلىل بىلەن ھالال ھارام قېلىنغان نەرسىلەرنى ئىنكار قىلمىسا ، ھەرقانداق چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالغان بولسا كاپىر بولمايدۇ، ئىسلام مىللىتىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ .
قەلەمكەش: ئۈمىدۋار
http://www.tepekkur.com/index.php/archives/874.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-25 10:57 AM