بابۇر مىرزىنىڭ ئۇستازلىرى (1)
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى ئاققىر
تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدىن تارىخقا قىزىقىمەن، شۇ چاغلاردا مۇئەللىملىرىم سۆزلەيدىغان تارىخ سۇلالە، پادىشاھلار خۇددى مىڭ بىر كېچە ھېكايىلىرى، مومام سۆزلەپ بېرىىدىغان چۆچەكلەرگە ئوخشاش تولىمۇ سىرلىق ۋە قىزىقارلىق بىلىنەتتى. كېيىن يەنە يۇرتىمىز، ئەجدادلىرىمىز تارىخىغا دائىر ماقالە، رومان، ھېكايە، داستانلاردىن يۇرتىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن ھەمدە يۇرتلىرىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرىگەئائىت يازمىلارنى ئوقۇيدىغان بولدۇم. كېيىن شۇنى بىلدىمكى يۇرتىمىز تارىخىنى تولۇق چۈشىنىمەن دەيدىكەنمىز جۇڭگو تارىخىنى پىششىق بىلىپلا قالماي ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنىمۇ بىلىش زۆرۈر ئىكەن.
تور ئارلاپ مەلۇم بىلوگدىن خۇرشىد دەۋران تورى دەيدىغان ئۆزبەكچە تور بەتنى كۆرۈپ قالدىم. قارىسام بۇ تور بەتتە مەن بەك قىزىقىدىغان مەشھۇر پادىشاھلىرىمىزدىن بابۇر مىرزا ھەققىدە يازمىلار خېلى كۆپتەك ھېس قىلدىم، بۇ بىلوگنىڭ ئىگىسى خۇرشىد دەۋران نامىدا ماقالە يازىدىكەن، قارىسام ئۆزبېكىستاندىكى خېلى چوڭ ژورناللاردا ماقالىلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى، نۇرغۇن ئۆزبېك ئالىملىرى بىلەن ئولتا- قوپىنىڭ بارلىقىنى دەپتۇ. دىمەك بۇ بىلوگ ئۆزبېكىستاندا نامى بار تارىخ ئالىمىنىڭ بىلوگىكەن، ئەمما ماقالىلىرى ئۆزبېكچە ئىكەن قانداق قىلىش كېرەك؟ چىقىپ كېتەي دېسەم بۇ تور بەتتە بىز بىلمەيدىغان ياكى بىز بىلىدىغان شەخسلەرگە قارتا باشقىچە قاراشلارنىڭ بولۇشى ئېنىق. ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر تىرىشىپ باقمايمۇ دىگەن نىيەتكە كەلدىم ۋە تۇنجى قەدەمدە بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم.
بىلمىم چولتا بولغاچ ئاقساقاللىق قىلىپ قالغان بولۇشۇم مۈمكىن، دوستلارنىڭ توغۇرلاپ ئوقۇشىنى سورايمەن.
بۇ ماقالە مەزكۇر ئالىمنىڭ «بابۇر مىرزانىڭ ئۇستاز ۋە پىرلىرى2» ماقالىسى بولۇپ، 1-سىنىمۇ ئىزدەپ تېپىپ يوللاش نىيتىم بار. مېنىڭچە بۇ ماقالىنىڭ بىزگە نىسبەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بولۇشى مۈمكىن، پايدىلىنىش قىممىتى بولمىغاندىمۇ 15-ئەسىردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن ئاز-تولا خەۋەر تېپىشىمىز مۈمكىن ۋە ياكى تەسەۋۇپ تارىخىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ ياخشى ماتىريالى بولۇشى مۈمكىن. قېنى ئۇنداق بولسا…..