idil يوللىغان ۋاقتى 2013-3-25 04:20 PM
ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرۇز بايرىمى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئ ...
مەھمۇد كاشغەرنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۈركلەرنىڭ ئون ئىككى مۈچىلى(بۇيەردە چاشقان يىلى، ئۇي(كالا)يىلى، يولۋاس يىلى، توشقان يىلى، تىمساھ(لەھەڭ)يىلى، يىلان يىلى، ئات يىلى، قوي يىلى، مايمۇن يىلى، توخۇ يىلى قاتارلىق ئون ئىككى مۈچەلنى كۆرسىتىدۇ. تۈركىي تىللار دىۋانى"دا بۇ ئون ئىككى مۈچەلنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن)ھازىر قوللىنىۋاتقان مىلادىيە كالندارىدىكى 3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن باشلىنىدۇ. ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ تۈركلەر تەرىپىدىن قۇتلۇقلىنىۋاتقان نورۇز ئون ئىككى مۈچەل بويىچە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدۇر. بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈرك دۇنياسىدا ۋە باشقا جايلاردا تۈركلەر ۋە باشقا بىر مۇنچە خەلقلەر يېڭى يىل (باھار) بايرىمى سۈپىتىدە نورۇزنى قۇتلۇقلاپ كەلمەكتە. پارىسچە مەنبەلىك نورۇز سۆزى naw«يېڭى» ۋە ruz«كۈن» سۆزلىرىدىن تەركىب تاپقاندۇر. تۈركىي خەلقلەردە «نورۇز» ئىسمى ھەر خىل شەكىللەردە قوللىنىش بىلەن بىرگە، ،،،،yanikun ،yenigun ،argana kun ،ulustun ulu kuniدېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالماقتا. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»ىدە nayruz «نايرۇز» شەكىلىدە خاتىرلەنگەن بۇ سۆز «نورۇز» نىڭ ئۆزىدۇر. بۇ قەيىت تۈركلەرنىڭ ئۆز تەقۋىمى بويىچە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى بولغان 3- ئاينىڭ 21- كۈنىنى مىڭلارچە يىلدىن بۇيان قۇتلۇقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
(شۈكرۈ خالۇك ئاكالىن(ئەركىن ئارىز تەرجىمىسى): مىڭ يىل بۇرۇن، مىڭ يىلدىن كېيىن
مەھمۇد كاشغەرى ۋە «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»، 95- بەت)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-26 02:49 PM