ھۆرمەتلىك تەھرىر رەسىملەرنى يوللىيالماي تولىمۇ تەسلىكتە يوللىدىم شۇڭا خاتاكەتكەن جايلىرى بۇلۇپ قالسا تۈزۈتۈپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن !!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 2013يىلى -3ئاينىڭ 21-كۈنى خوتەن كۆھمارۇم (يەنەبىر ئىسمى سەھۋالىم ) سەيلىگاھىدا نورۇزلۇق چېلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىگە ئاقسۇ ئاۋات كوماندىسىدىن ئون ناچچە پالۋان، خوتەن قارقاش كوماندىسىدىن ئوتتۇز نەچچە پالۋان، خوتەن شەھەر كوماندىسىدىن يىگىرمە نەچچە پالۋان قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ كۈچىنى سىناشتى، مۇسابىقە شىددەت بىلەن داۋام قىلىپ پالۋانلار ئۆزرەقىبىنى باركۈچى بىلەن يېقىتىپ گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە كۆپ ئۇتۇقلار نى قولغاكەلتۈردى . ئاقكۆڭۈل ساددا خەلىق ئۆز ئوغلانلىرىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدى .سۆيۈندى شۇنداقلا ئالەمچە پەخىرلەندى كەمىنە بۇپائالىيەتتىن مۇنبەرئەھلىنى خەۋەردارقىلىش مەخسىدىدە بىرقاتار رەسىملەرنىمۇ تارتتىم، شۇنداقلا دوسلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم !.
ھازىرچە مۇسابىقە باشلىنىشقا بىر ئازۋاقىت بارئىكەن، شۇڭا ئاڭغىچە سەيلىگاھنىڭ مەنزىرسىدىن بىر دەم ھوزۇرلىنىپ بازا چۆگىلىيلى !
چېلىش مۇسابىقىسىگە كەلگەن خەلىق مەيدان غاقاراپ كىتىۋاتماقتا ،راس كۆھمارۇم سەيلىگاھىدا چېلىشمۇسابىقىسى قىززىۋاتقىنىغا بۇدا ئۈچ ھەپتە بولدى ، بۇقېتىمقى سەيلىگاھنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى مۇسابىقە نۇرۇز بايرىمىغا ئۇدۇل كەلگەچكە قايسى بىر مەكتەپ لەردىن ئوقۇغۇچىلارنى ساياھەتكە ئېلىپ چىققان چېغى شۇڭا سەيلىگاھتا بۇقېتىم قىزلار كۆپرەك كۆزگە چېلىقىپ قالدى شۇنداقلا ئىختىيارسىز رەسىمگە تارتىلىپ مۇ كىتىلدى .
سەيلىگاھتىكى ئاسماكۆۋرۈك
ئاجايىپ تاتلىق سۇ
ھەركاللىدا ھەرخىيال
ئاۋال كاۋاپ يەپ ئاندىن مەيدانغاكىرىلى.
ئوخخو قىزلىرىمىز نىمىدىگەن مودا ھە ...
بازار قىززىپ كەتتى نىمەيىسىڭىز شۇبا
توخۇيەمسىز يا !!
گۆشكىردە يىسىڭىزغۇ رەسمى پايدىقىتتى !
ماۋۇ مەندەي ئۇز ئەدەم بۇسىز ئەينا گۆشكىردە يېسىڭىز
بازا چۆگىلەپ بولدۇق ئەمدى چېلىشقا ماڭىلى ئاۋال بىلەت ئېلىشنى ئۇنۇتماڭ بىكادا ئىشيوق ھېچيەدە !
تاماششابېنلا ئازيا ئەمدى ئاۋۇغۇلتۇيا مىكى .
بىزمۇ ياش ۋاىتىمىزدا ھەر باللىنى يەچىشلەتكەن ھېلى ھەممۇ بېلىمنى بىرتۇتۇپ باقامسىز يا !
ئاۋۇ كاستىيوم بورولكا كەيگەن كىشى نامى مەشھۇر يولۋاس رېپىر قېشىدىكى ئەزمەت بولسا خوتەن شەھەر كوماندىسى ۋە خوتەن خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى رۇزتوختى پالۋان !
