مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: erkinlik

ئۇيغۇر تىل- يېزىقىمىزنى قوغدايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2997
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21247
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2121 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:14:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلنى بىلمىگەنلەر ئاستا-ئاستا زاۋاللىققا يۈزلۈنىدۇ.ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلەش ئىقتىدارى بەك يۇقۇرى تىلدۇر.شۇڭا ----

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 461
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 856 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:21:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
            
   ئانا تىلىمىز گۈللەنسۇن!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا تىل ئىشقىدا ئوت بولۇپ يانغان،  ئەقىدە ئىتىقادلىق قېرىنداشلىرىم!  . ئۆزىنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان ھەربىر ئۇيغۇر،  ئاناتىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىرىسلىرىغا قارشى تۇرۇپ ئۇيغۇرتىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئويلىماي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە!  ' يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراپ باقساق زاڭزۇلارغا قوش تىل يوق، يەنە قوش تىل ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا خىرىس قىلىۋاتقان ئىش يوق، زاڭزۇلارغا پىلانلىق تۇغۇت يوق، زاڭزۇلارغا دىننى سۇسسلاشتۇرۇش، دىننى چەكلەش، ھەمدە ساقال بۇرۇت قويۇشنى چەكلەش، رومال ئاتىشنى چەكلەش، دىگەندەك ئىش يوق! پەقەت بۇنداق سىياسەتلەر بىزدەك ياۋاش مىللەتكىلا يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ بىزنىڭ ئوت يۈرەك زىيالىرىمىزدىن ئاكادىمىك ھوشۇر ئىسلام، ئالىم ئەھەت،  ئۆتكۈر ئەركىن..............قاتارلىق ئانا تىل ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان شەخىسلىرىمىزنىڭ ئەجرى مىھنىتى،   ئىرپان، بىلكان، قارلۇق، قۇتلان، مۇئەللىم ...........قاتارلىق شىركەتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل تەرەققىياتى شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنىڭ كومپىيوتېر، تېلفون.......قاتارلىقلاردا تونۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇجەھەتتە يەنى كومپىيوتېر، تېلفون قاتارلىقلارغا تونۇتۇلۇشتا، بولۇپمۇ. wndwos 8 ئۇيغۇرچە تىل بۇلۇقىنىڭ ئېچىلىشى جەھەتلەردە "جۇڭگۇدا خەنزۇتىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، تۈرىك تىللىرى جەھەتتە تۈركىيە تىلىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، ئەرەپ يېزىقىغا مەنسۇپ يېزىقلارغا نىسبەتەنمۇ بۇ جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىشى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.!
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەر تىللىرىغا قارىغاندا ئۆزىنى ياخشى قوغدىغان. مەسىلەن : يېقىنقى بىر ھۆكۈمەت سىتاستىكىسىدا ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ  ئەھۋالى مۇنداق. :
(1) مۇڭغۇللارنىڭ 30٪مۇڭغۇلچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 40٪مۇڭغۇلچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 70٪مۇڭغۇل مۇڭغۇليېزىقىنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(2) 95٪مانجۇ، مانجۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، مانجۇچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(3)25٪تىبەت تىبەتچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 70٪تىبەتچە خەتنى ئوقۇيالمايدىكەن.
(4)65٪جۇاڭزۇ، جۇاڭزۇچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 85٪جۇاڭزۇچە خەتنى ئوقىيالمايدىكەن.
(5)10٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن. 20٪ئۇيغۇرچە ئالاقە قىلالمايدىكەن. 30٪ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇشتا ساۋاتسىز ئىكەن.
بىرمىللەتنى ئاسىمىلاتسىيە بولۇپ كىتىشتىن ساقلاپ تۇرىدىغان ئۈچ نەرسە بار.(1)تىل يېزىق.(2) دىنى ئىتىقاد.(3) مىللى ئۆرۈپ ئادەت ۋە مىللى مەدەنىيەت. شۇڭا بىزنىڭ دىنىمىز، تىل يېزىقلىرىمىز ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقان بۇلىشى مۈمكىن......قالغىننى بىلگۈچى بىر ئاللا...
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمى ئۇلۇغ خانلىقلارنى قۇرغان، قەدىمى مەدەنىيەتلىك ئىنىرگىيەسىگە ئىگە ئۇلۇغ مىللەت. ئېنگېلىز تارىخچىسى جەيمز چېچۋودنىڭ 50 يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ مىۋىسى بولغان ( مۇ قۇرۇقلۇقى) ھەققىدىكى بايانلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ 20 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇنى بىلگەن جاللات سىتالىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كىلىشىدىن قورقۇپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى قىرىپ يوقىتىۋەتكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى غەربى تۇركىستاندا خېلى كۆپ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەكلەردەك ئاپتونومىيە بەرمىگەن. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كىتىشىگە تۈرىتكىلىك رول ئوينىغان. ھەمدە غەربى تۇركىستاننى سوراشتا،"  قازاق، قىرغىز قاتارلىقلار ياشلىرىنى تەربىيلەپ شۇلاردىن پايدىلانغان. ئۇيغۇرلارنى ئاساسەن ھاكىمىيىتىگە ئىشلەتمىگەن.
دىمەك سىتالىن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداق ئىچكى ئىنىرگىيەگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىدىن قورۇققان.  
بىزنىڭ ئانا تىلىمىز مەكتەپلىرىمىزدە چەتكە قېقىلىپ، تەپمە تاياققا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا قۇياشتەك نۇرچاچماقتا.. ... يېقىندا توردا ئىلان قىلىنغان : ئامرىكا قاتارلىق نۇغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى ئالى مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلغانلىقى بۇنىڭ تىپىك مىسالى...مەن ئوت يۈرەك ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىزنىڭ توختىماي ئىزدىنىشى بىلەن ئانا تىلىمىز يوقالمايدۇ!  دەپ قارايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز تەڭ،  قولىمىزدىن كىلىشىچە ئانا تىلىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كىرەك!
قانداق كۈچ چىقىرىمىز؟ مىنىڭچە ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئوت يۈرەكلەرنى قوللاشمۇ ئانا تىل مەۋجۇتلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىق بولىدۇ. ھېچ بولمىسا بىلكان، قۇتلان ......قاتارلىق ئانا تىل تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان شىركەتلىرىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسەكمۇ ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بولىمىز. مەن ھازىر بىلكان ئەقلىفونىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. يېڭىدىن بازاغا سېلىنغاندىلام سېتىۋالغان ئىدىم مەسىلە كۆرۈلمىدى. بۇيازمىنىمۇ مۇشۇ تېلفوندا يېزىۋاتىمەن،  تېلفوندا ئەسەر يوللاۋاتىمەن. قەيەردە ئىلھام كەلسە شۇيەردىلا تېلفون ئارقىلىق خەت يازىمەن. خالىغان يازمىلارنى ماقالىلارنى ئىلكىتاپلارنى ساقلىۋىلىپ ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن. شۇنداق قولاي. سەككىز يۆنىلىشلىك لۈغەت، بىر بىرىدىن ئىسىل ئانا تىلدىكى ئەپلىرىنىڭ ھەددى ھىساۋى يوق. ئىھتىياجغا قاراپ ئىشلەتسەك بولىدىكەن. شۇنداق راھەت!
قېرىنداشلىرىم!!  
قولىمىزدىن كىلىشىچە ئانا تىل ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى!
ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر ھىساپلايدىغان بولساق ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن ئىككى ئېغىز ھەق گەپ قىلايلى! . ئىش قىلىپ قانچىلىك قىلالىساق، شۇنچىلىك كۈچ چىقىرايلى!  بۇئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ بەختى، تەختى شۇنداقلا مەۋجۇتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كاتتا ئىش!

.

           ئاناتىل

تەپەككۇرۇم سەندە ياشنار ئاناتىل.
تەسەۋۋۇرۇم سەندىن چاپارئانا تىل،
قانات قېقىپ تەسەۋۋۇرۇم سەن بىلەن،
ھەق نۇرىدا ھىكمەت تاپار ئانا تىل.
مىڭ يىل بۇرۇن شاھ ئەسەرلەريېزىلغاچ،
ئىتىقادىم ساڭا ئاشار ئانا تىل.
خاقانىيە تىلى دىيلىپ قۇياشتەك،
مىڭ يىل بۇرۇن بەرگەن باھار ئاناتىل.
بۇرۇن ئەرەپ تىل بىلەن تەڭ چاپقىنىڭ،
ۋۇجۇدۇمغا غۇرۇر قاتار ئانا تىل.
كىرگەچ ئەمدى كومپىيوتېر بېشىغا،
خىسلىتىڭ تېخىمۇ چاقنار ئاناتىل.
خۇشخەت بىلەن جۇلالىساڭ ئىلاندا،
گۈزەللىكىڭ قايناپ تاشار ئاناتىل.
سىنى كۆرسەم تىنىم يايراپ شادلىنىپ،
سەنسىز دائىم ئىشىم ئاقسار ئاناتىل.
       2013-3

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92524
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 380
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:21:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھايات-شام،ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق،كەلدىڭمۇ جاھانغا،كەتمىشىڭ ئېنىق،شۇ‹كىلىپ-كەتمەك›نىڭ ئۆزى بىر سۇئال،جاۋاپقا ھازىر بول،ئۆچكىچە تىنىق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92524
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 380
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:21:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھايات-شام،ئۆچىدۇ تۇرمايدۇ يېنىق،كەلدىڭمۇ جاھانغا،كەتمىشىڭ ئېنىق،شۇ‹كىلىپ-كەتمەك›نىڭ ئۆزى بىر سۇئال،جاۋاپقا ھازىر بول،ئۆچكىچە تىنىق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 665
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىم ئۈزىدىن باشلىسۇن

دۇنيادا ئۇيغۇر تىىلىنى بىلىدىغان ئادەمدىن پەقەت بىرسىلا قالسىمۇ ئۇئادەم دەل مىنىڭ ئوغلۇمدۇر.