خوتەن شەھەر كوماندىسىدىكى پالۋان رۇزتوختى قارقاش كوماندىسى چېلىش ئۇستىسىنى گەرچە ياش جەھەتتە چوڭ تەن قۇرۇلمىسى جەھەتتىمۇ ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغان بولسىمۇ چەبدەسلىك بىلەن قارقاش ماھىرىنى ئىككى مەيدان يەرچىشلىتىپ ئاۋامنى قايىل قىلدى .
ئاقسۇ ئاۋات كوماندىسىدىكى پالۋان خوتەن شەھەر كوماندىسىدىكى پالۋان بىلەن مەيدانغاكىردى !
مەيداندىن بىر كۆرۈنۈش
خەلىق ھاياجان ئىلكىدە !
خوتەن شەھەر كوماندىسى ۋە ئاۋات كوماندىسى رىقابەتتە !
پەيتتاللاش پۇرسەتيارىتىش رەقىبىڭنى كۆزۈتىش مۇھىم كىچىككىنە بىخۇتلۇق قىلىدىكەنسەن ئۆزۈڭنىڭ قانداقلەرچە يېقىلغىنىڭنى بىلمەيلا قالىسەن !
خوتەن شەھەر كوماندىسىدىن ئەزىمەت مەيدانغا چقتى
ماھىرلار كەسكىن جەڭدە !
يولۋاس رېپىر مەزى مەسىلىلەرنى ئاۋامغا چۈشەندۈرمەكتە !
ئەمدى كىم چىقىتكى مەيدانغا !
نۆۋەتتىكى ئىككى ماھىر خوتەن كوماندىسىدىن روزتوختى قارقاش كوماندىسىدىن مەتنىياز بولۇپ بۇمۇسابىقىگە سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇسابىقە ئىككىلى ماھىر خوتەن شەھەر ۋە قارقاش ناھىيىسىنىڭ ئەڭ قابىل ئەڭ ياراملىق ئەزىمەتلىرى بۇ مۇسابىقە خۇددى ئىككى شىرنىڭ ئېلىشىشىدىن دىرەك بىرىدىغان بولۇپ ئاۋام خەلىق پۈتۈن بىركۈندە مۇشۇنداق ياراملىق ئوغلانلارنىڭ كۈچسىنىشىشىنى كۆرىۋالسا بۇپائالىيەتتىن تامامەن رازى بولغان بولىدۇ . بۇمۇسابىقىدە خوتەن شەھەر كوماندىسىدىن رۇزتوختى ئىككىگە قارشى بىرنەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولدى. قارقاش كوماندىسىدىكى مەتنىياز ئاخىرقى غەلبىنى گۈلدۈراس ئالقىشسادالىرى ئىچىدە قولغاكەلتۈردى ،ئەلۋەتتە بۇئالقىش غەلبە ئۇنىڭغا ئاسانغا توختىمىدى چۈنكى ئۇنىڭ رەقىبىنى سەل چاغلاشقا بولمايتتى . شۇنداقلا بۈگۈنكى بۇمەغلۇبىيەت پالۋىنىمىز روزتوختىغا نۇرغۇن ساۋاق ۋەتەجرىبىلەرنى قالدۇردى ،پالۋىنىمىز روزتوختى گەرچە بۇقېتىمقى مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ خەلىق ئۇنىڭغابولغان ئىشەنچىسىنى يەنىلا يوقاتقىنى يوق. چۈنكى ئۇ خوتەن شەھەر كوماندىسىغا تالاي قېتىم شەرەپلەرنى كەلتۈرگەن ئىدى .
شۇنداق قىلىپ مەتنىيازنىڭ غەلبەقىلىشى بىلەن بۇگۈنكى مۇسابىقە مۇشۇيەردە ئاخىرلاشتى رىياسەتچىنىڭ دىيىشىچە كىلەركى ھەپتە قەشقەر ۋەكىللەر كوماندىسىدىن ئەزىمەتلەر كىلىپ خوتەن شەھەر ۋە قارقاش كوماندىسىغا رىقابەت ئېلانقىلماقچى ئىكەن ،ئەمىسە كىلەركى ھەپتە پۇرسەت بولسا دوسلارنى يەنە خەۋەردار قىلىمەن .
ھۆرمەت بىلەن : مىسرانىم ئەزاسى شىۋاس