سەھرانى سۆيىمەن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62585
يازما سانى: 922
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10797
تۆھپە نۇمۇرى: 1186
توردا: 988 سائەت
تىزىم: 2011-10-28
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
azrat705 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-23 08:19 PM
بىر كىتاپ بىر دۇنيا پىروگىراممىسىنىڭ يېڭى تۈزۈلگەن ''  ...

بەك توغرا گەپ بۇ. دېمىسمۇ، بۇ قېتىم ئەدەبىي تەلەپپۇزغا يېقىنلاشتۇرىمىز دەپ ئىملايىمىزنى خاتا قىلىۋەتتى.
ئابدۇقادىر جالالىددىن ئەپەندىنىڭ بىر گېپى بولىدىغان، «يېزىقىمىزنى ئالمشتۇرۇشقا  ئورۇنىدىغانلار ئاۋال...... نى ئالماشتۇرۇڭلار» دەپ.

1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن 3. ئېشەك دەرمىش: كاللام ئامان بولسىلا دېڭىزغا بېرىپ سۇ ئىچىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3407
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9063
تۆھپە نۇمۇرى: 597
توردا: 1966 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2013-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 09:56:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئانا تىلىمىز گەرچە ھۆكمەت تەرەپتىن قىزىل باشلىق ھۆججەت  چۈشۈرۈلۈپ قانۇنلۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمىلىيەتتە ھۆكمەت تەرەپتىن يەكلىنۋاتقانلىقى ئېنىق! بۇ پەقەت ئىتراپ قىلىش قىلماسلىق مەسلىسى.  مېنىڭ بەزى خىزمەتداشلىرىم يۇقلىما دەپتىرىگە ئسمىنى خەنچە يازىدۇ. ھەر قېتىم كۆرگەندە ئىچىمدە ئۆزەم بىلىدىغان سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ كېتىمەن. ئۆزىگە دېسەم مېنى زاڭلىق قىلىشى ئېنىق. بىر قانچە قېتىم مۇشۇنداق ئىش تۇغۇرلۇق قىزىرىشىپ قالغانىدىم. ئۆزىمىزنىڭ تىل- يېزىقىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك باشقىلار قاندامۇ بىزگە قەدىرلەپ بەرگىدەك؟

گۈل تېرىپ گۈلدەك ياشا

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7786
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6460 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:02:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپتىن ،يەنى- ئوقۇ-ئوقۇتۇشتىن ئايرىلغان ھەر قانداق تىلنىڭ ھاياتى كۈچى بولمايدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

مەن  ئۇيغۇرنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59036
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6444
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 754 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:23:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىم ئانامنىڭ تىلى.شۇنداقلا مىنىڭ تىلىم.
قىرىنداشلار سەگەك تۇرۇڭلار ،زاماننىڭ پەيلى يامان ،ھەر ۋاقىت قەۋمىمىزنى ئويلايلى.
بولمىسا مەن پارتلاپ كىتىمەن .يۈرىكىمنى زار زار قىلماڭلار،ھەممە ئىش شەيئىنىڭ ئىچىكى باغلىنىشىغا باغلىق.
قىلالايدىغىنىمىزنى ئۆزىمىز ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلايلى،قالغىنىغا ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى باردۇر.
ھەممىمىز ئوخشاش بىر نىيەتكە كىلەيلى.ئۇيغۇرىمىزنى قوغدايلى.

ياراتقان  نارسىلەرنىڭ  ھەممىسى  بۇيۇكتۇر،  مەنمۇ  شۇ  بۇيۇكلەر  ئىچىدىكى بۇيۇكتۇرمەن!!!

مەن  ئۇيغۇرنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59036
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6444
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 754 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 10:23:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلىم ئانامنىڭ تىلى.شۇنداقلا مىنىڭ تىلىم.
قىرىنداشلار سەگەك تۇرۇڭلار ،زاماننىڭ پەيلى يامان ،ھەر ۋاقىت قەۋمىمىزنى ئويلايلى.
بولمىسا مەن پارتلاپ كىتىمەن .يۈرىكىمنى زار زار قىلماڭلار،ھەممە ئىش شەيئىنىڭ ئىچىكى باغلىنىشىغا باغلىق.
قىلالايدىغىنىمىزنى ئۆزىمىز ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلايلى،قالغىنىغا ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى باردۇر.
ھەممىمىز ئوخشاش بىر نىيەتكە كىلەيلى.ئۇيغۇرىمىزنى قوغدايلى.

ياراتقان  نارسىلەرنىڭ  ھەممىسى  بۇيۇكتۇر،  مەنمۇ  شۇ  بۇيۇكلەر  ئىچىدىكى بۇيۇكتۇرمەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش